1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن ئاساس سېلىپ، روھنى تاۋلايلى

日期:2023年11月09日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ نېگىزى ئادەمدە، ئاچقۇچى مائارىپتا.

ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇۋاتقان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇۋاتقان، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈۋاتقان پەيتتە، ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا پۈتۈن ئاپتونوم رايون مائارىپىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىندى ۋە مۇھاكىمە قىلىندى، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەر سىستېمىلىق پىلانلىنىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە مائارىپنى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مائارىپ گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، مائارىپ كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئايرىم باب قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش بۇرغىسى چېلىندى. مائارىپ شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئىستراتېگىيەلىك باشلامچىلىق ۋە تىرەكلىك، يېتەكچىلىك رولىغا ئىگە، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئۇللۇق رولغا ئىگە. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، مائارىپقا سىياسىي جەھەتتىن قاراش، مائارىپنى خەلق تۇرمۇشى جەھەتتىن تۇتۇش، مائارىپنى قانۇنىيەت جەھەتتىن باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاساس سېلىپ، روھنى تاۋلىشىمىز كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە قوللىشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپ نۇقتىلىق ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. خىزمەت نەتىجىلىرىنى كۆرۈش بىلەن بىللە، شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىش كېرەككى، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپ ئالدىدا، شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىزمىتىدە يەنە مائارىپ بايلىقى بىلەن تەمىنلەش تەكشى بولماسلىق، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش يېتەرلىك بولماسلىق، ئالىي مائارىپ ۋە كەسپىي مائارىپ بويىچە مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتى يۇقىرى بولماسلىق، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش زۆرۈر بولۇش، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەر ساقلانغان بولۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش تەلىپىگە توغرىلىنىپ، كۈچەپ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىدا جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

يېتەرسىزلىكنى تونۇپ پائال ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. مائارىپ − ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق بىر تۈرلۈك ئىش، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى خىزمەتلەرنى سىستېمىلىق پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەش كېرەك؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇپ، مائارىپنىڭ ئاساسىي يوللۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساس سېلىش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ ساھەسىنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە ئىدېئولوگىيە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ مائارىپ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا بولغان تىرەكلىك كۈچى ۋە تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، پەنلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى جانلىق تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك؛ مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك؛ يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن قوشۇننى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار بايلىقىنى تەقسىملەش، باشقۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك؛ مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇش كېرەك.

پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيە رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي تۈردە ئوقۇش - ئوقۇتۇش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرگەندىلا، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بىز ھەقىقىي تۈردە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، پارتىيە كومىتېتى بىلەن ھۆكۈمەت تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، تارماقلار ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاش، چوڭقۇر يۇغۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ خىراجىتى، ئالىي مەكتەپ قۇرۇلۇشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى كاپالەت سالمىقىنى زورايتىپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

ئۇزاق مۇددەتلىك زور ئىشتا مائارىپ ئاساس. ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق مائارىپتىكى «قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش»تىن ئىبارەت تۈپ مەسىلىگە ياخشى جاۋاب بېرىپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشايلى.