1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتايلى

日期:2022年03月20日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

2022 ـ يىلى 1 ـ پەسىلدە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم، زور تۈرلىرىدە مەركەزلىك ھالدا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىش باشلاش مۇراسىمى ھەم ئاپتونوم رايون بويىچە مۇھىم، زور تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن، باھاردا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ بۇرغىسى چېلىنىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش كۈچلۈك سىگنالى تارقىتىلدى. باھار ساقلاپ تۇرمايدۇ، تۈر ساقلاپ تۇرمايدۇ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن جەزمەن مىنۇت ـ سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ توپلىشى، ئېنېرگىيە جۇغلىشى كېرەك.

مۇھىم، زور تۈرلەر يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىدىغان مۇھىم ۋاسىتە ۋە كۈچلۈك موتور. تۈرلەرنى تۇتقانلىق تەرەققىياتنى تۇتقانلىق، تۈرلەرنى كۆزلىگەنلىك كەلگۈسىنى كۆزلىگەنلىكتۇر. تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كەسىپ تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئېلاستىكلىقىنى كۈچەيتىشتىكى مۇقەررەر يول. بۇ قېتىمقى مەركەزلىك ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغان، ئىش باشلىنىدىغان مۇھىم، زور تۈرلەرگە نەزەر سالساق، تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلايدىغان ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان سانائەتتىكى باشلامچىلار، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنى كۆزلەيدىغان سىرتقا يۈزلەنگەن كەسىپلەر، دىققەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە مەركەزلەشتۈرۈلگەن خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى بار. بۇ مۇھىم، زور تۈرلەردە مەۋقە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئەۋزەللىكىگە قويۇلغان، مەبلەغ سېلىش جەلپكارلىقى كۈچلۈك، كەسىپلەرنىڭ تۈرتكىلىك كۈچى كۈچلۈك، تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، جەزمەن يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتقاندىلا، ئاندىن شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن پۇختا ماددىي ئاساس سالغىلى بولىدۇ.

تەرەققىياتنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا ئەمەلىي ئىشلەشكە تايانغاندىلا، ئاندىن ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن قۇرۇق گەپ ساتقانلىق بولىدۇ. مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ياخشى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كۈچەيتىشى كېرەك. «مەبلەغ، مۇھىم ئامىل تۈرگە ئەگىشىپ مېڭىش»تا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت، بانكا، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك مالىيە مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىتىپ، جەمئىيەت كاپىتالىنى مەبلەغ سېلىشقا پائال ئىلھاملاندۇرۇش ۋە يېتەكلەش كېرەك؛ يەر ئىشلىتىش، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش، ئادەم ئىشلىتىش، ماتېرىيال ئىشلىتىش ھەمدە شەھەر مەمۇرىيىتى يانداش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا مۇھىم ئامىل ئېھتىياجىنى ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنىڭ قانۇن، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ھالدا تېزدىن ئەمەلىيلىشىشى، ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مۇلازىمەت ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرى ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى سىجىل بەرپا قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ مۇھىم ئامىل كاپالىتى مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى سىياسەت سىستېمىسى بىلەن ماسلاشتۇرۇش، جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا سىجىل يېتىشىپ مېڭىپ، تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدىكى قىيىن نۇقتا، ئاغرىق نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ ۋە ھەل قىلىپ، قانۇن بويىچە بولۇش، ئىخچام بولۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپى ئارقىلىق، مۇھىم، زور تۈرلەر ئۈچۈن پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكى بويىچە مۇلازىمەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئاساسلىق رەھبەرلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىشى، ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىشى، پۈتۈن مۇساپىلىك يېتىشىپ مېڭىشى كېرەك؛ ئالاقىدار تارماقلار نۇقتىلىق ۋەزىپە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، ھەركىم ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىشى كېرەك؛ ھەرقايسى تۈر ئىگىلىرى ۋە قۇرۇلۇش قىلىش كارخانىلىرىمۇ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئىنچىكە تەشكىللەپ قۇرۇلۇش قىلىپ، ئىلمىي باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلەرنىڭ ياخشى قۇرۇلۇشى، ياخشى ئىشلىتىلىشى، ئەڭ زور ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك باھار شامىلىدا، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ پۇرسەت مەزگىلى، ئالتۇن مەزگىلى، ئاچقۇچلۇق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ يىراقنى كۆرىدىغان ئەندىزە بىلەن تۈرلەرنى پىلانلاش، تېخىمۇ پۇختا ئىستىل بىلەن تۈرلەرنى تۇتۇش، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەر بىلەن تۈرلەرنى تۇرغۇزۇش ئارقىلىق، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم، زور تۈر باشلامچىلىرىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يېتەكلەش ۋە تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.