1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

بىر مەقسەتتە قول تۇتۇشۇپ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى

日期:2023年10月29日
来源:天山网
【字体:

− خاڭجوۋ 4 ـ نۆۋەتلىك ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

 خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

10 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، خاڭجوۋ 4 ـ نۆۋەتلىك ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياغلىشىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مېلودىيە ۋە گۈزەل تىلەك ئىچىدە خاڭجوۋ ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.

ئىككى ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئوخشاشلا قالتىس ئۆتكۈزۈلدى. ئۆتكەن يەتتە كۈندە، جېجياڭ ئۆلكىسى ۋە خاڭجوۋ شەھىرى «تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس» مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش تەلىپى بويىچە، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن ئۆلچەم ئوخشاش بولۇش، مۇلازىمەت ئوخشاش بولۇش، كەيپىيات ئوخشاش بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇسابىقە تەشكىللەش ۋە مۇسابىقە كاپالىتىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ياخشى ئىشلەپ، دۇنياغا بىر مەيدان «ئوچۇق ـ يورۇق بولغان، ئىناق بولغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان» ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى تەقدىم قىلدى. «قائىدىگە رىئايە قىلىش، ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، خاسلىققا ھۆرمەت قىلىش، تەپسىلاتلارغا ئەھمىيەت بېرىش» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كەنتىنى بەرپا قىلىشتىن ئون كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ مۇسابىقە مەيدان ـ سارايلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئۆزگەرتىشكىچە؛ شەھەرنىڭ تۈرلۈك ئاممىۋى ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك توسالغۇسىز قىلىپ يېڭىلاشتىن ھەر تەرەپلىمە پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكىچە... ھەربىر تۈرلۈك خىزمەت، ھەربىر تەپسىلاتتا «تەنھەرىكەتچىلەرنى مەركەز قىلىش» گەۋدىلەندۈرۈلدى. خاڭجوۋ ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى مېيىپلەر تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا قېنىق ۋە رەڭدار سەھىپە قالدۇردى. خۇددى ئاسىيا مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى مەجىد راشىد ئېيتقاندەك: «مەن نۇرغۇن مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، مېنىڭچە خاڭجوۋ ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى بىر نۆۋەتلىك مۇسابىقە بولۇپ قالىدۇ».

جان تىكىپ ئېلىشىش كىشى قەلبىنى ئەڭ لەرزىگە سالىدۇ. مۇسابىقە مەيدانىدا، چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان قىلىچۋازلىق تەنھەرىكەتچىلىرى مۇسابىقىلەشكەندە چاقلىق ئورۇندۇقنى يولىنى تەڭشىگىلى بولىدىغان رامكىغا مۇقىملاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ؛ ئەما قاپقا توپ تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ئاۋازنى ئاڭلاپ ئورۇننى پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىشىنى بەلگىلىشىگە توغرا كېلىدۇ؛ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ يېتىپ تۇرۇپ ئىككى قولى بىلەن شتانكىنى كۆتۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ... ئادەتتىكى كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان قىيىنچىلىق ئالدىدا، مۇسابىقىگە قاتناشقان مېيىپ تەنھەرىكەتچىلەر قىلچە قورقۇپ قالماي، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، ئۆزىدىن ھالقىشنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇردى. ئۇلارنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىدىغان، مەڭگۈ ۋاز كەچمەيدىغان روھى تېخىمۇ كۆپ كىشىنى كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇشقا، باتۇرلۇق بىلەن ئارزۇغا ئىنتىلىشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە. بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جۇڭگو مېيىپلەر تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى «ئۇدا تۆت قېتىم چېمپىيون بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى» ھەم تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ۋەتەن ۋە خەلققە شان ـ شەرەپ كەلتۈردى. جۇڭگو مېيىپ تەنھەرىكەتچىلىرى توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئېلىشىپ، ئېگىلمەس ـ سۇنماس، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ھاياتلىق مارشىنى ياڭرىتىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگو مېيىپ كىشىلىرىنىڭ روھىي قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلدى، شۇنداقلا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ قوشتى.

خاڭجوۋ ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تەنتەربىيە ماھارىتى نامايان قىلىنىپلا قالماي، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئورتاق يۇغۇرۇلۇش ۋە ئالماشتۇرۇشمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى قاتارلىق كۆزنەكلەردىن پايدىلىنىپ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، تارقىتىشنى كۈچەيتىش كېرەك». ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى خاڭجوۋ شەھىرىدىكى «ئۈچ دەريانىڭ ئىككى قىرغىقى»دا تەرتىپلىك يەتكۈزۈلۈپ، جېجياڭنىڭ «شېئىرىيەت يولى مەدەنىيىتى»نىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسى تولۇق نامايان قىلىندى. باشلىنىش مۇراسىمىدا، مېيىپ تەنھەرىكەتچىلەر ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەقلىدىي بىلەك بىلەن ئاساسىي مەشئەلنى تۇتاشتۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكا بىلەن ئادىمىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى نامايان قىلدى. مۇسابىقە مەيدانىدا ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر ھەم ئۆزئارا رىقابەتلەشتى ھەم بىر ـ بىرىگە ئىلھام بەردى. خاڭجوۋ ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىكى ئاسىيا خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، شۇنداقلا تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، سىغدۇرۇشچانلىق ئۇرۇقىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ قەلبىگە چاچتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «مېيىپلەر جەمئىيەت چوڭ ئائىلىسىنىڭ باراۋەر ئەزاسى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كۈچ.» پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلىپ، مېيىپلەر ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ۋە ئۇلارغا كۆيۈنۈش مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خاڭجوۋ ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى پۇرسەت بىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ مېيىپلەر تەنتەربىيەسى ۋە مېيىپلەر ئىشلىرىغا بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، «باراۋەرلىك، يۇغۇرۇلۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش»تىن ئىبارەت قىممەت يۆنىلىشىنى كىشىلەر قەلبىگە تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە مېيىپلەرنى ھۆرمەتلەيدىغان، چۈشىنىدىغان، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ياردەم بېرىدىغان كەيپىياتنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرغاندا، چوقۇم جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېيىپلەرنىڭ تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياراتقىلى بولىدۇ. جۇڭگو باشتىن ـ ئاخىر ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئىنتېرناتسىيونالىزملىق روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مېيىپلەر تەنتەربىيەسى جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنىڭ ھەيۋەتلىك يۆگىمە رەسىمنى سىزىپ چىقىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا پائال تۈرتكە بولىدۇ.

ئۇرغۇپ تۇرغان تەنتەربىيە قىزغىنلىقى بىلەن تىز پۈكمەس ھاياتلىق ئىرادىسى ئۇچراشقاندا، خىرىستىن قورقمايدىغان ھاياتلىق گۈزەللىكى جۇلالىنىدۇ. خاڭجوۋ ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كىشىلەردە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى، شۇنداقلا يېڭى سەھىپە ئاچتى. قول تۇتۇشۇپ بىر نىيەتتە ئارزۇنى روياپقا چىقىرىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)