قىشتا دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى قان شېكىرىنى كونترول قىلىشتىن سىرت، «يۈرەك ۋە مېڭە»نى ئاسرىشى كېرەك

日期:2021年01月14日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قىش پەسلى بەرداشلىق بېرىش تەس بولغان پەسىل، يېتەرلىك ئېنېرگىيە ساقلاش ئۈچۈن، بەزىدە بىر، ئىككى قوشۇق كۆپرەك تاماق يېيىشتىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ، ئەمما سەللا دىققەت قىلمىسا قان شېكىرى ئۆرلەپ كونترول قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتتىق سوغۇق كۈنلەردە، سىرتقا چىقىپ چېنىقىش ئانچە قولايلىق ئەمەس، ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا دىيابېت ئاغرىقلىرىقىشنى خاتىرجەم ئۆتكۈزەلەيدۇ؟ گۇاڭجوۋ تېببىي داشۆسى قارمىقىدىكى 3-دوختۇرخانا ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋراچى جاڭ يىڭ تۆۋەندىكىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى:

قاندىكى قەنت مىقدارىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، ئېغىزنى باشقۇرۇپ، ھەرىكەت قىلىش

تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ قان شېكىرىدە ياز پەسلىگە قارىغاندا قىش پەسلىدە تېخىمۇ ئاسان داۋالغۇش كۆرۈلىدىكەن. جاڭ يىڭ بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: بىرىنچىدىن، قىشتا كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ھەرىكىتى كۆرۈنەرلىك ئازىيىدۇ، جىسمانىي ھەرىكەت ئىنسۇلىننىڭ سەزگۈرلىكىنى ئاشۇرۇپ، قان شېكىرىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق. ھەرىكەت ئاز بولسا، شەكىلسىز ھالدا قان شېكىرىنى كونترول قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئاشىدۇ. ئىككىنچىدىن، قىشتا بەدەن سوغۇققا تاقابىل تۇرىدىغان بولغاچقا، ئورگانىزىملارنىڭ قىش پەسلىدە قەنت پوستلاق ھورمونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سېزىمچانلىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئىنسۇلىنغا بولغان قارشىلىقى مەلۇم دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.

دىيابېت پۇت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

پۇت چىلايدىغان سۇ بەك قىزىق بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. قىش پەسلىدە تېرە قۇرغاقلىشىپ، يېرىلىپ كېتىدۇ، كىشىلەر ئادەتتە يۈز ۋە قولنىڭ نەملىكىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پۇت قىسمىغا سەل قارايدۇ، جاڭ يىڭ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: قىش پەسلىدە دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى پۇت قىسمىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، يوشۇرۇن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، دىيابېت كېسىلىنىڭ بالدۇر ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

قىشتا دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى پۇتىنىڭ تاپىنى، بارماق ئارىسى ۋە پۇت قىسمىنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن قىسمىنى نۇقتىلىق تەكشۈرسە بولىدۇ، بولۇپمۇ پۇت قىسمىنىڭ نەملىكىنى ساقلاش ۋە پەرۋىش قىلىشقا سەل قاراشقا بولمايدۇ، پۇت يېرىلىش ياكى قۇرغاقلىشىپ قىچىشىش سەۋەبىدىن تاتىلاپ يارا پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، جاراھەت يۈزىنى كېڭەيتىۋەتسە، ساقايتىش تەسكە توختايدۇ. ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، قىشتا پۇتنى يۇيۇش گەرچە بىر خىل يامان ئەمەس ساقلىقنى ساقلاش ئۇسۇلى بولسىمۇ، ئەمما ئەتراپتىكى نېرۋىلاردا كېسەللىك ئۆزگىرىشى مەۋجۇت بولغان دىيابېت كېسلى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاخىرقى ئۇچ نېرۋا سېزىمى ئاجىزلاش سەۋەبىدىن، سۇ تېمپېراتۇرىسىنى ھېس قىلىشى ئاستىلايدۇ.

قىش پەسلىدە ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

«يۈرەك ۋە مېڭىنى قوغداش» ئارقىلىق يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

قىش پەسلىدە قاتتىق سوغۇق بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى قان تومۇرلار سوغۇقتىن تارىيىدۇ، بۇ دەل يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىش يۇقىرى پەللە مەزگىلى. دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىدا ئوخشاشلا يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە ئوخشاش ھەر خىل كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەر، مەسىلەن: يۈرەك تىقىلمىسى، ئاپوپلېكسىيە قاتارلىقلار ئاسان يۈز بېرىدۇ. بەزى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىدا تاجسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى دىيابېت كېسىلى بولمىغان ئاغرىقلارنىڭكىدىن 4 ~ 2 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن، يۈرەك تىقىلمىسى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بىلەن تاجسىمان يۈرەك كېسىلى ئاغرىقلىرىدا يۈرەك تىقىلمىسى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ئاساسەن ئوخشاش بولىدىكەن.

شۇڭا، جاڭ يىڭ شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى قان شېكىرىنى ياخشى كونترول قىلىپلا قالماي، يەنە يۈرەك، مېڭە قان تومۇرلىرىدىكى تاسادىپىيلىقنى كۆپەيتىش ئېھتىمالى بولغان تۈرلۈك خەتەرلىك ئامىللارنى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىپ، دىيابېت كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى ئازايتىشى، كۈندىلىك تۇرمۇشتا تۆۋەندىكىلەرنى ئىشلەشكە دىققەت قىلىشى كېرەك:

1. قىش پەسلىدىمۇ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قان شېكىرىگە قارشى تۇرۇش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، ماينى تەڭشەش، قېتىشىشقا قارشى تۇرۇش قاتارلىق دورىلارنى ئىستېمال قىلىپ، قان شېكىرى، قان بېسىمى، قاندىكى ماي مىقدارىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىشىنى ساقلاش كېرەك.

2. يېمەك ـ ئىچمەكنىڭ دەرىجىسى بار، زىيادە يەپ ـ ئىچمەسلىك، ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش.

3. ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قاتتىق سوغۇقتىن ساقلىنىش.

4.چوڭ تەرەتنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاش.

5. تاماكا، ھاراقنى تاشلاش.

ئۇنىڭدىن باشقا، قىش پەسلىدە سوغۇقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كىشىلەر ئادەتتە پارنى ئېچىپ، ئىشىك ـ دېرىزىلەرنى ھىم ئېتىۋالىدۇ، بۇ كېسەللىك باكتېرىيەلىرىنىڭ كۆپىيىشى ۋە تارقىلىشىغا پايدىلىق. دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىدائادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان يۇقۇملىنىش كۆرۈلىدۇ، قىش كۈنلىرىمۇ ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇش، ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا سەل قاراشقا بولمايدۇ، بۇ ئۆي ئىچىدىكى ھاۋادىكى كېسەللىك باكتېرىيەلىرىنىڭ قويۇقلۇقىنى ئازايتىپ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

ھاۋا ئوچۇق ۋاقىتتا، دىيابېت ئاغرىقلىرىغا دالا پائالىيىتىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش تەكلىپىنى بېرىمىز، بۇمۇ قان شېكىرىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق.

ئەلۋەتتە، دالا پائالىيىتى جەريانىدا ھەر ۋاقىت كىيىم -كېچەكلەرنى كۆپەيتىش ۋە ئازايتىشقا دىققەت قىلىش، شاكىلات، قەنت ـ گېزەك قاتارلىق جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈش، قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.