1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

ئۇچۇرلىشىش شارائىتىدىكى ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى ئىگىلەش، جەمئىيەتتە ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش

日期:2024年02月09日
来源:天山网
【字体:

− شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك بايان (7)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكى توغرا بولسا، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى توپلاپ، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ؛ ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكى خاتا بولسا، كىشىلەر قەلبىنى تەۋرىتىپ، كۈرەش ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.

بۈگۈنكى دۇنيادا ئۇچۇر تېخنىكىسى كۈنسېرى يېڭىلىنىپ، رەقەملىشىش، تورلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش چوڭقۇر تەرەققىي قىلدى. ئۇچۇرلىشىش شارائىتىدىكى ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى ئىگىلەش، جەمئىيەتتە ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش − ئاساسىي ئېقىم ئىدىيەسىنى، مەدەنىيىتىنى مۇستەھكەملەش، زورايتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

يېڭى ۋەزىيەتتە، بىز شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاممىۋى پىكىر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ياخشى ئاممىۋى پىكىر مۇھىتى يارىتىش مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

«جەزمەن ئاساسىي ئېقىم ئىدىيەسى ئاممىۋى پىكرىنى مۇستەھكەملەش، زورايتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەت ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى ئۇرغۇتۇشىمىز كېرەك»

پارتىيەنىڭ ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك.

«ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت» تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان ھەم چوڭقۇر ھەمتۈرتكە بولۇۋاتقان دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە، تور ئاممىۋى پىكرىدە قالايمىقانچىلىق ئاۋۇپ كېتىش، ئىدىيە، مەدەنىيەت بىر ـ بىرىگە تەسىر كۆرسىتىش، قىممەت قارىشى كۆپ مەنبەلىك، كۆپ خىل بولۇش ئېلىپ كەلگەن خىرىس ئالدىدا، قانداق قىلغاندا ئاممىۋى پىكىرنى ئۈنۈملۈك يېتەكلەپ، كۆپ خىللىق ئىچىدە يېتەكچى ئورۇندا تۇرغىلى، كۆپ خىللىق ئىچىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغىلى، كۆپ ئۆزگىرىش ئىچىدە يۆنىلىشنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ؟

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىز نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىۋاتىمىز، دۇچ كەلگەن خىرىس ۋە قىيىنچىلىقلار مىسلىسىز، جەزمەن ئاساسىي ئېقىم ئىدىيەسى ئاممىۋى پىكرىنى مۇستەھكەملەش، زورايتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەت ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى ئۇرغۇتۇشىمىز كېرەك».

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇچۇرلىشىش دەۋرىدىكى «پەيت» ۋە «ۋەزىيەت»نى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى −

ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. «توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش» «توغرا ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇش» «توغرا ئاخبارات مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇش» «توغرا خىزمەت يۈزلىنىشىدە چىڭ تۇرۇش»، ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر سېپى پارتىيە بايرىقىنى بايراق، پارتىيە يۆنىلىشىنى يۆنىلىش، پارتىيە ئىرادىسىنى ئىرادە قىلىپ، پارتىيەۋىلىك ۋە خەلقچىللىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان خىزمەت يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى بىرلىككە كەلتۈردى.

بۇرچ، ۋەزىپە تېخىمۇ ئېنىق بولدى. «بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلىش، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جەڭگىۋارلىققا ئىلھام بېرىش، كەيپىيات ئارقىلىق كىشىلەرنى تەربىيەلەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش، خاتالىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەق ـ ناھەقنى ئېنىق ئايرىش، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنى تۇتاشتۇرۇپ، دۇنيا بىلەن ئالاقە باغلاش» مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر سېپى «ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك بولۇش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى مۇساپىدە يېڭى شان ـ شەرەپلەرنى پۈتتى.

ئىشقا ئاشۇرۇش يولى تېخىمۇ ئېنىق بولدى. «ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىققا ئىلھام بېرىش، ئىجابىي تەشۋىقاتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش» مۇھىم فاڭجېنىغا ئەمەل قىلىپ، كەڭ ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ئاساسىي ئېقىم قىممىتىنىڭ تەسىر كۈچى دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى تېخىمۇ ئوچۇق، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ چوڭقۇر تارقاتتى.

...

شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر خىزمىتى ئاكتىپ كۈچنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشى، ئاساسىي مېلودىيەنىڭ تېخىمۇ جۇشقۇن بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئاممىۋى پىكىر تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

يېڭى دەۋردە بىر مەقسەتتە ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاتلىنىپ، يېڭى مۇساپىدە زەپەر مارشى ياڭرىتىپ ئىلگىرىلەش.

كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيەسى ئاممىۋى پىكرىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىش، ئاساسىي مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەپ، قەلبلەرنى ئىللىتىپ، قەلبداش بولۇپ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ.

«بىز تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنى قۇدرەتلىك تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىككە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك»

«بىز تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكرىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، <ئىككى 100 يىل>لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ ۋە ئاممىۋى پىكىر مەدىتى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك».

