1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىنىڭ جانلىق ئىزاھاتى

日期:2024年01月24日
来源:天山网
【字体:

خوۋ خۇي

1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى سائەت 2دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىدى. خەتەرلىك پەيتتە، مەركەزدىن يەرلىككىچە، ھۆكۈمەت تەرەپتىن خەلق ئارىسىغىچە، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش قوشۇنلىرى بۇيرۇقنى ئاڭلاپ ھەرىكەتكە كېلىپ، تېز سۈرئەتتە يىغىلىپ، ساندۇق - ساندۇق دورا، يېمەكلىك، سوغۇقتىن ساقلىنىش، ئىسسىق ساقلاش ماددىي ئەشيالىرىنى يەر تەۋرىگەن رايونغا يەتكۈزۈپ بەردى... قەھرىتان سوغۇقتىكى بۇ ئىللىق ئېقىم «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش» دېگەن قىممەت ئىنتىلىشىنى جانلىق ئەمەلدە كۆرسەتتى.

ئاپەتنىڭ ئۆزى بۇيرۇق، ۋاقىتنىڭ ئۆزى ھاياتلىق دېمەكتۇر. بۇ قېتىم ئۇچتۇرپاندا يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ھەممە تەرەپ ياردەم بەردى، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمىدى، بۇنىڭدا نامايان بولغىنى دەل ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ خەتەرلىك پەيتتە خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتەك سەمىمىي ھېسسىياتى بولدى. مەيلى يەر تەۋرەش ئەمدىلا يۈز بەرگەندە ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىن تەشكىللەنگەن ئالدىن ئەۋەتىلگەن قۇتقۇزۇش - ياردەم قىلىش كۈچلىرىنىڭ كېچىلەپ يەر تەۋرىگەن رايونغا ئاتلىنىشى، ئوت ئۆچۈرۈش ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىنىڭ كېچىلەپ چېدىر تىكىشى بولسۇن، ياكى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا - بازارلىرىدا توك بىلەن تەمىنلەشنىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىشى، يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان پويىزلار قاتنىشىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشى بولسۇن، ۋە ياكى توردا كەڭ تارقالغان يولۇچى توشۇش خادىمى ۋېي پىڭپىڭنىڭ خەتەر ئالدىدا قىلچە ھودۇقماي يولۇچىلارنى تارقاقلىشىشقا تەشكىللىشى، چېگرا مۇداپىئە ساقچىلىرىنىڭ يول بويى ئۇچقاندەك مېڭىپ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيلەردىن بالىلارنى قۇتقۇزۇپ چىقىشى بولسۇن ... ۋاقىت بىلەن بەسلەشكەن بۇ كۆرۈنۈشلەردە ئۇيقۇسىز كېچىدىكى بىر مەيدان تېز سۈرئەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك، كۈچلۈك قۇتقۇزۇش - ياردەم قىلىش ھەرىكىتى خاتىرىلەندى.

گوۋۇيۈەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابى خىزمەت گۇرۇپپىسىنى يەرتەۋرىگەن رايونغا ئەۋەتتى، مەركەز پاختىلىق چېدىر، پاختىلىق يوتقان قاتارلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى جىددىي يۆتكىدى، تۆت داۋالاش ئەترىتىدىكى 87 كىشى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە بېرىپ قۇتقۇزۇش - ياردەم قىلىشنى قانات يايدۇردى، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى قۇتقۇزۇش - ياردەم قىلىش پۇلى تارقاتتى... خەتەر قەيەردە بولسا، قۇتقۇزۇش - ياردەم قىلىش كۈچلىرى شۇ يەرگە باردى؛ قەيەر ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىغا ئېھتىياجلىق بولسا، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى شۇ يەرگە تېز يەتكۈزۈلدى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇپ ماسلىشىشى بىلەن، ئىستېرېئولۇق، كۆپ ئۆلچەملىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تورى توقۇلۇپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلىنىشىگە تۈرتكە بولدى. چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت بىلەن توقۇلغان بۇ تور تۈزۈم ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشنىڭ كۈچلۈك ئىسپاتى، تېخىمۇ مۇھىمى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، ئاممىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ جانلىق ئىزاھاتى، بۇ بىزنىڭ ئاپەت ئۈستىدىن غالىب كېلىشىمىزدىكى مەنىۋى كۈچ ۋە مۇستەھكەم ئىشەنچ.

قانچە جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر بولغانسېرى، مەسئۇلىيەتنى شۇنچە دادىل زىممىگە ئېلىش كېرەك. نۆۋەتتە، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى جىددىي ھەم تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ھال - ئەھۋالى، ئاپەت رايونىدىكى ئىككىلەمچى ئاپەتنىڭ خەۋپ - خەتىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى چوقۇم ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈپ، تېخىمۇ ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھازىر بار بولغان بايلىقلاردىن دەل جايىدا تولۇق پايدىلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش بىزنىڭ بارلىق خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا يۈزلىنىشىمىزدىكى مەۋقە ۋە مەقسەت، پەقەت كۆپچىلىك بىر مەقسەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، بىر پارچە قاتتىق پولات بولۇپ ئۇيۇشساقلا، جەزمەن قەھرىتان سوغۇقتىكى بۇ قېتىمقى يەر - جاھاننىڭ تەۋرىشى ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيمىز.

خىرىس قانچە كەسكىن بولغانسېرى، ھەممە شۇنچە بىر مەقسەتتە بولۇشى كېرەك. قەھرىتان سوغۇقتىكى بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى مەيلى ئاپەت رايونىدا تۇرۇۋاتقان ئامما ياكى قۇتقۇزۇش - ياردەم قىلىش خادىملىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا بولسۇن، ھەممىسى بىر قېتىملىق چوڭ سىناق، كېيىنكى قۇتقۇزۇش - ياردەم قىلىش ھەرىكىتىمۇ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن، شۇڭا بىزنىڭ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېغىر كۈنلەردە بىر - بىرىگە غەمخورلۇق قىلىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇشتەك دۆلەت مۇھەببىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەيسەر كۈرەش ئىرادىسى بىلەن قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.