1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرايلى

日期:2022年04月10日
来源:天山网
【字体:

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

بۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى، بۇ، دۇنيا خەلقىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى! يەتتە يىللىق جاپاغا چىداپ تىرىشىش ئارقىلىق، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو خەلقى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈرلۈك قىيىنچىلىق، خىرىسلارنى يېڭىپ، تارىخ بېتىگە پۈتۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنى يەنە بىر قېتىم ئورتاق بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئولىمپىك شان - شەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم ئورتاق بەھرىلەندى.

4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ غايەت زور نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، يەتتە يىللىق تەييارلىق كۆرۈش، مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىشتىن ئىبارەت قالتىس مۇساپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈپ، تەييارلىق قىلىش، مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى روھىنى چوڭقۇر ئىزاھلاپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مىراسلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، نەزەر دائىرە كەڭ، ئىچكى خاس مەزمۇن مول بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دۆلىتىمىزدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا ئاتلىنىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇھىم، زور بەلگە خاراكتېرلىك پائالىيەت بولۇپ، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قەرەلىدە بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، «ئىككى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى»نىڭ ئوخشاشلا قالتىس بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش جۇڭگو خەلقىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرۈپ، رول تۇتۇپ يول باشلاپ، ئۆزى بىۋاسىتە پىلانلاپ، ئۆزى بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق ۋە تەستىقىي يوليورۇقلارنى بېرىپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەييارلىق خىزمىتىنىڭ ياخشى ئىشلىنىشى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى، بېيجىڭ جاڭجياكوۋ بىلەن قول تۇتۇشۇپ مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدىغان شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن بارلىق ئاساسىي كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى، خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتى قاتارلىق خەلقئارا تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق تۈرلۈك قىيىنچىلىق، خىرىسلارنى يېڭىپ، دۇنياغا بىر نۆۋەتلىك تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس بولغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنى تەقدىم قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدە كۆرسەتتى!

ئۇلۇغ ئىش ئۇلۇغ روھنى يارىتىدۇ. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كەڭ قاتناشقۇچىلىرى ئۇلۇغ دەۋر بەرگەن پۇرسەتنى قەدىرلەپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش، تەييارلىق كۆرۈش، ئۆتكۈزۈش جەريانىدا ئومۇمىي ۋەزىيەتنى قەلبىگە پۈكىدىغان، ئىشەنچ بىلەن ئېچىۋېتىدىغان، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىدىغان، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى روھىنى ئورتاق ياراتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى روھىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر يىغىنچاقلىدى: ئومۇمىي ۋەزىيەتنى قەلبكە پۈكۈش − ۋەتەنگە رىشتە باغلاپ، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق كۆرۈش، ئۆتكۈزۈشنى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى» دەپ بىلىپ، دۆلەت ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرۈشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىپ، دۆلەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى شەرەپ دەپ بىلىپ، بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئېلىشىشتىن ئىبارەت؛ ئىشەنچ بىلەن ئېچىۋېتىش − سالاپەتلىك، كەڭ قورساق، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىنى يەتكۈزۈپ، چۈشىنىشلىك چوڭ داۋلى ئارقىلىق ئۇزاق مەدەنىيلىك ئىدىيەسىنى نامايان قىلىپ، قىزغىنلىق، مېھماندوستلۇق ئارقىلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ سەمىمىي دوستلۇقىنى نامايان قىلىپ، مەدەنىيلىكنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت؛ قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىگىرىلەش − جاپاغا چىداپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي، ئېغىر يۈكنى بىلىپ تۇرۇپ زىممىگە ئالىدىغان، خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىدىغان كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، جاسارەت بىلەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، خەۋپ - خەتەر ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، غەلىبە ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت؛ قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىش − پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ، قىلچە بىخەستەلىك قىلماي، ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم، ئەڭ قاتتىق تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ - لايىھەلەپ، كۆڭۈل قويۇپ ئويۇپ ۋە سىلىقلاپ، كۆڭۈل قويۇپ ماسلىشىپ مەشىق قىلىپ، ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە مۆجىزە يارىتىشتىن ئىبارەت؛ كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش − ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، چىڭ قول تۇتۇشۇپ، «بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنىش» بىلەن «تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىش»نىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، دۇنياغا قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ قىزغىن چاقىرىقىنى چىقىرىشتىن ئىبارەت. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى روھى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.

ئۇلۇغ روھ ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىدۇ. ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىشتا، ئالدىمىزغا قويۇلغان بۇرچ تېخىمۇ شەرەپلىك، ۋەزىپە تېخىمۇ مۈشكۈل، خىرىس تېخىمۇ كەسكىن، خىزمەت تېخىمۇ ئۇلۇغ. بىز ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىشىمىز كېرەك. ئومۇمىي ۋەزىيەتنى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋەتەنگە شەرەپ كەلتۈرۈش ئىرادىمىز ۋە جاسارىتىمىزنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشقا ئىرادە تىكلەپ، باتۇرلۇق بىلەن جاپا - مۇشەققەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، قىيىنچىلىقنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئېغىر يۈكنى زىممىمىزگە ئېلىپ، خەۋپ - خەتەرنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولىدىغان، ئۇدا كۈرەش قىلىدىغان كۆتۈرەڭگۈ روھنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. ئىشەنچ بىلەن ئېچىۋېتىپ، دۇنياغا يۈزلىنىش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش، زامانىۋىلىشىشقا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي ئەسلىمىلەرنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ شىجائىتى ۋە ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، دۇنياغا قىزغىن قۇچاق ئېچىپ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىش ئىشەنچىگە تولغان سالاپىتىمىزنى نامايان قىلىپ، بېكىتىلگەن كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، غەيرەت - شىجائىتىمىزنى ئۇرغۇتۇپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىمىز كېرەك. قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، «قانچە جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەر بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان» قەھرىمانلىق جاسارىتىمىز ۋە «رەقىبلەر تار يولدا ئۇچراشقاندا باتۇرلۇق كۆرسەتكىنى يېڭىدۇ» دېگەن كۈرەش روھى بىلەن، ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە ئالدىن مۆلچەرلەش قىيىن بولغان بارلىق خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، پارتىيەگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىشىمىز كېرەك. قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق بىلىمنى ئاشۇرۇپ، جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق تېخنىكىدا پىشىپ يېتىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، دەۋر مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالغاندا ھەرىكەتنى سۆزدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش جەريانىدا زور ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىپ، دۇنيا چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تەرىپىدە تۇرۇپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى چىڭ ساقلاپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىرلىكتە كەلگۈسىگە يۈزلىنەيلى. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۈرەش قىلىش جەريانىدا ھاسىل قىلىنغان قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن پۇختا قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، بىز چوقۇم يېڭى، تېخىمۇ ئۇلۇغ غەلىبە ۋە شەرەپنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى)