1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىشىدىكى جانلىق كۆرۈنۈش

日期:2023年11月14日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ئوپېراتسىيەسى ۋە مۇرەككەپ، قىيىن ئوپېراتسىيەدىن 20 مىڭدىن ئارتۇقنى تاماملاپ، خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقتىن 9000دىن ئارتۇقنى قۇتقۇزدى؛ جاپا ـ مۇشەققەتتىن قورقماي جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا ـ كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۆيمۇئۆي كىرىپ بالىياتقۇ بوينى راكىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش ۋە بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاشنى قانات يايدۇردى؛ دىققەتنى بالىياتقۇ بوينى راكى تەتقىقاتىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كوللېكتىپىنى يېتەكلەپ غەربىي شىمالدىكى بىردىنبىر تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت كىلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈمنى قۇردى... نەچچە 10 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭلىق دوختۇر ماھىنۇر نىياز ئاياللار كېسەللىكلىرى ـ تۇغۇت بۆلۈمى ساھەسىدە ئىجتىھات بىلەن ئىزدىنىپ، ئۈن ـ تىنسىز تۆھپە قوشۇپ، كامالەتكە يەتكەن داۋالاش تېخنىكىسى ۋە خالىس مېھىر ـ مۇھەببىتى ئارقىلىق نۇرغۇن ئاغرىق ئايالنى قۇتقۇزۇپ، داۋالاپ، ھەر مىللەت ئاچا ـ سىڭىللارنى گۈزەل ھاياتقا قۇچاق ئېچىش، نۇرغۇن ئائىلىلەرنى قايتىدىن خۇشاللىققا ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەرنىڭ مېھىر ـ مۇھەببىتى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىشىدىكى گۇۋاھچى، قاتناشقۇچى، تۈرتكە بولغۇچىغا ئايلاندى.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، بىر رايون، بىر مىللەتنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ. تۈرلۈك چارە ـ ئاماللار بىلەن شىنجاڭنىڭ داۋالاش ـ ساقلىقنى ساقلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداپ، ھەربىر تىيانشان ئوغۇل ـ قىزلىرىنى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ئارزۇغا ئىنتىلىش، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھوقۇق ـ مەنپەئىتىدىن بەھرىمەن قىلىش پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ زىممىسىدىكى ئېغىر ۋەزىپە، داۋالاش ـ ساقلىقنى ساقلاش سېپىنىڭ ئىجتىھات بىلەن ئىزدىنىش نىشانى. شىنجاڭلىق دوختۇر ماھىنۇر نىياز دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى تىپىك ۋەكىل.

ماھىنۇر نىياز «ئانىلارنىڭ ساغلاملىق قوغدىغۇچىسى بولۇش» ئېتىقادى، «بىر ئىشنى تاللاپ، بىر ئۆمۈر داۋاملاشتۇرۇش» قەتئىيلىكى بىلەن، بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ۋە تەتقىق قىلىشقا ئۇزاق مۇددەت كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكى تەتقىقاتى ساھەسىدە كۆپ تۈرلۈك بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ داۋالاش ـ ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. ئۇنىڭ جىسمىدا ھاياتلىقنى قوغداش، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىشتەك دوختۇرلارنىڭ مېھرىبان قەلبى مەركەزلىك نامايان بولدى، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەش، دادىللىق بىلەن باشلامچى بولۇشتەك يېڭىلىق يارىتىش روھى نامايان بولدى، ئۆمۈر بويى ئۆگەنگەنلىرى ئارقىلىق يۇرتىغا جاۋاب قايتۇرۇشتەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى نامايان بولدى، ئۆزى تۇرۇۋاتقان بۇ تۇپراققا، ئەتراپىدىكى ھەر مىللەت ئاچا ـ سىڭىللارغا بولغان چوڭقۇر مېھىر ـ مۇھەببىتى نامايان بولدى. ماھىنۇر نىيازنىڭ كەسىپكە بولغان ئىشتىياقى، خەلققە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى يۈكسەك دەرىجىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەرگە ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

بىر تامچە سۇدا قۇياش نۇرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ماھىنۇر نىيازنىڭ دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللىنىش يولىغا نەزەر سالساق، ھەربىر پەن تەتقىقات تۈرىنى قانات يايدۇرۇشى، تۈرلۈك قالتىس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنىڭ ئارقىسىدا دەل يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى كۈچەپ ئەمەلدە كۆرسىتىشى، چېگرادىكى مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ داۋالاش ـ ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىغا كۈچلۈك تىرەك بولۇشى، ھەر مىللەت مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارغا غەمخورلۇق قىلىشى ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشى، ھەر مىللەت ئاياللىرىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈشى بار. بۇ يىللاردىن بۇيان، سۈت بېزى راكى، بالىياتقۇ بوينى راكىنى ھەقسىز بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىشتىن بىخەتەر مەنپەئەتلىنەلەيدىغان كۆپىيىش ساغلاملىقى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكىچە، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش ـ ساقلىقنى ساقلاش شارائىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى شىنجاڭغا داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىشنىڭ كەڭ دائىرىدە ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقىچە... شىنجاڭ ئاياللارنىڭ ساغلاملىق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاياللار ساغلاملىقىغا دائىر ئومۇمىي مەنپەئەتدار تۈرلەرنى كەڭ يولغا قويدى، ھەر مىللەت ئاياللار بارغانسېرى ئەلا سۈپەتلىك سەھىيە ـ ساغلاملىق مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولدى، ساغلاملىق ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا قاتنىشىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ئۆز قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئىنتىلىشى تېخىمۇ قىزغىن بولدى.

ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقىدىن تەرەققىيات ھوقۇقىغىچە، شىنجاڭنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى ھەر تەرەپلىمە، بىر پۈتۈنلۈككە، پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىگە ئىگە بولۇپ، سىياسىي، جىسمانىي ۋە كىشىلىك قەدىر ـ قىممەت، مەدەنىيەت ـ مائارىپ، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، مال ـ مۈلۈك، ئۆيلىنىش ـ ئائىلە قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى، سەمىمىي، ئەمەلىي بولدى. شىنجاڭ ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت، قائىدە ـ نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشى، ئاممىۋى مۇلازىمەت، جەمئىيەت قاتنىشىش، ھوقۇق ـ مەنپەئەتنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاياللار ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىغا نەزەر سالساق، دەل ماھىنۇر نىيازغا ئوخشاش شىنجاڭ ئاياللار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلغان، خالىس ئۆزىنى بېغىشلىغان نۇرغۇن كۈرەش قىلغۇچىلار بولغاچقا، ھەربىر گۈزەل «ئۇ» پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتە ئاياللارنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلماقتا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭنىڭ ئاياللار ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە كۆز يۇمۇپ، «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىگە دەخلى ـ تەرۇز يەتكۈزدى» دەپ بىرمەھەل بوھتان چاپلاپ، بۇ ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئوبرازىغا قارا چاپلىدى، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، شىنجاڭ ئاياللىرىنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلۈشى، ھەر مىللەت ئاچا ـ سىڭىللارنىڭ گۈلدەك تەبەسسۇملىرى دەل ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ بوھتان چاپلاپ، پىتنە ـ ئىغۋا تارقىتىشىغا بېرىلگەن ئەڭ كۈچلۈك قايتۇرما زەربە.

شىنجاڭلىق دوختۇر ماھىنۇر نىيازنىڭ ھەر مىللەت ئاچا ـ سىڭىللارنىڭ ساغلاملىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىغانلىقى جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ يۈكسەلگەنلىكىنىڭ بىر ئىخچام كۆرۈنۈشى. دەل 70 ياشلارغا كىرىپ قالغان ماھىنۇر نىيازنىڭ يەنىلا ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇشنى تاللىغىنىدەك، شىنجاڭنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى بىر دەقىقىمۇ توختاپ قالمايدۇ، ھەر مىللەت ئاياللىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى سىجىل كۈچىيىدۇ، بۇ ئارقىلىق جۇڭگو ھەتتا دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىشى ئۈچۈن شىنجاڭ ئىزاھاتىنى يازىدۇ، شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشىدۇ.