1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە قۇرايلى

日期:2023年11月03日
来源:天山网
【字体:

 شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلدى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن چىقارغان مۇھىم قارار، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش، تەرەققىيات مۇساپىسىدە زور بەلگە خاراكتېرلىك، ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگرا بويى رايونىدىكى تۇنجى ئەركىن سودا سىناق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەزمەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا زور ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

بۇ يىل باش شۇجى شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، شۇنداقلا دۆلىتىمىز ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. بۇ مۇھىم ۋاقىت تۈگۈنىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى تەستىقلىدى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى قۇرۇش شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسى ۋە تىجارەت سۇبيېكتلىرىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشكە پايدىلىق.

ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇشتا، جەزمەن سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنىڭ شىنجاڭغا نىسبەتەن زور تارىخىي ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن تاپشۇرغان بۇرچ، ۋەزىپىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك ئۆرنەك بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشقا سىڭىشىشىدىكى مۇھىم تۈگۈننى بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇشتا، جەزمەن دىققەتنى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. «جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئومۇمىي لايىھەسى»دە شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، رايون ئورنى ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئاساسلىق ۋەزىپىسى ۋە تەدبىرى، كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. بولۇپمۇ، «لايىھە»دە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى ۋە تەرەققىيات نىشانى چۆرىدىلىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش، سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق 25 جەھەتتىكى كونكرېت تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئىزدىنىپ يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقى زور، ئېچىۋېتىش دەرىجىسى يۇقىرى، ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىيات ئەندىزىسى كەڭ بولۇپ، شىنجاڭغا ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە تېخىمۇ چوڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىلدى. بىز «لايىھە»دىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ مەزمۇنىنى تولۇق، دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈپ، كەسىپ، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى يۈرۈشلەشكەن سىياسەت - تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇپ ماسلاشتۇرۇپ يولغا قويۇپ، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا دائىر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى تىجارەت - سودا مۇھىتى ئەلا، مەبلەغ سېلىش، سودا قىلىش قولايلىق بولغان، ئەۋزەل كەسىپلەر توپلاشقان، مۇھىم ئامىل بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، باشقۇرۇشى ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان، تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولى گەۋدىلىك بولغان يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى سۈپەتلىك ئەركىن سودا باغچە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، يېڭىلىق يارىتىش تەلىپى يۇقىرى بولۇپ، ئۇ، بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى تۇتۇش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى خىزمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. يۇقىرى نۇقتىدىن تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پەرقلىق ئىزدىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە تەشكىللەپ، يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدە يولغا قويۇپ، تىرىشىپ بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، كۆپ نەتىجە يارىتىش كېرەك. خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ھەرقايسى بۆلەك رايونلارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىشى، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدا مەسئۇلىيەت زور، بۇرچ شەرەپلىك. تارىخىي پۇرسەتنى ئىگىلەپ، تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، دادىل سىناق قىلىپ، دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئۆز ئالدىمىزغا ئىسلاھ قىلىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇشتا ئالدىدا ماڭىدىغان رايون، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى تەجرىبە ئېتىزى، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشىدىكى ئېشىش قۇتۇپى، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى يېڭى ئېگىزلىك، تىجارەت - سودا مۇھىتىدىكى ئۆرنەك رايوننى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا «يول ئىزدەش»، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا «كۈچ قوشۇش»، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە «مەسىلە ھەل قىلىش» ئۈچۈن، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى.