1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

ئەخمەق قىلىدىغان، زومىگەرلىك قىلىدىغان يولسىزلارغا جەزمەن ھېچكىم يار - يۆلەك بولمايدۇ

− ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدىغانلار جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ

日期:2019年05月27日
来源:新疆日报
【字体:

غەرب ئەللىرىدە ئۆزىنى بىلىش ئەڭ تەستە ئېرىشىدىغان بىلىم، دەيدىغان ماقال بار. ھالبۇكى، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار ئۆزىنى ئېنىق تونۇيالماي، دۇنيانىڭ چوڭ ۋەزىيىتىنىمۇ ئېنىق تونۇيالماي، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدىغان زومىگەرلىك سىياسىيسى كونا يولىدا زورلاپ ماڭدى.

«ئامېرىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» بايرىقى ئاستىدا، بۇ كىشىلەر باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق بەخت - سائادىتىنى ئەزەلدىن كۆڭلىگە پۈكۈپ باقمىدى. ئۇلار «جۇڭگو بىلەن بولغان سودىدا زىيان تارتىش سەپسەتىسى»نى باھانە قىلىپ سودا ئۇرۇشى قوزغىدى، لېكىن ئامېرىكىنىڭ ئۇزاق مۇددەت جۇڭگو بىلەن قىلغان سودىدىن ئېرىشكەن غايەت زور مەنپەئىتى ئۈستىدە ئېغىز ئاچمىدى؛ ئۇلار باشقا دۆلەتلەرنىڭ «ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان»لىقىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمىدى، لېكىن ئۆزىنىڭ پۈتۈن يەر شارىغا تارقالغان ئاخبارات تورى توغرىسىدا ئېغىز ئاچمىدى؛ ئۇلار دۇنيا سودا تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارغا ھە دەپ زەربە بەردى، لېكىن ئۆزىنىڭ ھازىرقى يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىق بەرپا قىلغۇچىسى ۋە ئۇنىڭدىن ئەڭ چوڭ مەنپەئەتلەنگۈچى ئىكەنلىكى توغرىسىدا گەپ يوشۇردى... سودا ئۇرۇشىغا نىسبەتەن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ سودا مەسلىھەتچىسى پېتېر ناۋاررو تېخىمۇ ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا: «ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەردىن خېلىلا زور ئەمەلىي كۈچكە ئىگە بولغاچقا، باشقا دۆلەتلەر (ئامېرىكىغا قارىتا) ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىر قوللىنىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ» دېدى. بۇنداق تەلۋىلىك ۋە كۆرەڭلىكتىن كىشىلەر «ئامېرىكىنى قايتا تۆرگە چىقىرىش» دېگەندەك بۇ ۋەزنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇپ يەتتى.

ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش، خالىغان سەنەمگە دەسسەشكە تىرەك بولۇش ئۇچۇقتىن - ئۇچۇق زومىگەرلىك لوگىكىسى: ئامېرىكا بېكىتكەن قائىدە پۈتۈن دۇنيانىڭ قانۇنى، ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەر چوقۇم شەرتسىز يول قويۇشى كېرەك. ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى پېنسېنىڭ «جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تاجاۋۇزچىلىق سەپسەتىسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىن ئاقساراي دۆلەت سودا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ناۋاررونىڭ بىمەنىلىك بىلەن جۇڭگو تاۋارلىرى «ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى»نى رەنىگە قويۇۋاتىدۇ دەپ جاكارلىشىغىچە، يەنە ئاقساراينىڭ سابىق باش ئىستراتېگىيە مەسلىھەتچىسى باننوننىڭ «جۇڭگونىڭ ئېكسپورت ئوشۇقچىلىقى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسمىدىكى سانائەت رايونلىرىنى قۇرۇقدىۋەتتى» دەپ جار سېلىشىغىچە... «قولىغا بولقا ئېلىۋالغان» بۇ ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى نورمال ئىقتىسادىي ئالاقىنىمۇ مىخ دەپ قاراپ، جۇڭگو خەلقىنىڭمۇ ئامېرىكا خەلقىگە ئوخشاش باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى كۆرەلمىدى. «ئامېرىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» چوڭ بايرىقى ئاستىدا، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار ئاچچىقىنى باسالمىدى، ھەتتا پات - پات ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قوزغىدى. كىشىلەر يېقىندا گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىلنىڭ «ئۇرۇشتىن كېيىنكى تەرتىپنىڭ ئېنىقلىقلىقى»نىڭ يىمىرىلىشكە باشلىغانلىقىنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ تېخىمۇ جىددىيلەشكەنلىكىنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلغانلىقىغا دىققەت قىلدى. ئامېرىكا پۈتۈن يەر شارىنىڭ رەقىبىگە ئايلاندى.

بۈگۈنگە كەلگەندىمۇ نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلار يەنىلا «غايىۋى دۆلەت» خىيالىغا چۆكۈپ قايمۇقۇپ يۈرىدۇ؟ تېخىچە «تاغ چوققىسى دۆلىتى» گۈزەل چۈشىنى كۆرىدۇ؟ بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب يەنىلا ئۇلارنىڭ تېخىچە ئاشۇ «زومىگەرلىك − ھەقىقەت» دەيدىغان كونا قاراشقا بەك ئىشىنىپ، دۇنياغا بولغان تەسىرىنىڭ يەنىلا «ئورمانلىق قائىدىسى» كونا دەۋرىدە توختاپ قېلىپ، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتە يەنىلا «مەدەنىيلىك توقۇنۇشى»دىن ئىبارەت كونا تەپەككۇردا چىڭ تۇرغانلىقىدا. بۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەمىشە ئۆزىنى خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ھۆكۈمدارى دەپ ماختايدىغانلىقىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس. دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىشىشى، جەمئىيەتنىڭ ئۇچۇرلىشىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلار يەنىلا ئۆزىنى دۇنيانىڭ قۇتقۇزغۇچىسى دەپ خام خىيال قىلىۋاتىدۇ، يەنىلا پۈتۈن دۇنيانى ئۆز ئۆيىنىڭ ئارقا گۈللۈكى قىلىۋېلىۋاتىدۇ، ئۆكتەملىك قىلىپ، خالىغانچە ئىش قىلساق بولىدۇ دەپ قاراۋاتىدۇ، ھەتتا «ئامېرىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» ئارقىلىق، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش دەۋر ئېقىمىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشتەك زومىگەرلىك قىلمىشى خەلقئارا جەمئىيەتتە ھەممىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. ھەسسىلەپ بېسىم ھېس قىلغان ئامېرىكا كارخانىلىرىمۇ ئارقا - ئارقىدىن تەڭشەش ئېلىپ باردى، خارلىد موتوسىكلىتى قاتارلىق «ئامېرىكا ياسىمىچىلىقى» ئامېرىكىدىن «قاچتى»، ئېكسون موبىل ۋە تېسلا قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن جۇڭگوغا كېلىپ زاۋۇت قۇردى... ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، پۈتۈن يەر شارىدا ھە دەپ زومىگەرلىك قىلىشى كۆپ ۋاقىتلاردا ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلغانلىق، خالاس. ئامېرىكا ئالىمى ستېفېن روئاچ مۇنداق كۆرسەتتى: 2018- يىلى، ئامېرىكا بىلەن دۇنيادىكى 102 دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سودا تەتۈر بالانسى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچى ئامانىتىنىڭ ئىنتايىن يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈردى − بۇنى پارلامېنت ۋە تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ يەڭگىللىك بىلەن خامچوت قىزىل رەقىمىنى تەستىقلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان. تېخىمۇ كۆپ ئالىم مۇنداق كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق ئۇنىڭ خاتا سىياسىتىدىن كەلگەن، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنى ئەيىبلىمەسلىك كېرەك. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار كېسىلىنى يوشۇرۇپ داۋالىنىشتىن باش تارتىپ، ئۆزىگە ئۆزى خاتا رېتسېپ يېزىپ، زورمۇزور باشقا دۆلەتلەرنى «ئامېرىكىنى قايتا تۆرگە چىقىرىش»قا توسقۇنلۇق قىلدى دېدى. يۇندىنى باشقىلارغا چېچىشتەك بۇنداق جاھىللىق ۋە ئۆزبېشىمچىلىق دۆلەت ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇشلا بولماي، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ كۆزىنى توسۇۋېلىپ، ئۆزىنى ياخشىلاش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئاقسىشى، خەلق ئىشلىرىنىڭ ئاقسىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خۇددى ئامېرىكا ئالىمى روبېرت كاگان ئېيتقاندەك: بىر قىسىم سىياسەتۋازلار ۋە سىياسەت تۈزگۈچىلەر ئامېرىكىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ «تەسەۋۋۇرىدىكى زاۋاللىققا يۈزلىنىش ۋەھىمىسىدىن چىقىش قىلىپ، يەڭگىللىك بىلەن ماس تەدبىر قوللىنىپ، بىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتنى ئۆزىنى ھالاك قىلىش يولىغا باشلىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن».

ئىنسانىيەت تارىخى تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە كەلگەندە، ھېچقانداق بىر دۆلەت باشقىلارنىڭ رايىغا قاراپ ئىش كۆرۈشنى، باشقىلارنىڭ باشقۇرۇشى بويىچە ئىش قىلىشنى خالىمايدۇ. ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، سەمىمىي ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش ھەرقايسى دۆلەتلەردە بولۇشقا تېگىشلىك بىللە ئۆتۈش يولى. ئەلۋەتتە، بىر قىسىم ھاكاۋۇر، جاھىل ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرىغا بۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈش ئېھتىمال يەنىلا ناھايىتى تەس. ياخشى يېرى، رېئاللىق يالغان سۆزلىمەيدۇ، ھەققانىيەت ئەسلىدىنلا كىشىلەرنىڭ قەلبىدە. جۇڭگودا «ھەددىڭدىن ئاشساڭ ھاقارەتكە قالىسەن» دەيدىغان تەمسىل بار. ھەرقانداق بىر دۆلەت ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يولىدا ماڭماي «نۆل يىغىندىلىق تىركىشىش»كە مەستخۇش بولسا، ئادىل رىقابەتلىشىش قائىدىسىگە بويسۇنماي باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىشكە مەپتۇن بولسا، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىش ئېقىمىغا قارىماي مۇتەئەسسىپلىكنى تاللىسا، ئاخىرىدا پەقەت ئۆزىگە تەرەپ - تەرەپتىن دۈشمەن تېپىۋالىدۇ، ھەممە يەردە دەككىسىنى يەيدۇ. ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش، ۋەزىيەتكە قارشى ھەرىكەت قىلىش بىر دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى خورىتىپ، ئۇنى تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە ئېگىز پەشتاقتىن غۇلىتىدۇ. تارىخىي دەرسلىكلەرنى ۋاراقلىساق، بۇ جەھەتتىكى دەلىل - ئىسپاتلار ھەقىقەتەن بەك كۆپ.