قىشتا، ھوردا پىشۇرۇلغان مېۋە-چېۋىلەر بالىلارغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ

日期:2021年01月13日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: قىش كۈنلىرى ھاۋا سوغۇق، قۇرغاق بولغاچقا، نۇرغۇن بالىلاردا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش، يۆتىلىش، ھەزىم قىلىش ناچار بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، بالىلارغا دائىم تۆۋەندىكى ئۈچ خىل «دۈملەپ پىشۇرۇلغان مېۋە»نى بەرگەندە، ئوزۇقلۇقنى كۈچەيتكىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە كېسەلنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

دۈملەنگەن ئالما. ئالما بوتقىسىدا ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار مول بولۇپ، بالىلارنىڭ بەدىنى ئاجىزلاپ كەتكەندە، ئازراق ھوردا پىشۇرۇلغان ئالما يەپ بەرسە، ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار تولۇقلىنىپ، بەدەن كۈچلىنىدۇ. بەزىدە بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالسا دۈملەنگەن ئالما بوتقىسى يېسىمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچەينى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رولى بار بولۇپ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ. ئالما بوتقىسىنى ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن بۇرۇن ياكى تاماقتىن كېيىن يېرىم سائەت ئىچىدە ئىستېمال قىلىش كېرەك، تاماقتىن بۇرۇن ئىستېمال قىلغاندائىشتىھانى ئاچىدۇ، تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلغاندا ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.

دۈملەنگەن نەشپۈت. بالا زۇكامداپ يۆتىلىپ قالسا، بالىغا ھوردا پىشۇرۇلغان نەشپۈت يېگۈزسە بولىدۇ. نەشپۈت تەركىبىدە كۆپ مىقداردا يىرىك تالا، ۋىتامىن، ئاقسىل ۋە قەنت ماددىسى بار، سۇ تەركىبى يېتەرلىك بولۇپ، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، يۆتەلنى توختىتىپ، بەلغەمنى بوشىتىدۇ. نەشپۈت سوغۇققا مايىل بولۇپ، بوۋاقلار خام يېسە، ئاشقازان-ئۈچىيىنى بىئارام قىلىشى مۇمكىن. دۈملەنگەن نەشپۈت ئۆپكىنى سىلىقلاپ يۆتەلنى توختىتىپلا قالماي، يەنە قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ. نەشپۈت بوتقىسى ياساش ناھايىتى ئاددىي: ئالدى بىلەن نەشپۈتنى ئۇششاق توغراپ، ئارىلاشتۇرۇش ماشىنىسىغا سېلىپ ئېزىپ، ئاندىن نەشپۈت بوتقىسىنى قازانغا سېلىپ قىزىتىمىز، ئازراق ناۋات ۋە چۇەنبېي قوشساقئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

دۈملەنگەن ئاپېلسىن. نۇرغۇن بالىلار سوغۇق ئۆتۈپ قالسا، ئاغرىپ قالغاندىن كېيىن توختىماي يۆتىلىدۇ، بۇ چاغدا ھوردا پىشۇرۇلغان ئاپېلسىن يېيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئاپېلسىن پوستى تەركىبىدىكى ئاپېلسىن مېيى يۆتەل توختىتىش دورىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى بولۇپ، ئاپېلسىننىڭمۇ ئۆپكىنى سىلىقلاپ يۆتەل توختىتىش ئۈنۈمى بار.