1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، 4 - پەسىللىك خىزمەتلەرگە ئاتلىنايلى

日期:2023年10月27日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ئىشقا ئاشۇرۇلغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 355 مىليارد 249 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.1 ئاشتى؛ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولدى... 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ «نەتىجە قەغىزى» سىرتقا ئېلان قىلىندى. مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە، ماختاشقا ئەرزىيدىغان بىر قاتار ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتلىرى، ھەم ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئاساسىدا ياخشىلىنىشتەك ياخشى ۋەزىيىتىنى نامايان قىلدى، ھەم غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، 4 - پەسىللىك خىزمەتلەرگە ئاتلىنىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، «تاماملاش جېڭى»نى ياخشى قىلىش ئۈچۈن ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، ئاساس سالدى.

1 - پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.9 ئاشتى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.1 ئاشتى، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.1 ئاشتى... بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە پەسىلمۇپەسىل پۇختا قەدەم بىلەن ياخشىلىنىش يۈزلىنىشىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقىنىڭ كۈچلۈك، ھاياتىي كۈچىنىڭ يېتەرلىك، يوشۇرۇن كۈچىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك چۈشەندۈرۈپ بەردى. «باشتىن كەچۈرمىگۈچە ئىشنىڭ قىيىنلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ»، دوستانە ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكى تارىخىي خاراكتېرلىك تەشكىللىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە زىيارەتكە چىقىشتىن بۆلەك رايونغا ئايرىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەق مەيدان يىغىنى ئېچىشقىچە؛ 2023 - يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا - ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆتكۈزۈشتىن ھەر پەسىلدە ئارقا - ئارقىدىن «ئىش باشلاش بۇرغىسى»نى چېلىپ، چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشقىچە... بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى كۈچەپ يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ياخشىلىنىش تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇستەھكەملىدى.

دەل پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئىقتىسادنى تۇتۇپ جان تىكىپ كۈرەش قىلغاچقا، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىم ياخشىلاندى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىم ئاشتى، مۇلازىمەت كەسپى تېز ئەسلىگە كەلدى، ئىستېمال بازىرى تېز جانلاندى، سېلىنما كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى؛ دەل تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ كۈرەش قىلغاچقا، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، بازارنىڭ جانلىنىش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى؛ دەل «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكىدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق بولغاچقا، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە تۆھپە قوشۇش دەرىجىسى سىجىل ئاشتى.

چوڭقۇر قاتلامدىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئىقتىسادىدا «مىقدارنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش» جەھەتتە كۆرۈنەرلىك فىزىكىلىق ئۆزگىرىش بولۇپلا قالماي، يەنە «سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش» جەھەتتە چوڭقۇر خىمىيەلىك رېئاكسىيە پەيدا بولدى. مەسىلەن، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.9 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتىدىن 13.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قويۇپ بەرگەن يوشۇرۇن كۈچنى نامايان قىلدى؛ يەنە مەسىلەن، شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش تۈرى سېلىنمىسى 1.6 ھەسسە ئېشىپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 9.2 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېشىل ئېنېرگىيە ساھەسىدە يوشۇرۇنغان «كۆك دېڭىز»نى نامايان قىلدى؛ يەنە مەسىلەن، تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى تۇنجى قېتىم 250 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، كۆلەم جەھەتتە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنىڭ قويۇپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ يەنە مەسىلەن، ئاپتونوم رايون بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 214 مىليون ئادەم قېتىم بولۇپ، 2019 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى سەۋىيەدىن ئېشىپ كەتتى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىز مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى يوشۇرۇن كۈچىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ زورىيىشى، يېڭى ئەۋزەللىكلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز گەۋدىلىنىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادى چوقۇم تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىگە ئىگە بولىدۇ.

غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ 4 - پەسىللىك خىزمەتلەرگە ئاتلىنىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، «تاماملاش جېڭى»نى ياخشى قىلىش كېرەك. ھازىر، جەزمەن ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىنىڭ سىجىل قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كۈزلۈك، قىشلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكىدە سىجىل تۈردە ھوسۇلنى كۆپەيتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، دىققەتنى ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىجىل تۈردە ئىقتىدارنى كېڭەيتىش، يوشۇرۇن كۈچنى قېزىش كېرەك. چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەردە قۇرۇلۇشنى تېزلىتىش، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تۈرلەردە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا ئىلمىي تۈرتكە بولۇش كېرەك. ساياھەتچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. زور خەۋپ - خەتەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. بىز تەستە قولغا كەلگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىغا بولغان ئوڭ يۆنىلىشلىك كۆزلىمىنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولايلى.