1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

گۈللىنىشكە باشلامچىلىق قىلىدىغان مۇستەھكەم تىرەك بەرپا قىلىش

− «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى باشلىنىش پەيتىدىكى خاتىرە

日期:2019年05月31日
来源:新疆日报
【字体:

100 يىللىق بوران - چاپقۇنلارنى بېسىپ ئۆتتۇق، ئەسلىي مەقسەت ئۆزگەرمىگەچكە غەيرەت - جاسارەتكە تولدۇق؛

ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قەدەم تاشلىدۇق، قەتئىي ئىرادىدىن يانمىغاچقا توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىدۇق.

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يېقىندا ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا، بۇ يىل 6- ئايدىن باشلاپ پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش قارار قىلىندى.

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، قۇرۇلغىنىغا 98 يىل، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقىنىغا 70 يىل بولغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئەسلىي مەقسەتنى قايتا ئەسلەپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يېڭى دەۋرگە جاسارەت بىلەن ئاتلىنىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

■100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ مەنىۋى شىفىرى

ئۇرۇش يىللىرىدا، مىللىي ئازادلىق ئۈچۈن ئۇ باتۇرلۇق بىلەن ھېچنېمىدىن قورقماي، يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوققا قارىماي، ئاجايىپ تۆھپىلەرنى ياراتتى؛ ئىنقىلاب مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، ۋەتەننىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۇ چەت، يىراق تاغلىق رايوندا يىلتىز تارتىپ، نام - تۆھپىسىنى چوڭقۇر يوشۇرۇپ، بىر ئۆمۈر تۆھپە قوشتى...

سابىق غەربىي شىمال دالا ئارمىيەسىنىڭ جەڭچىسى، پېشقەدەم قەھرىمان جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىش ئىزلىرى سانسىزلىغان كىشىنى تەسىرلەندۈردى. 95 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى نېمە ئۈچۈن يىللارنى بېشىدىن ئۆتكۈزسىمۇ خىسلىتىنى ئۆزگەرتمەي، ئاددىي ياشاپ ئۆمۈر بويى تۆھپە قوشۇشنى خالىدى؟ بۇ دەل ئاشۇ ساپ قەلبنىڭ بولغانلىقىدىندۇر.

بىر ئادەم شۇنداق، بىر پارتىيەمۇ ھەم شۇنداق.

«ھەممە ئالدىغا قاراپ ماڭسىمۇ، بېسىپ ئۆتكەن يوللارنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ؛ قانچە يىراققا ماڭسىمۇ، قانچە شانلىق كەلگۈسىگە يېتىپ بارسىمۇ، بېسىپ ئۆتكەن ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، نېمە ئۈچۈن يولغا چىققانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ».

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش − سانسىزلىغان ئازاب - ئوقۇبەتلىك ۋە شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، دۇنياغا كەلگىنىگە 100 يىل بولاي دېگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مۇشۇنداق بىر قىممەتلىك تەجرىبىنى يەكۈنلەپ چىقتى.

بۇ، تارىخنى ئەسلەپ چىقىرىلغان چوڭقۇر خۇلاسە − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كەلگەن كۈنىدىن باشلاپلا خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمەي، جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقىچە، يەنە قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن تەنتەنىلىك جاكارلاش − يېڭى بۇرچ، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى خىرىس ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يەنىلا پارتىيە قۇرۇلغان ۋاقىتتىكى كۈرەش قىلىش روھىنى ساقلىشى، خەلققە بولغان ساپ قەلبىنى ساقلىشى، گۈللىنىش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش تارىخىي ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى ئىمتىھانغا تېخىمۇ ئەلا جاۋاب بېرىشى كېرەك.

2017- يىلى 10- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە 19- قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» ئەڭ روشەن باش تېمىغا ئايلاندى.

«جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش. بۇ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلىدى.

ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارغا كۈچ چىقىرىشتا چوقۇم ئادەتتىن تاشقىرى روھ، ئادەتتىن تاشقىرى مەسئۇلىيەتچانلىق بولۇشى كېرەك.

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈش بىلەن بىللە، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلدى:

«ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە <ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.»

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، «ئەسلىي مەقسەت سەپىرى»نى باشلىدى.

− قانچە ئالدىغا ماڭغانسېرى، غايە - ئېتىقادنى شۇنچە چىڭىتىش كېرەك.

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ شاڭخەيگە بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1- قۇرۇلتىيى ئېچىلغان ئورۇنغا ھۆرمەت بىلدۈردى، جېجياڭ جياشىڭغا بېرىپ نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمىگە ھۆرمەت بىلدۈردى، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىغا قايتىپ كېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى قايتا ئەسلىدى.

«ئىشنىڭ باشلىنىشى ئاددىي ۋە ئاسان بولسىمۇ، راۋاجلانغانسېرى مۇرەككەپلىشىدۇ ۋە قىيىنلىشىدۇ.» ھۆرمەت بىلدۈرۈش داۋامىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى مەڭگۈ ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، تارىخنى، ئەجدادلارنى خاتىرجەم قىلغىلى، ئەلرايىنى، دەۋرنى مايىل قىلغىلى، ماھىرلىق بىلەن ئىشلەپ، ياخشى نەتىجە يارىتىپ، توختىماي ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ.»

− قانچە ئالدىغا ماڭغانسېرى، ئىنقىلابىي روھنى شۇنچە ساقلاش كېرەك.

2018- يىلى 1- ئايدا، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى ۋە ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارغا مۇنداق سەمىمىي نەسىھەت قىلدى:

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا ئۆزىمىزنىڭ كوممۇنىست، ئىنقىلابچى ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇماسلىقىمىز، ئىنقىلابىي روھنى يوقىتىپ قويماسلىقىمىز كېرەك» «پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار جەزمەن ئىنقىلابىي روھ، ئىنقىلابىي كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، باتۇرلۇق بىلەن پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ 97 يىل ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشى كېرەك».

− قانچە ئالدىغا ماڭغانسېرى، خەلقنى ئۇنتۇماسلىقنى شۇنچە ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك.

2018- يىلى چاغان ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىچۇەن دالياڭشەننىڭ مەركىزىي رايونىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ئېغىر نامرات رايونلارنى ئايلىنىپ چىقىمەن دېگەن ۋەدىسىنى قەدىمى بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيىدە، ئۇ يەنە بىر قېتىم ئەسلىي مەقسەت ئارقىلىق ئىرادىسىنى جاكارلىدى: «پارتىيەمىز دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ مىللەتنىڭ ئازادلىقىنى كۆزلەش، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلدى. خەلق ئاممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش كوممۇنىستلارنىڭ باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمەيدىغان كۈرەش نىشانى.» «كومپارتىيە پۇقرالارغا بەرگەن ۋەدىسىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىدۇ!»

− قانچە ئالدىغا قاراپ ماڭغانسېرى، شۇنچە مەسئۇلىيەتچان بولۇپ نەتىجە يارىتىش كېرەك.

بۇ يىل 3- ئاينىڭ 1- كۈنى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەلىك كادىرلارغا سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

«كادىرلار پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، پارتىيەنىڭ بۇرچىنى قەلبىگە چوڭقۇر پۈكۈشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، كىشىلىك ھاياتتىكى كۈرەش تېخىمۇ يۇقىرى ئىدىيەۋى باشلىنىش نۇقتىسىغا، تۈگىمەس مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە بولىدۇ» «ئېغىر يۈكنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان سادىقلىق، خەلققە بولغان سەمىمىي ساداقەتنى ئىزاھلاش كېرەك».

...

يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ بىردەك بوشاشماي ئىنتىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىدا ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان لو ياڭدىن ئارالنى ساقلاپ ۋەتەننى قوغدىغان، ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشقان ۋاڭ جىسەيگىچە، كەمتەر بولۇپ جاپالىق ئىشلىگەن، ئەمەلىي ئىشلىگەن لياۋ جۈنبودىن ئەڭ ئالىي يۈكسەكلىكنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، سەمىمىيلىك بىلەن ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرغان خۇاڭ دانيەنگىچە، تەيخاڭشەن تېغىدىكى يېڭى يۈ گۇڭ لى باۋگودىن قارلىق ئېگىزلىكتىكى ئۇرۇق چاچقۇچى جۇڭ ياڭغىچە... كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى ھاياتى ئارقىلىق بۇرچقا ئاتلىنىپ، ئىسسىق قېنى ئارقىلىق ساداقىتىنى بىلدۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقتەك جاراڭلىق ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتمەكتە.

قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش، ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش، 4- ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش... جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەر قېتىم تارىخنى چوڭقۇر ئەسلەش ۋە تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر خۇلاسىلەش جەريانىدا، داۋاملىق ئىلگىرىلەشتىكى ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى قوبۇل قىلماقتا.

■ئىزچىل روھنى تاۋلاش

3- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن كېيىن، چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپى زالى ئادەمگە لىق تولغانىدى، «چىڭخەي - شىزاڭ تاشيولى ئاتىسى مۇ شېڭجۇڭنىڭ يول ئېچىش روھى» دېگەن تېمىدىكى بىر مەيدان پارتىيە دەرسى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى.

ئېگىزلىك، قارلىق تاغ ۋە رەڭسىز كونا سۈرەت ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان سەھنىدە، خەيشى ئوبلاستلىق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىسى بەي جىخۇڭ ۋە خىزمەتداشلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى كوممۇنىستلارنىڭ «يول ئېچىش ھېكايىسى»نى ئورۇنلاۋاتاتتى. سەھنىدە «يول ياساش ئىشچىلىرى» يوغان بازغاننى كۆتۈرۈپ، ئۆزئارا مەدەت بېرىپ، «ئۆلسەكمۇ، لاساغا قاراپ تۇرۇپ ئۆلىمىز» دېگەندە، سەھنىنىڭ تۆۋىنىدە ئولتۇرغان پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆز چاناقلىرى قىزاردى، قەلبى ھاياجانغا تولدى.

بىر مەيدان يېڭىلىق يارىتىلغان پارتىيە دەرسى لېكسىيەسى، بىر قېتىملىق قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان روھنى تاۋلاش.

بۇ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغانلىقىنىڭ، پارتىيەلىك كادىرلار مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى.

مەركەزلىك تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىرى. يەنئەن مەزگىلىدىكى ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتىدىن 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا پۈتۈن پارتىيەدە مۇددەتكە بۆلۈپ، تۈركۈمگە بۆلۈپ قانات يايدۇرۇلغان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىشقىچە، 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىكى «ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، توغرا كەيپىياتقا ئەھمىيەت بېرىش» پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى تەربىيەسىدىن يەنە يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيانقى كوممۇنىستلارنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش تەربىيە پائالىيىتى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىگىچە...

پارتىيەمىز ئىنقىلابقا، قۇرۇلۇشقا، ئىسلاھاتقا رەھبەرلىك قىلىش ئەمەلىيىتىدە دائىم ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشىگە، دەۋر تەرەققىياتىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىغا قويغان يېڭى تەلىپىگە ئاساسەن، پۈتۈن پارتىيەدە مەركەزلىك تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاش، پارتىيەنىڭ كۈرەش قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇردى.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ئىچىدە مەركەزلىك تەربىيەدىن ئىبارەت بۇ ئېسىل ئەنئەنىدە يەنە يېڭى ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەرەققىيات مەيدانغا كەلدى −

2013- يىلى 6- ئايدىن 2014- يىلى 10- ئايغىچە، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك ئورگانلىرى، رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ باشلامچىلىقىدا، پۈتۈن پارتىيەدە خەلق ئۈچۈن ئەمەلىيەتچىل بولۇش، پاك بولۇش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى؛

2015- يىلى 4- ئايدىن 2016- يىلى 2- ئايغىچە، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېمىلىق تەربىيە قانات يايدۇرۇلدى، ھاكىم دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 18 مىڭ پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) شۇجىسى باشلامچىلىق بىلەن مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى ئۆتۈپ، پارتىيەلىك كادىرلارغا ئىدىيە، ئىستىل، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە يەنە بىر قېتىم مەركەزلىك «كالتسىي تولۇقلىدى» «مەدەت بەردى»؛

2016- يىلى 2- ئايدىن بۇيان، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا «پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنى ئۆگىنىش، يۈرۈشلۈك سۆزنى ئۆگىنىش، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلۇپ ھەم دائىملاشتۇرۇلۇپ، تۈزۈملەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىدىكى ئىدىيە، تەشكىل، ئىستىل، ئىنتىزام قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان مەسىلىلەر يەنىمۇ ھەل قىلىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغا ئۇزارتىش ئىلگىرى سۈرۈلدى...

پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «<ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن جەزمەن ئالدى بىلەن قەتئىي نىيەتكە كېلىش كېرەك>. ئىدىيەۋى تەربىيە ۋە نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىش پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ باش ۋەزىپىسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ قەدىمىنىڭ بىردەك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى».

ئىشنى پارتىيەنى ئىدىيە جەھەتتىن قۇرۇشتىن باشلاپ، پارتىيەمىز ئىدىيەۋى تەربىيەدىن ئىبارەت بۇ نېگىزنى چىڭ تۇتۇپ، قايتا - قايتا مەركەزلىك تەربىيەلەش ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتى دىققەتنى ئىستىل قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر مەزگىلدىن بۇيان پارتىيە ئىچىدە گەۋدىلىك ساقلىنىۋاتقان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ھەشەمەتچىلىكتىن ئىبارەت «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنى مەركەزلىك ھەل قىلدى.

«ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېمىلىق تەربىيە دىققەتنى ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش ئاساسىدا، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تەربىيەلىنىشى، ئادەم بولۇشى، ئىشلىشى، نەتىجە يارىتىشىغا قارىتا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئۇللۇق قۇرۇلۇش قىلىنىپ، پارتىيە ئىچىدىكى تەربىيەنىڭ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىق»لاردىن كەڭ پارتىيە ئەزالىرىغا كېڭىيىشىگە، مەركەزلىك تەربىيەدىن دائىملىق تەربىيەگە ئۇزىرىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇشقا، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان پارتىيەلا ئاۋانگارتلىق خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ قالالايدۇ؛

باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىغان پارتىيەلا جەزمەن دەۋر دولقۇنىدا مەزمۇت تۇرالايدۇ.

5- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئەڭ ئاخىرقى ئىككى نامرات ناھىيە يەنچۇەن، يىچۇەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ چېكىنىپ چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئىنقىلابىي مۇقەددەس جاي يەنئەن مۇتلەق نامراتلىق بىلەن خوشلاشتى! ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ئاخىر كونا رايوندىكى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۇلارنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى.

مۆجىزە يەنئەن شەھىرىدىكى 1784 كادىرنىڭ كەنتتە تۇرۇپ 1- شۇجى بولۇپ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقانلىقىدىن، كەنتتە تۇرۇشلۇق 1546 خىزمەت ئەترىتىنىڭ بىرىنچى سەپكە بىۋاسىتە چۆككەنلىكىدىن، 37 مىڭ 400 كادىرنىڭ ئائىلىلەر بىلەن ئالاقە باغلاپ ھۆددىگە ئېلىپ يۆلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يەڭگەنلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ...

«پارتىيەنىڭ ياخشى ئىستىلى يەنە قايتىپ كەلدى!» پارتىيە ئىچىدىكى كۆپ قېتىملىق مەركەزلىك تەربىيەنىڭ تاۋلىشى بىلەن، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى يېڭىلاندى، پارتىيە قەلبى، ئەل قەلبى روھلاندى.

پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيە پارتىيەنىڭ ئۆزىنى يېڭىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

سىياسىي قۇرۇلۇش جەھەتتە، پۈتۈن پارتىيە «تۆت ئاڭ»نى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى، «تۆت ئىشەنچ»نى تېخىمۇ چىڭىتتى، «ئىككىنى قوغداش»تا تېخىمۇ ئاڭلىق بولدى؛ ئىدىيە قۇرۇلۇشى جەھەتتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى ئېگىز تىكلەندى؛ تەشكىلىي قۇرۇلۇش جەھەتتە، پارتىيە ئەزالىرىنى باشقۇرۇش تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى؛ تۈزۈم قۇرۇلۇشى جەھەتتە، بىر قىسىم ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللار پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزامى بولۇپ مۇقىملاشتى...

پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيەدىن ئىبارەت بۇ ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىنسا ۋە ئۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇلسا، پارتىيەمىز جەزمەن پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، سىناقلاردا كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇپ، توختىماي ئالغا باسىدۇ.

■كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش

باش ياز پەسلىدە، گەنجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى بۈك - باراقسانلىشىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى.

5- ئاينىڭ 20- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي قىزىل ئارمىيە توپلىنىپ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان جاي − جياڭشى يۈدۇغا كېلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئەسلىدى:

«مەركىزىي سوۋېت رايونى ۋە ئۇزۇن سەپەر مۇساپىسىدە، پارتىيە ۋە قىزىل ئارمىيە قەتئىي غايە - ئېتىقاد ۋە مۇستەھكەم ئىنقىلابىي ئىرادىگە تايىنىپ، ھەر قېتىم ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغاندا قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىپ، قانچە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانسېرى شۇنچە باتۇر بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان مۆجىزىلەرنى ياراتتى».

ئىلگىرىكى جاپا - مۇشەققەت، كۈلپەتلەرنى ئەسلەش بۈگۈنكى غايە - ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ، پۈتۈن پارتىيەنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بوران - چاپقۇندىن قورقماي، داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈندۇر.

بۈگۈن، جۇڭخۇا مىللىتى «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي گىرەلەشمە مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشانى كۆز ئالدىمىزدا، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى پات يېقىندا باشلىنىدۇ. قانچىكى ئاچقۇچلۇق پەيتكە كەلگەنسېرى، دۇمباقنى شۇنچە قاتتىق چېلىش زۆرۈر.

دۇنياغا نەزەر سالساق، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يەنىلا دەۋر باش تېمىسى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ، يەر شارىۋىلىشىشقا قارشى ئىدىيە ئېقىمى يامرىماقتا، قورۇقچىلىقنىڭ سەلبىي ئۈنۈم ئېففېكتى بارغانسېرى نامايان بولۇپ، «قارا قۇ» «كۈلرەڭ كەركىدان» پات - پات باش كۆتۈرمەكتە. 100 يىلدا كۆرۈلمىگەن چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە قانچىكى دۇچ كەلگەنسېرى، ئىرادىنى شۇنچە ساقلاپ، ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىش كېرەك.

دۆلەت ئىچىنى كۆزەتسەك، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يەنىلا داۋان ئېشىپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يەنىلا سىجىل، ئومۇميۈزلۈك كۈچەشكە توغرا كېلىدۇ، تەرەققىيات دۇچ كەلگەن زىددىيەت ۋە مەسىلىلەردە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىس مىسلىسىز بولۇۋاتىدۇ... قانچىكى پاراخوت ئوتتۇرا ئېقىمغا بېرىپ دولقۇن تېخىمۇ كۈچەيگەن، ئادەم يېرىم يولغا بېرىپ ئىلگىرىلەش تېخىمۇ قىيىنلاشقان ۋاقىتتا، شۇنچە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە توغرا كېلىدۇ.

تارىخىي بۇرچ قانچىكى شەرەپلىك، كۈرەش نىشانى قانچىكى ئۇلۇغۋار، ئىچكى، تاشقى مۇھىت قانچىكى مۇرەككەپ بولغانسېرى، كۈلپەت ئېڭىنى شۇنچە كۈچەيتىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى شۇنچە كۈچەيتىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلىشى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرگەنلىك بولۇپ، دەل ۋاقتىدا بولدى.

خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى <ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> تەربىيەسىنى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقىت تۈگۈنى.»

بۇ قېتىملىق باش تېما تەربىيەسىنى كونكرېت قانات يايدۇرۇشقا قارىتا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرما قىلدى −

ئومۇمىي تەلەپنى ئايدىڭلاشتۇردى: ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش؛

تۈپ ۋەزىپىنى ئېنىق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىش؛

بەش تۈرلۈك نىشاننى ئوتتۇرىغا قويدى: نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ئۈنۈم بولۇش، ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىش، ئىش قىلىش، نەتىجە يارىتىشتا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك - دۇرۇس بولۇپ ئۈلگە بولۇش؛

...

ئىجتىھات بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىگەندە قاشتېشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، قايتا - قايتا تاۋلىغاندىلا پولات بولىدۇ.

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى ئارقىلىق، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جەزمەن يېڭى بىر مەيدان ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش باشلىنىپ، بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار ئەسلىي مەقسەتنى، خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، مەڭگۈ دەۋر دولقۇنىدا مەزمۇت تۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلىتىنى چېنىقتۇرۇپ، قۇدرەتلىك، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئىتتىپاق بولغان يول باشلاش كۈچىنى تاۋلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئارزۇسىغا قاراپ داۋاملىق باتۇرانە ئىلگىرىلەيدۇ.