1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشايلى

日期:2024年02月22日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن قەتئىي بوشاشماي يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش، يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى يىغىنىدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، بۇلتۇرقى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى خۇلاسىلەندى، بۇ يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر مۇھاكىمە قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا جەزمەن ئالدى بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتكەندە ئاندىن دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزغىلى بولىدۇ. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە باشتىن ـ ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى، مۇھىم يوليورۇق بەردى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى شىنجاڭ بۇرچىنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىلىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ، تەتبىقلاپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئامما ھېس قىلالايدىغان، مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيدىغان بىر تۈركۈم ئەمەلىي ئىشلارنى كۈچ توپلاپ ياخشى تۇتۇپ، ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك رايونى بولۇشقا قاراپ قەدەم تاشلىشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

ئاشلىقنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن تېرىلغۇ كۆلىمى، ھوسۇلى بىردەك مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى، دۆلەت دەرىجىلىك پاختا، پاختا يىپ سودا مەركىزى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى، «دېڭىزدىن ئەڭ يىراق» بولغان شىنجاڭنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرى ئىتتىك بولدى... ئۆتكەن بىر يىلدا، شىنجاڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق ھوسۇلىدا تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىپ، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كەسىپلەر توپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش، سۇ كۆپەيتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ كۈچەپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە سۈپەت قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملىدى، كېڭەيتتى.

شىنجاڭنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئالاھىدە ئەۋزەللىكى ۋە يوشۇرۇن كۈچى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلدى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىدە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، دۆلەتنىڭ ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا قوشقان تۆھپىسى زور دەرىجىدە ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىدە يەنە بەزى كەمتۈكلۈكلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت، بىز تەرەققىيات ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، مەسىلە ۋە يېتەرسىزلىكلەرگە توغرا قاراپ، قاراتمىلىقى بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى يىغىنىدا يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇش نىشانى كۆزلىنىپ، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم بازا بەرپا قىلىش چۆرىدىلىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، بۇ يىللىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى پىكىر يولى، تەدبىرلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. دۆلەتنىڭ ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت بۇ كىرچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك زاپىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى قىلچە بوشاشماي مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇپ بېيىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش؛ يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش؛ مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئاساس ۋە تىرەك بىلەن تەمىنلەش؛ «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەتبىقلاپ، يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش؛ ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار بويىچە يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.

بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، شۇنداقلا «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركىزىي ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىيات ئىدىيەسى، خىزمەت ئۇسۇلى ۋە ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى ئۆگىنىپ، تەتبىقلاپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇشىمىز كېرەك.