2019 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىش «دەرسخانىسى» جۇڭنەنخەيدىن تاراتقۇلار يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ بىرىنچى سېپىگە كۆچۈرۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە تاراتقۇلار يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

ئۇچۇرلىشىش بىزگە تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، ئۇچۇر ئىنقىلابىنىڭ نەتىجىلىرىنى قوللىنىپ، يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىلەشكەن، قوشۇلۇپ بىرلەشكەن پۈتۈن تاراتقۇ تارقىتىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئۇچۇرلىشىش شارائىتىدىكى ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى ئىگىلەش، جەمئىيەتتە ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش تېمىسىدىكى مۇھىم مەزمۇنغا ئايلاندى.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ئەھۋالنى كۆزىتىپ ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. شەكلى كۆپ خىل، ۋاسىتىسى ئىلغار، رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم يېڭىچە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى.

2023 ـ يىلى 7 ـ ئاي، خۇنەن چاڭشا، 2023 ـ يىللىق جۇڭگو يېڭى تاراتقۇلار يىغىنى ئېچىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى قوللىنىلغان يېڭى قوللىنىشچان پىروگرامما، «تاراتقۇ +» يېڭى كۆرۈنۈش قاتارلىق مەزمۇنلار نۇرغۇنلىغان ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنى جەلپ قىلدى.

يىغىنغا قاتناشقان نۇرغۇن ۋەكىل مۇنداق بىلدۈردى: ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، رەقەملىشىشكە قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ قوللىنىشچان كۆرۈنۈشلەرنى كېڭەيتىپ، ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىل ئارقىلىق مەزمۇندا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ كەڭ بوشلۇقىنى ئاچماقتا.

«ئۆزئارا قوشۇلۇش»تىن «ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇش»قا قەدەم قويۇشقىچە، «ھەر كىم ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش»تىن ئۆزئارا سىڭىشىش، ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشقا ئۆزگىرىشكىچە، ئاندىن «ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىش»قىچە، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تاراتقۇلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق يۇغۇرۇلۇش ۋەزىيىتى دەسلەپكى قەدەمدە نامايان بولدى −

«گېزىت، تور، تېرمىنال، ۋىيشىن» قاتارلىق ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلىپ، يېزىق، سۈرەت، ئۈن، سىن بەس ـ بەستە كۈچىدى، ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، پۈتۈن تاراتقۇلۇق نامايان قىلىش ئارقىلىق، ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تاراتقۇلار دەۋر ئۆزگىرىشى داۋامىدا يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلدى.

«AI بىرىكمە دىكتور» ئىش ئورنىغا چىقىپ ئاڭلىتىشنى باشلىدى، VR بىۋاسىتە تارقىتىش كۆرۈش ـ ئاڭلاش يېڭى تۇيغۇسى ئېلىپ كەلدى، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى 5G، مەۋھۇم بوشلۇق، ھاسىلىي سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارغا پائال قۇچاق ئېچىپ، دەۋر ئۆزگىرىشى داۋامىدا «غوزىدىن چىقىپ كېپىنەككە ئۆزگىرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

«يۇغۇرۇلۇش»قا قاراپ ئىلگىرىلەپ، «بىرىكىش» ئارقىلىق يېڭىلىنىپ، يۇغۇرما تەرەققىيات ۋەزىيىتى كەڭ ئېچىلىپ، ئاممىۋى پىكىر ئېكولوگىيەسىدە يېڭى كەيپىيات يارىتىلدى.

كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، پۈتۈن تاراتقۇ دەۋرىدىكى خىرىس ۋە پۇرسەتنى چوڭقۇر تونۇپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە قانۇنىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىلەشكەن، قوشۇلۇپ بىرلەشكەن پۈتۈن تاراتقۇلۇق تارقىتىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىش سىجىل تېزلىتىلدى، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىنىڭ بۇرچى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولدى، مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى ئاساسىي ئېقىم قىممىتى، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكرى، ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنى زورايتىش نىشان ـ ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، بوشاشماي تىرىشىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.

«بىز جەزمەن تورنىڭ تارقىتىش قانۇنىيىتىنى ئىلمىي تونۇپ، تورنى ئىشلىتىش، تورنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئالاقە تورىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئېشىش مىقدارىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك»

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «تور بوشلۇقى كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى يېڭى بوشلۇققا ئايلاندى، ئۇنداقتا ئۇ يەنە پارتىيەمىز ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەيدىغان يېڭى بوشلۇققا ئايلىنىشى كېرەك».

تور ئەھلى سانى دۇنيا بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇرىدىغان تور چوڭ دۆلىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئالاقە تورى خەلق رايىغا قۇلاق سالىدىغان، خەلقنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى توپلايدىغان، خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەيدىغان مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلانماقتا.

2020 ـ يىلى 8 ـ ئايدا، «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىنى تۈزۈشتە «توردا ئەقىل سوراش» قانات يايدۇرۇلدى، ئىچكى موڭغۇل دالاتې خوشۇنى پۇگېبۇ كەنتىنىڭ كەنت كادىرى لى ديەنبو ئوتتۇرىغا قويغان «ئۆزئارا ياردەم بېرىش خاراكتېرىدىكى ياشانغانلار كۈتۈنۈشى» توغرىسىدىكى تەكلىپ قوبۇل قىلىنىپ، تەكلىپكە كىرگۈزۈلدى.

كىچىك كەنتتىن كەلگەن سادانىڭ جۇڭنەنخەيگە «كىرىشى» ئالاقە تورىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغانلىقى، پارتىيە رايى بىلەن خەلق رايىنى تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولغانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى.

«14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ توردا پىكىر ئېلىشقىچە ئالاقە تورى پارتىيەمىز ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدىغان يېڭى سۇپىغا ئايلاندى، ئاممىنى چۈشىنىدىغان، ئاممىغا يېقىنلىشىدىغان، ئاممىنىڭ غەم ـ ئەندىشىسىنى تۈگىتىدىغان يېڭى يولغا ئايلاندى، خەلق دېموكراتىيەسىنى جارى قىلدۇرىدىغان، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدىغان يېڭى يولغا ئايلاندى.

ئالاقە تورى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ ئاساسىي بازىسى، ئاكتىپ، ساغلام، ئالغا باسىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان تور مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈشتە تور مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.

2023 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنىدىن 10 ـ كۈنىگىچە، دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، مىڭ يىللىق قەدىمىي بازاردا رەقەملەشتۈرۈش يېڭى كەيپىياتى يەنە ئەۋج ئالدى.

ئوتتەك قىزىق ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلار بار، سوغۇققانلىق بىلەن كەسىپ ئۈستىدە ئويلىنىشمۇ بار. ۋۇجېن بازىرىنىڭ قەدىمىي ھەم نەپىس بولغان مۇھىتى ئىچىدە، رەقەملىك كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ئىدىيە ئۇچقۇنلىرى قىزغىن ئۇچراشتى.

جۇڭگو تور مەدەنىيلىكى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، «توردىكى جۇڭگو بايرىمى» يۈرۈشلۈك باش تېما پائالىيىتى ۋە تۈرلۈك تور باش تېما تەشۋىقاتى قانات يايدۇرۇلدى... تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى دىققەتنى خىزمەت ئاساسىي بازىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۈز مىليونلىغان خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى ياخشى قوغدىدى.

ھازىر، تور − ئىدېئولوگىيە كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپى بولۇپ قالدى، جەزمەن توردىكى ئاممىۋى پىكىر خىزمىتىنى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش سۈپىتىدە تۇتۇپ، تورنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، ياخشى تور ئېكولوگىيەسى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: تور جەمئىيىتىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، تور يېڭى تېخنىكىسى، يېڭى قوللىنىشچان پىروگراممىلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقە تورىنى باشقۇرالايدىغان، تىزگىنلىيەلەيدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تور بوشلۇقىمىزنى ساپلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

تور ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، تور بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار قانۇن ـ نىزام، سىياسەت ھۆججەتلىرى، دۆلەت ئۆلچىمى تۈزۈلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، «ساپلاشتۇرۇش» يۈرۈشلۈك مەخسۇس ھەرىكىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، «ئۆز تاراتقۇ»لاردىكى قالايمىقانچىلىق، تور كۆپتۈرمىچىلىرى، تور زوراۋانلىقى قاتارلىق تور ئېكولوگىيەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىلىپ تۈزىتىلدى... تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى دىققەتنى ئاممىۋى پىكىر كۈرىشى ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ياخشى تور ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

بۈگۈنكى كۈندە، تور بوشلۇقىنى ھەر تەرەپلىمە ئىدارە قىلىش ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تور ئېكولوگىيەسى سىجىل ياخشىلىنىپ، تور بىخەتەرلىكى توسۇقى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدا يېڭى قەدەم تاشلاندى.

كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز جەزمەن تورنىڭ تارقىتىش قانۇنىيىتىنى ئىلمىي تونۇپ، تورنى ئىشلىتىش، تورنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئالاقە تورىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى ئىشلىرىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئېشىش مىقدارىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

ئاكتىپ كۈچنى ئومۇمىي تەلەپ، باشقۇرالايدىغان بولۇشنى چىڭ داۋلى، ياخشى ئىشلىتىشنى ھەقىقىي قابىلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى ئالاقە تورى تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، تورنى ياخشى ئىشلىتىش، تورنى ياخشى ئىدارە قىلىش چوڭ ئىشىنى ياخشى قىلغاندىلا، ئاندىن ئاممىۋى پىكرى يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلىيەلەيدۇ، دەۋرنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلىيەلەيدۇ.

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۇچۇرلىشىش شارائىتىدىكى ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى ئىگىلەش، جەمئىيەت ئورتاق تونۇشىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش نىشان ـ ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى ھازىر يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلاندى.