«ئەخلەت يېمەكلىك»لەرنى زىيادە كۆپ يېيىش بالىلارنىڭ ئۇيقۇسىنى ئاسانلا توسالغۇغا ئۇچرىتىدۇ

日期:2021年08月11日
来源:天山网
【字体:

ئاۋسترالىيە كۋېنسلاند داشۆسى ساغلاملىق ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوتسېنت ئاساد خان مۇنداق دېدى: «كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدە كۆپ ھاللاردا كوفېئىن بولىدۇ، تېز تاماق يېمەكلىكلىرىنىڭ تەركىبىدە كۆپ ھاللاردا يۇقىرى ئىسسىقلىق مىقدارى بولسىمۇ، ئوزۇقلۇق كەمچىل بولىدۇ، بۇ يېمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلغاندا، ئۇيقۇ توسالغۇغا ئۇچراش نىسبىتىمۇ ئېشىپ بارىدۇ».

كۋېنسلاند داشۆسىنىڭ بۇ تەتقىقات ئورنى ئىشلەتكەن سانلىق مەلۇماتلار دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 2009-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان دۇنيا مەكتەپ ساغلاملىقىنى تەكشۈرۈشىدىن كەلگەن. بۇ تەكشۈرۈش شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ئافرىقا، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتەسى ۋە شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدىكى يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك 64 دۆلەتتىكى ئەينى چاغدا يېشى 12 ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان 175 مىڭ 261 ئوقۇغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى ئۈچ ئىستاكاندىن ئارتۇق كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىك ئىچىدىغان ياش - ئۆسمۈرلەردە ھەر كۈنى پەقەت بىر ئىستاكانلا ئىچىدىغان ئوخشاش ياشتىكىلەرگە قارىغاندا ئۇيقۇسى توسالغۇغا ئۇچراش نىسبىتى %55 يۇقىرى بولىدىكەن، ھەر ھەپتىدە تۆت كۈندىن ئارتۇق تېز تاماق يەيدىغان ئوغۇل ياش - ئۆسمۈرلەردە ئۇيقۇ توسالغۇسى كۆرۈلۈش نىسبىتى ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم تېز تاماق يەيدىغان ئوغۇل ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىغاندا %55 يۇقىرى بولىدىكەن، بۇ نىسبەت قىز ياش ـ ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا %49 يۇقىرى بولىدىكەن.

ئاساد خان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ناچار بولۇشى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلاملىقى ۋە بىلىش تەرەققىياتىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇ مەكتەپلەرنىڭ كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىك ۋە تېز تاماق بىلەن تەمىنلەشنى چەكلەيدىغان كەيپىيات يارىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە ئائىلىلەردىمۇ بالىلارنىڭ ساغلام يېمەك ـ ئىچمەك ئادىتىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى