ئاممىۋى سورۇنلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

日期:2021年01月16日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز چاۋ جىن، سۇ لۇپىڭ خەۋىرى): چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاممىۋى سورۇنلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟ كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار يىغىندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟ مۇخبىرلار ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى دېزىنفېكسىيە قىلىش، يۇقۇملىنىشنى تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ياڭ خۇڭسەينى زىيارەت قىلدى.

«كىشىلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك» ياڭ خۇڭسەي مۇنداق دېدى: «ئاممىۋى سورۇنلارغا كىرىپ چىقىدىغان كىشىلەرگە قارىتا يول يۈرۈش كودى، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. يىغىنغا قاتنىشىدىغان ئادەم سانىنى كونترول قىلىپ، ئىمكانقەدەر توردا يىغىن ياكى سىن يىغىنى ئېچىش، 50دىن ئارتۇق ئادەم پائالىيەت ئېلىپ بارغاندا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئالاقىدار ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ياڭ خۇڭسەي مۇھىت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھاۋانىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاشنى ئەسكەرتتى. يىغىن زالى ياكى بارلىق ئاممىۋى رايونلاردا تەبىئىي ھاۋا ئالماشتۇرۇش ياكى شامالدۇرغۇچ ئورنىتىش قاتارلىق ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ھاۋانىڭ ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىغا، ھەر كۈنى ھاۋا ئالماشتۇرۇش قېتىم سانى ئۈچ قېتىمدىن كەم بولماسلىقى كېرەك. ئەگەر مەركەزلىك ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئىشلەتكەندە، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىشلەش جەريانىدا ئەڭ چوڭ شامال مىقدارى بويىچە مەشغۇلات قىلىش، شامال يەتكۈزۈش ئېغىزى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى قەرەللىك تازىلاپ، دېزىنفېكسىيەلەپ ياكى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.

ياڭ خۇڭسەي يەنە قول تازىلىقىنى ياخشى قىلىشنى ئەسكەرتتى. بارلىق رايونلارنىڭ كىرىش ئېغىزى، ھەر بىر قەۋەت پەلەمپەي ئېغىزىغا يۇيۇش ھاجەتسىز دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى سەپلەش، ئاممىۋى ھاجەتخانا ئىچىگە قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى يۇيۇش ھاجەتسىز دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى سەپلەپ، كىرىپ-چىقىدىغانلارنىڭ ھەر ۋاقىت ئىشلىتىشى ئۈچۈن تەمىنلىشى كېرەك.