1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

تەجرىبىلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتايلى

日期:2023年10月20日
来源:天山网
【字体:

− باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك مۇلاھىزە(21)

 شىن شىجيەن

نەزەرىيە ئۆگىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلىدى؛ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش»تىن ئىبارەت دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى ئۆگىنىپ، قوللىنىپ شىنجاڭ خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ قوللانما، شىنجاڭ خىزمىتىنى ئۆلچەشتىكى مۇھىم ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلىدى − 2 ـ تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ ئالغا سىلجىتىلغاندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر 1 ـ تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىدىن پائال ياخشى پايدىلىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ جىپسىلاشتۇرۇش ۋە ھەمتۈرتكە بولۇشنى ياخشى تۇتۇپ، 2 ـ تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇشنى ياخشى باشلىدى.

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىنى كۆزلەپ چىقارغان بىر تۈرلۈك مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. باش تېما تەربىيەسىنىڭ 1 ـ تۈركۈمدىن 2 ـ تۈركۈمگە ئۆتۈشى ھەم تەرتىپلىك ئىلگىرىلەش جەريانى، ھەم پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش ئىگىلەشتىكى ئورۇنلاشتۇرما، ئىككىسى قارىماققا باسقۇچقا ئايرىلغان، مۇستەقىل بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە. ئىككى تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، باش تېمىسى، ئاساسىي لىنىيەسى ۋە نىشان ـ ۋەزىپىسى بىردەك، 1 ـ تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ياخشى تەتبىقلاپ، 1 ـ، 2 ـ تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە ھەمتۈرتكە بولۇشنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان نىشان، تەلەپلەر ۋە تۈرلۈك نۇقتىلىق تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئاچقۇچ.

ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلى ۋە خىزمەت ئىستىلىنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە ھەمتۈرتكە بولۇشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. 1 ـ تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدە، مەيلى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «تۆتنى قىلماسلىق، ئىككى بىۋاسىتە»دە چىڭ تۇرۇپ، راست گەپنى ئاڭلاش، ھەقىقىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش بولسۇن؛ ياكى مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئاتلىنىپ، دىققەتنى ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈش بولسۇن؛ ۋە ياكى «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى تۇتۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇش، قاتلاممۇقاتلام ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇش بولسۇن، ھەممىسى ماركسىزملىق ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، شۇنداقلا راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇش خىزمەت ئىستىلىنىڭ زور كۈچ بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىلىشى. 2 ـ تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە خادىملارنىڭ دائىرىسى كەڭ، تۈرى كۆپ، سانى كۆپ، ۋەزىپىسى ئېغىر بولۇپ، 2 ـ تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پىلانلاش، تەشكىللەش ۋە ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا، ھەم ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىشنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەم 1 ـ تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى داۋامىدىكى ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلى ۋە خىزمەت ئىستىلىنى ئۆگىنىپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تۈرتكە بولۇش كېرەك.

تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە ھەمتۈرتكە بولۇشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش جەريانى يەنە ئۈزلۈكسىز يىغىنچاقلاش، خۇلاسىلەش، پايدىلىق تەجرىبىلەرنى تاۋلاش، خىزمەتلەرنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش جەريانى. 1 ـ تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدە ھاسىل قىلىنغان ياخشى تەجرىبە، ئۇسۇللار 2 ـ تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشتا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە، 2 ـ تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان ئورۇنلار جەزمەن ئەستايىدىل ئۆرنەك ئېلىشى، قوبۇل قىلىشى كېرەك. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، 2 ـ تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە خادىملارنىڭ دائىرىسى كەڭ، ئاساسىي قاتلامغا تېخىمۇ يېقىن، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشى تېخىمۇ بىۋاسىتە، شۇڭا، تەجرىبە ـ ئۇسۇللارنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە ھەمتۈرتكە بولۇشتا ھەم ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، «يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر خىل بولۇپ قىلىش»تەك شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن ساقلىنىش كېرەك؛ ھەم «يۇقىرى ـ تۆۋەننىڭ گېپى بىر يەردىن چىقماسلىق»تەك باغلانماسلىق، توسۇپ قويۇش، يۈزەكى ئىشلەپ مەسئۇلىيەتتىن قېچىش ئەھۋاللىرىدىن ساقلىنىپ، ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە تۈزىتىش، تۈزەشتە يۇقىرى ـ تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. 1 ـ تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا بايقالغان مەسىلىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن، شۇنداقلا ئۈنۈمىنى ئاساسىي قاتلامدىن سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، جەزمەن يۇقىرى ـ تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ خىزمەت يېپىق ھالقىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. 2 ـ تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدە تۈزىتىلىدىغان، تۈزىلىدىغان «ئىپادىسى ئاساسىي قاتلامدا، يىلتىزى يۇقىرىدا» بولغان بەزى مەسىلىلەرنى 1 ـ تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان ئورۇنلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىشىغا، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ھەل قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ؛ 1 ـ تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى بويىچە تۈزىتىش، تۈزەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن بەزى مەسىلىلەر پۈتكۈل سىستېمىغا چېتىلىدۇ، ئاساسىي قاتلامنىڭ كۈچ ئۇلاپ تۈزىتىشىگە، ئاخىرغىچە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ. يۇقىرىقى ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ ھەممىسىدە يۇقىرى ـ تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان خىزمەت قايتما يولى شەكىللەندۈرۈپ، «يۇقىرىدىكىلەر سورىسا تۆۋەندىكىلەر جاۋاب بېرىش» ۋە «تۆۋەندىكىلەر سورىسا يۇقىرىدىكىلەر جاۋاب بېرىش»نى ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى ئاخىرىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ئۈزۈل ـ كېسىل تۈزىتىش، تۈزەشكە توغرا كېلىدۇ.

جىپسىلاشتۇرۇلىدىغان جاي كۆپ ھاللاردا ئاچقۇچلۇق جاي. 2 ـ تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش باشلىنىپ چوڭقۇرلىشىشقا يۈزلەنگەن ئاچقۇچلۇق پەيتتە، 1 ـ، 2 ـ تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە سىستېما قارىشى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش ۋە ھەمتۈرتكە بولۇشنى ياخشى تۇتۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە پۇختا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.