1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش

日期:2024年02月07日
来源:天山网
【字体:

− شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك بايان (6)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى\خۇاڭ يۆ، دۇڭ بوتىڭ، چى چى

2023 - يىلى 10 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك».

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنى روھ ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش، ئاساسنى كۈچەيتىپ ئۇلنى مۇستەھكەملەشتىكى ئۇل قۇرۇلۇش قىلىپ، كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنى مۇستەھكەملەپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتتى.

سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق قەلبنى، كۈچنى مۇجەسسەملەش

2014 - يىلى باھاردا، 4 - ماي ھەرىكىتىنىڭ 95 يىللىقى پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ داشۆنىڭ مەكتەپ ھويلىسىغا كىرىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، بىر مىللەت، بىر دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان، ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق كۈچ پۈتكۈل جەمئىيەت ئورتاق ئېتىراپ قىلغان يادرولۇق قىممەت قارىشىدۇر».

يادرولۇق قىممەت قارىشى بىر مىللەت تايىنىدىغان مەنىۋى رىشتە، بىر دۆلەتنىڭ ئورتاق ئىدىيە - ئەخلاق ئاساسى.

«باي - قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، ئەركىن، باراۋەر، ئادىل، قانۇنچىل، ۋەتەنپەرۋەر، كەسىپچان، سەمىمىي، دوستانە بولۇش»تىن ئىبارەت 24 خەتلىك تەلەپتە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ قىممەت ئورتاق تونۇشى مۇجەسسەملەندى.

مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچنى مۇجەسسەملەش −

بىر مىللەت، بىر دۆلەتنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشى جەزمەن شۇ مىللەت، شۇ دۆلەتنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتىگە ماس كېلىشى، شۇ مىللەت، شۇ دۆلەت خەلقى قىلىۋاتقان كۈرەشكە بىرلەشتۈرۈلۈشى، شۇ مىللەت ۋە شۇ دۆلەت ھەل قىلىدىغان دەۋر مەسىلىسىگە ئۇيغۇنلىشىشى كېرەك.

جۇڭگو ئارزۇسى «جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىممەت چۈشەنچىسى ھەم قىممەت ئىنتىلىشى»دىن دېرەك بېرىدۇ. جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جەزمەن جۇڭگو روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز، شۇنداقلا «جۇڭگو روھىنى جەزمەن سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىدىغان روھىي دۇنياسىغا پائال چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، ئۇزاقتىن بۇيان مىللىتىمىز شەكىللەندۈرگەن پائال ئالغا ئىنتىلىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان ئىدىيە، مەدەنىيەتكە تولۇق ۋارىسلىق قىلىشىمىز ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك».

قىممەت بولغاندىلا كۈچنى مۇجەسسەملىگىلى، كۈچ بولغاندىلا ئارزۇغا ئىنتىلگىلى بولىدۇ.

جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلابىي مەدەنىيىتى ۋە سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتتە يىلتىز تارتقان ھەم مەۋقە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىگە قويۇلغان، مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى دەل جۇڭگو روھىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى بولۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مەنىۋى تىرىكىگە ئايلاندى.

مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئورتاق ئىدىيە - ئەخلاق ئاساسى بىلەن تەمىنلەش −

2013 - يىلى 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەندۇڭ چۈفۇدىكى كۇڭزى قەسىرى ۋە كۇڭزى تەتقىقات ئورنىدا ئېكسكۇرسىيە، تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭخۇا مىللىتى ئەۋلادمۇئەۋلاد گۈزەل، ئالىيجاناب ئەخلاق مەنزىلىگە ئىنتىلسىلا، مىللىتىمىز مەڭگۈ ئۈمىدكە تولىدۇ».

يادرولۇق قىممەت قارىشى بىر خىل ئەخلاق، ئۇ ھەم شەخسىي ئەخلاق، ھەم بىر خىل يۈكسەك ئەخلاق، يەنى دۆلەت ئەخلاقى، جەمئىيەت ئەخلاقى.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستىقبالىنى بارغانسېرى ئېنىق ھېس قىلغىلى بولۇشتىكى بىر مۇھىم سەۋەب شۇكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى ئادەم تەربىيەلەش ئەخلاقى، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئەخلاقى، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئەخلاقىغا قەتئىي ئىنتىلگەنىدى ۋە ئۇنى پائال ئەمەلدە كۆرسەتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللىتى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشتە، جەزمەن دەۋر شارائىتىغا ئاساسەن، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىغا ۋارىسلىق قىلىپ ھەم ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، كىشىلەرنى ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىش، ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىش، ئەخلاققا رىئايە قىلىش، ئالىيجاناب ئەخلاق - غايىگە ئىنتىلىشكە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئىدىيە - ئەخلاق ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك.

جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئارقىلىق سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئوزۇقلاندۇرۇش

سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى يىلتىزسىز دەرەخ ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ يىلتىزى، مەنبەسى بار.

2014 - يىلى 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 13 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىدىيە جەۋھىرى ۋە ئەخلاق جەۋھىرىنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرو قىلىنغان مىللەت روھىنى ۋە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش يادرو قىلىنغان دەۋر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مېھرىبانلىقنى تەكىتلەش، خەلقنى ئاساس قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، لەۋزىدە تۇرۇش، ھەققانىيلىقنى ئۇلۇغلاش، ئىناقلىققا ئەھمىيەت بېرىش، بىرلىككە ئىنتىلىشتىن ئىبارەت دەۋر قىممىتىنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە بايان قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك».

سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مول ئوزۇقلاندۇرۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

2014 - يىلى 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېرلىندا گېرمانىيەدىكى خەنشۇناسلار، كۇڭزى شۆيۈەنىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى ۋە خەنزۇ تىلى ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتى ئەنئەنىسى جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ گېنىغا ئايلىنىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ھەرىكەت شەكلىگە ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسەتمەكتە. بىز سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى بەرپا قىلىۋاتىمىز، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم مۇھىم مەزمۇنلار دەل جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى مەنبە قىلغان».

«باي - قۇدرەتلىك، دېموكراتىك بولۇش»قا «خەلق دۆلەتنىڭ ئاساسى، ئاساس مۇقىم بولغاندىلا دۆلەت تىنچ بولىدۇ» «خەلق ھەممىدىن ئەلا» دېگەن سەمىمىي غايە تۇتاشتۇرۇلغان؛

«ئادىل، قانۇنچىل بولۇش»قا «قانۇننى ئىجرا قىلىدىغان ئادەم قەتئىي بولسا، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ، قانۇننى ئىجرا قىلىدىغان ئادەم ئاجىز بولسا، دۆلەت نامرات ۋە ئاجىز بولىدۇ» دېگەن قانۇننى ئۇلۇغلاش ئىدىيەسى قوبۇل قىلىنغان؛

«سەمىمىي، دوستانە بولۇش»قا «لەۋزىدە تۇرمىغان يىگىت ئەمەس» «كىشىلەرگە مېھرىبان بولۇش» دېگەن قىممەت ئىنتىلىشى سىڭدۈرۈلگەن؛

...

سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىدىكى ھەربىر ئاچقۇچلۇق سۆزدە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىدىيە جەۋھىرى ۋە ئەخلاق جەۋھىرىنى قوبۇل قىلىش ھەم ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش نامايان بولۇپ تۇرىدۇ. ئەنئەنىدىن مەنىۋى گېننى بايقىغان، مەدەنىيەتتىن ئىرادە ئاساسىنى قوبۇل قىلغان، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى چوڭقۇر مەدەنىيەت ئىشەنچىنى نامايان قىلىپ، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

جۇڭخۇا مىللىتى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا شەكىللەندۈرگەن ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان ئۇلۇغ مىللەت روھى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى تارىخىي مەزگىلىدە شەكىللەندۈرگەن ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھى يەنە مىللەت ئېڭى، مىللەت پەزىلىتى، مىللەت خىسلىتىگە چوڭقۇر سىڭگەن.

«دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى مۇنقەرز بولۇشىدا ھەركىمنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇش»تىن «دۆلەت ياخشى بولسا، مىللەت ياخشى بولسا، كۆپچىلىك ئاندىن ياخشى بولىدۇ»غىچە، «كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى تىكلەش»تىن «ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش»قىچە، ھەم تومۇرداش بولغان، ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان قىممەت قارىشى جۇڭخۇا مىللىتىگە تىرەك بولىدىغان پۈتمەس - تۈگىمەس، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدىغان مەنىۋى كۈچكە ئايلاندى.

دەۋر روھى ئارقىلىق جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، خەلقنىڭ توغرا تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، دۆلەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى تۇرغۇزۇشى ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىنىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ شىجائىتى ۋە ئىشەنچى ئاشۇرۇلدى.

«سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.» 2021 - يىلى 9 - ئايدا، شەنشى سۈيدې ناھىيەلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە سارىيىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى تۇرمۇشنىڭ ئۇلىنىش نۇقتىسىنى تېپىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

پاكلىق مەدەنىيىتى، ئەقىل - پاراسەت جەھەتتە تەربىيەلىنىش، خەلقنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە كىرگۈزۈلدى؛ ئائىلە قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلىغا ئەھمىيەت بېرىش پارتىيە ئىستىلىنى توغرىلاش، خەلق ئىستىلىنى ياخشىلاشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىندى؛ سەمىمىي، دۇرۇس بولۇش، كۆڭلىدە ئەيمىنىش بولۇش، ھەرىكىتىگە چەك قويۇش پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئۆزىنى تەربىيەلىشىدىكى ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندى...

قەدىمكى بىلەن ھازىرقى تۇتاشتۇرۇلغان ئىدىيە - قاراشلار «تومۇرداش» بولغانلىقى ئۈچۈن ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى نامايان قىلدى، يەنە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى ۋە دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتى، تەرەققىي قىلدى.

جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ دەۋر قىممىتى چوڭقۇر قېزىلىپ ۋە ئىزاھلىنىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش داۋامىدا قىممەت قارىشىدا ئۆزىگە ئىشىنىش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، مىللەت روھى يارىتىلىپ، گۈللىنىش يولىدا ياخشى مېڭىلدى.

سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈش

تەربىيەلەپ يېتەكلەش، تۈزۈم ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىش، ئەمەلىيەت داۋامىدا يېتىلدۈرۈش... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەت ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىچكى جەھەتتىن قەلبكە سىڭدۈردى، تاشقى جەھەتتىن ھەرىكەتكە ئايلاندۇردى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت كۆككە تاقاشقان چوڭ دەرەخنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ باراقسان قىلدى، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

2023 - يىلى 12 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، «يادرولۇق قىممەت قارىشى بويىچە 100 مەيدان مۇنبەر»نىڭ 139 - مەيدان پائالىيىتى فۇجيەن چۈەنجوۋدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دىن كەلگەن پىروفېسسور پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئىنتىزامغا، قانۇنغا، قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىش توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم تەربىيەسى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرى كۈچەپ يېتىشتۈرۈلدى؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى خەلق مائارىپى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتىلغان ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشى ۋە داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلغان ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت كۈچەيتىلدى ۋە ياخشىلاندى؛ غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنىڭ دائىملىشىشى، تۈزۈملىشىشىگە تۈرتكە بولۇنۇپ، خەلق تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈشكە، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيۈشكە يېتەكلەندى...

سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشتە تەربىيەلەپ يېتەكلەش ئاساس. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، بارلىق خەلق «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، ئورتاق غايىنى چىڭ ساقلاش، ئورتاق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.

2017 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يولغا قويۇلغان ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپىدا، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى مۇقەددىمىنىڭ 1 - ماددىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈلگەنلىكىنىڭ روشەن كارتىنىسى بولۇپ قالدى.

«سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىشتىن يادرولۇق قىممەت قارىشى تەلىپىنى قانۇن - نىزام چىقىرىشنىڭ قانۇن چىقىرىش، تۈزىتىش كىرگۈزۈش، بىكار قىلىش، ئىزاھلاش جەريانىدا نامايان قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقىچە، شەھەر ئاھالىسى ئەھدىنامىسى، كەنت قائىدىسى، ئاھالىلەر ئەھدىنامىسى، ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى، تەشكىلات نىزامنامىسى ۋە ھەر ساھە، ھەر كەسىپنىڭ قائىدە - ئۆلچەملىرىدە نامايان قىلىشقىچە، يەنە ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش، سەمىمىيەت قۇرۇلۇشى، خەير - ساخاۋەت ئىئانىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەت ۋە قانۇنلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقىچە...

قانۇن - نىزام جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىم قىممىتىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش يولىدا، قانۇن ۋە سىياسەت ئارقىلىق جەمئىيەتكە توغرا قىممەت يۈزلىنىشى يەتكۈزۈلدى، پۈتكۈل جەمئىيەتتە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئىشلىرىدىكى «كۆتۈرەڭگۈ روھ» مۇجەسسەملەندى.

يېزا كەيپىياتى مەدەنىي بولۇش يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئومۇمىي تەلىپىگە كىرگۈزۈلدى؛ ئاممىۋى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتى، لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتى، ئىقتىسادچىل بولۇش ئەخلاقىنى يېتىلدۈرۈش بويىچە ئومۇمىي خەلق تېجەشلىك بولۇش ھەرىكىتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى... بىر قاتار پائالىيەتلەرنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى قۇرۇلۇشىدا ھەممە كىشى قاتناشقان، ئومۇمىي خەلق ھەرىكەتكە كەلگەن جانلىق ۋەزىيەت شەكىللەندى.

«ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار» ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولدى، كەڭ ئامما ئەخلاقلىق كىشىلەرنى ئۈلگە قىلىپ ئۇلاردىن ئۆگەندى، ئالغا بېسىپ، ياخشىلىققا ئىنتىلدى... سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە باغلىق، ئۇنى ئىنچىكە، كىچىك ئىشلارغىچە پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ قېنىغا سىڭدۈرگىلى، ئاڭلىق ھەرىكەت ۋە ئېتىقادقا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

يېڭى مۇساپىدە، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئۇنى بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق قىممەت ئىنتىلىشىگە ئايلاندۇرغاندىلا، چوقۇم قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى تۈگىمەس مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى)