1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

قول تۇتۇشۇپ ئوچۇق - يورۇق بولۇش، ئىناق بولۇش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنىڭ شانلىق مېلودىيەسىنى ياڭرىتايلى

日期:2023年10月22日
来源:天山网
【字体:

​− خاڭجوۋ 4 - نۆۋەتلىك ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«قەلبلەر ئۇچراشتى، ئارزۇلار چاقنىدى». 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، 4 - نۆۋەتلىك ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجوۋ شەھىرىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. ئاسىيادىكى 40 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 3000دىن ئارتۇق مېيىپ تەنھەرىكەتچى بۇ جايدا كىشىلىك ھايات ئارزۇسىغا ئىنتىلىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش سالاپىتىنى نامايان قىلىپ، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇقنى ئورتاق بايان قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئوچۇق - يورۇق بولۇش، ئىناق بولۇش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنىڭ شانلىق مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، ئاسىيانىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ.

خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بۇ يىللىق خىزمىتىدىكى بىر چوڭ ئىش. ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلدى. جېجياڭ ئۆلكىسى ۋە خاڭجوۋ شەھىرى ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، تەرتىپلىك ياخشى ئىشلەپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ خاڭجوۋ ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، «ئىككى ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئوخشاشلا قالتىس بولۇشى»غا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. خاڭجوۋ ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش مېيىپ تەنھەرىكەتچىلەرنى ماھارەت سەۋىيەسى ۋە روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە مېيىپلەرگە پىكىر ئالماشتۇرىدىغان سۇپا ھازىرلاپ بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا مېيىپلەر تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان يېڭى تۆھپىسى مەڭگۈ ئەستە ساقلىنىدۇ.

كەڭ مېيىپلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، تەنتەربىيە مۇھىم قىممەتكە ئىگە بولۇپ، تەن ساپاسىنى ئاشۇرۇش، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، جەمئىيەتكە قاتنىشىش، ئەتراپلىق يېتىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى. خاڭجوۋ ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جەمئىي 22 چوڭ تۈر، 564 كىچىك تۈر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، مېيىپ تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىشى، ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى تېپىلغۇسىز پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. كەڭ مېيىپ تەنھەرىكەتچىلەر باتۇرلۇق بىلەن جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۆزىدىن ھالقىپ، توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىش روھىنى نامايان قىلىپ، جەزمەن كىشىلىك ھاياتىنى جۇلالاندۇرالايدۇ. بۇ قېتىمقى خاڭجوۋ ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى 723 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، تەنھەرىكەتچىلەر 22 چوڭ تۈردىكى بارلىق مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. جۇڭگو مېيىپ تەنھەرىكەتچىلىرى ئىززەت - ھۆرمىتىنى ساقلاپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىگە تايىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، مېيىپلەر تەنتەربىيە روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەربىر تۈردىكى مۇسابىقىدە ھاياتىي كۈچى ۋە يۈكسەك پەزىلىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، چوقۇم يەنە ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، تەنھەرىكەت نەتىجىسى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكتە قوش مول ھوسۇل ئېلىپ، ئاخىرقى چەككە جەڭ ئېلان قىلىش، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش روھى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى رىغبەتلەندۈرىدۇ.

مېيىپلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش جەمئىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگو مېيىپلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە، مېيىپلەر ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.» يېڭى دەۋر كىرگەندىن بۇيان، بىز خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاجىزلار يار - يۆلەككە ئېرىشەلەيدىغان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مېيىپلەرنىڭ باراۋەر ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، مېيىپلەرنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا تارىخىي ئىلگىرىلەشلەرنى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈش جەريانى مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلىدىغان كۆزنەك، شۇنداقلا دۆلىتىمىز مېيىپلەر ئىشلىرى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى زور پۇرسەت. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مېيىپلەرنىڭ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كەڭ مېيىپلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرىدۇ ھەم دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا مېيىپلەر ئىشلىرى جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىق بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.

تەنتەربىيەنى ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق، ئاسىيا كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، كەلگۈسى يولنى بەرپا قىلىش. ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى لاۋۇلداپ يانغاندا، كېچە ئاسمىنىنى يورۇتۇپلا قالماي، كىشىلەر ئارىسىدىكى چەكسىز مېھىر - مۇھەببەتنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇپ، پۈتمەس - تۈگىمەس كۈچ - قۇۋۋەتنى يەتكۈزدى. شىخۇ كۆلى بويىدا، ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىلەر مۇقەررەر ھالدا كۈرەش قىلىش ۋە تەر ئاققۇزۇش ئارقىلىق قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئاجايىپ سەھىپىلەرنى پۈتۈپ، دوستلۇقنى تارقىتىپ، ھاياتلىقنىڭ كۈچلۈك ساداسىنى بىرلىكتە ياڭرىتىدۇ.

خاڭجوۋ 4 - نۆۋەتلىك ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)