1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

پەن - تېخنىكىدا زومىگەرلىك قىلىش تەرەققىياتقا، ئىلگىرىلەشكە توسقۇنلۇق قىلغانلىق

− رىقابەتنى رەت قىلغانلار مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدۇ

日期:2019年05月26日
来源:新疆日报
【字体:

«بىر كەسىپ مۇبادا جەمئىيەتكە پايدىلىق بولسا، ئۇنى ئەركىن قويۇۋېتىش، كەڭ دائىرىدىكى رىقابەتلىشىشكە يول قويۇش كېرەك، رىقابەت قانچىكى ئەركىن، قانچىكى ئومۇميۈزلۈك بولغانسېرى، بۇ كەسىپ جەمئىيەتكە شۇنچە پايدىلىق بولىدۇ.» ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئادام سىمىسنىڭ بۇ سۆزى يەنىلا ئىلھاملاندۇرۇش ئەھمىيىتىگە ئىگە.

دۇنيا ئەھلىنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلار دەۋر ئېقىمىغا قارشى ھەرىكەت قىلىپ، پەن - تېخنىكا زومىگەرلىكى چوڭ بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، رىقابەتنى رەت قىلىشتەك تۈرلۈك مۇتتەھەملىك قىلمىشلىرى بىلەن خەلقئارا ھەمكارلىق بوشلۇقىنى قىسىشقا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىدىغان يوللۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە بېسىم قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.

بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۆلەت كۈچىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، جاپالىق تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن خۇاۋېي قاتارلىق جۇڭگونىڭ يۇقىرى پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىغا ئارقا - ئارقىدىن ئوت ئاچتى. ھېچقانداق پاكىت ئاساسى ۋە تولۇق دەلىل - ئىسپاتى بولمىغان ئەھۋالدا، ئاتالمىش «مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلىدى»، «دۆلەت خەۋپسىزلىكى»گە تەھدىت سالدى، دېگەندەك يوقىلاڭ جىنايەتلەرنى باھانە قىلىپ، خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تېلېگراف ئۈسكۈنىسى، بولۇپمۇ 5G ئۈسكۈنىسى تورى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى چەكلىدى؛ ئارقىدىن يەنە مەمۇرىي چەكلەش بۇيرۇقى ئارقىلىق خۇاۋېي ھەم ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى شىركەتلەرنى ئېكسپورتنى تىزگىنلەشتىكى «ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈپ، نۇرغۇن ئامېرىكا شىركەتلىرىنى خۇاۋېيغا قارىتا «تەمىنلەشنى توختىتىش»قا ئاستىرتىن كۈشكۈرتتى... «جىنايىتى بار دەپ پەرەز قىلىش» ئارقىلىق خالىغانچە قارا چاپلاپ، دۆلەت كۈچىنى ئىشقا سېلىپ قەستەن بېسىم قىلدى، ھەتتا ئالاقىدار كارخانىلاردىن «بىرلىشىپ» قورشاپ توسۇشنى تەلەپ قىلدى، بۇنداق قىلمىش نېمىدېگەن يولسىزلىق ھەم نېمىدېگەن مۇتتەھەملىك - ھە!

دۇنيادىكى پەن - تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت ۋە ئىقتىسادى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكا تەرەپ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيىتىنى بىلىشى، بازار رىقابىتىنىڭ ياخشى تەرىپىنى چۈشىنىشى كېرەك ئىدى. ھالبۇكى، ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلار ئاددىي ساۋاتلارغا قەستەن سەل قاراپ، نورمال پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقى ۋە بازار رىقابىتىگە قايتا - قايتا غەرەزلىك ئارىلاشتى. ناۋادا زادىلا سەۋەب تاپالمىسا، «دۆلەت خەۋپسىزلىكى»نى باھانە قىلدى. كىشىلەرنى ئىختىيارسىز ئەجەبلەندۈرىدىغىنى شۇكى، ناۋادا ئامېرىكىنىڭ «دۆلەت خەۋپسىزلىكى»گە ھە دېگەندىلا تەھدىت سېلىش مۇمكىن بولسا، ئۇنداقتا 1- دەرىجىلىك پەن - تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت بەكلا ئاجىز بولۇپ قالمامدۇ. كۆپنى كۆرگەن كىشىلەر بىر قاراپلا شۇنى بىلەلەيدۇكى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ «دۆلەت خەۋپسىزلىكى»نى باھانە قىلىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىغا بېسىم قىلىشتىكى مەقسىتى جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى چەكلەپ، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا 5G تېخنىكىسى قاتارلىق يۇقىرى پەن - تېخنىكا ساھەسى بازىرىنى تالىشىشى، خەلقئارا كەسىپلەر ئىش تەقسىماتىدىكى مونوپوللۇق ئورنىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن بوشلۇق ۋە ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇنداق غەرەز دەل ئامېرىكىنىڭ «ئۆزىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغىلا يول قويۇپ، باشقىلارنىڭ ئىلگىرىلىشىگە يول قويماسلىق»تەك زوراۋانلىق پىسخىك ھالىتىنى ئاشكارىلايدۇ؛ بۇنداق قىلمىش دەل ئامېرىكىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى «ئۆزىلا زورىيىش، غالىب كەلگۈچى ھەممىنى يېيىش»تەك ئۆكتەملىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

جۇڭگودا قەدىمكىلەردىن قالغان «ئۆزىدىن غالىب كەلگەنلەر ھەقىقىي باتۇر» دەيدىغان گەپ بار. رىقابەتكە دۇچ كەلگەندە، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئەزەلدىن رەقىبىنى قارىلاش، بېسىش ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇشتۇر. پەن - تېخنىكىدا ئالدىنقى ئورۇننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئەسلىدە زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆز دۆلىتىدىكى كارخانىلىرىنىڭ تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك ئىدى، بىراق، ئاقساراينىڭ سابىق باش ئىستراتېگىيە مەسلىھەتچىسى باننون، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىكى ئورنى ئاز پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ داھىيسى شۇمېر ۋەكىللىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئاغزىغا كەلگەنچە جۆيلۈپ، «جۇڭگو ئامېرىكىغا <ئەڭ زور ياشاش خەتىرى> ئېلىپ كەلدى» «جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ پەن - تېخنىكىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى ئالماقچى ھەم ئىزچىل ئوغرىلىق قىلىۋاتىدۇ» دەپ كۈچىنىڭ بارىچە مۇبالىغە قىلدى ھەم «5G مۇسابىقىسى ئامېرىكا جەزمەن يېڭىدىغان بىر مەيدان مۇسابىقە» دەپ جار سالدى، ئەمەلىيەتتە، رىقابەتچىسىنى رەزىل ۋاسىتىلەر بىلەن بېسىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەڭ مەنپەئەتلىنىش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى غەرەزلىك توسۇش ئامېرىكا ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولمايلا قالماي، ئەكسىچە ئامېرىكا كارخانىلىرىنى قالاق، شۇنداقلا قىممەت باھالىق سەپلىمە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر قىلىپ، ئامېرىكىنى 5G تور قۇرۇلۇشىدا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئارقىدا قالدۇرىدۇ. غەيرىي نورمال ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ۋاقىتلىق «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» تۇرغۇزۇۋالغان بىلەن، «ساختا ھەيۋە»نى «ھەقىقىي قابىلىيەت»كە ئايلاندۇرغىلى بولمايدۇ.

پەيلاسوپلاردىن بىرى «ئالىيجاناب رىقابەت»نى «بارلىق ئاجايىپ ئىقتىدارلارنىڭ بۇلىقى» دەپ ئىزاھلىغان. بازار ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى رىقابەت. بىر ئادىل، ياخشى رىقابەت مۇھىتى بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشى، بايلىقنىڭ ئۈنۈملۈك تەقسىملىنىشى، بازارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئامېرىكىنىڭ فورد شىركىتى ۋە ھەممىباب شىركىتى دەل بىر - بىرى بىلەن بەسلىشىدىغان ياخشى رىقابەت داۋامىدا، ئۆزلىرىنىڭ سۈپەتلىك ماركىسىنى يارىتىپ، ئامېرىكىنىڭ ئاپتوموبىل كەسپىنى زورايتقان، كۈچەيتكەن.

ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي «ئەركىن رىقابەت» «بازار ئىگىلىكى»نى داڭلايدىغان ئامېرىكا ئەكسىچە ئۆزى رىقابەتكە ئاقىلانە مۇئامىلە قىلالماي، خەلقئارا سودا قائىدىسىگە سەل قاراپ، ھە دېسىلا سودا قورۇقچىلىقى كالتىكىنى پۇلاڭلىتىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنى باسماقتا، سۆز - ھەرىكىتى مۇشۇنداق بىردەك بولمىسا، يەنە قانداق قىلىپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشەلەيدۇ؟!

ئامېرىكىنىڭ رىقابەتنى رەت قىلىشى تەرەققىياتقا، ئىلگىرىلەشكە توسقۇنلۇق قىلغانلىق، رىقابەتچىسىنى «قورشاۋغا ئېلىش» ئۆزىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئورنىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ، ناتوغرا ۋاسىتە ھەرگىزمۇ ئامېرىكىنى يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرغۇزىدىغان «كوزىر» ئەمەس. پەن - تېخنىكىدا زومىگەرلىك قىلىشقا بېرىلىپ كەتكەن ئامېرىكىدىكى سىياسەتۋازلار شۇنى ئويلاپ بېقىشى كېرەككى، ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلار بارلىق ئاماللار بىلەن جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ يەر شارىۋى رىقابەتكە قاتنىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئامېرىكا سىلىتسىي جىلغىسىدىكى ھەرقايسى چوڭ شىركەتلەر چەكلەش بۇيرۇقى كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن يەنىلا پۈتۈن كۈچى بىلەن جۇڭگو كارخانىلىرىنى مال بىلەن تەمىنلەيدۇ؟ ئامېرىكا ھەر خىل سەۋەبلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، خۇاۋېي شىركىتىنى قەستەن ئارقا - ئارقىدىن قارىلاۋاتقان بولسىمۇ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر نېمە ئۈچۈن يەنىلا خۇاۋېي بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىشنى تاللاۋاتىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ھەمكارلىق ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئىش، ئۇ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەت تورتىنى زورايتالايدۇ. رىقابەتنى رەت قىلىش پەقەت يەر شارىۋى تەمىنلەش زەنجىرىگە زەربە بېرىدۇ ھەم دۇنيا ئىقتىسادىغا زۆرۈر بولمىغان خەۋپ - خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ، خالاس.

نەچچە ئون يىل ئىلگىرى، جۇڭگو غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن قامال قىلىنغان جاپالىق شارائىتتىمۇ يەنىلا «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ»نى ياساپ چىققانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش قەدىمى ھەرگىزمۇ ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلارنىڭ شاۋقۇن - سۈرىنى ۋە كاشىلىسى تۈپەيلىدىن توختاپ قالمايدۇ. ئاشۇ ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرىغا قىلىدىغان بىر جۈملە نەسىھىتىمىز شۇكى: جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك ۋەزىيىتىنى زوراۋانلىق، زومىگەرلىك بىلەن توسىمەن دېيىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىن ئىبارەت يوللۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە قورشاپ زەربە بېرىمەن دېيىش، ئېنىقكى بىھۇدە ئاۋارىچىلىك! دەۋر ئېقىمىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئانچىكى ھۈنەرگە، ناتوغرا يولغا تايىنىپ ئالدىنقى قاتاردىكى ئورنىنى ساقلاپ قالالىشى مۇمكىن ئەمەس.