بۇ بەش خىل يېمەكلىك ئاياللارغا ئەڭ ماس كېلىدۇ

日期:2020年12月31日
来源:天山网
【字体:

ئاياللارنىڭ ئالاھىدە فىزىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى بولغاچقا، تۆمۈر، ئۆسۈملۈك ئانىلىق ھورمىنى ۋە ۋىتامىنلارغا بولغان ئېھتىياجى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، تۆمۈر ماددىسى قان تولۇقلاشقا پايدىلىق بولۇپ، ھەيزكەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تولۇقلايدۇ؛ ئۆسۈملۈك ئانىلىق ھورمۇنى ئاياللارنىڭ تېنىدىكى ئانىلىق ھورمۇننى تەڭشەپ، كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئالامەتلەرنى پەسەيتىدۇ؛ ۋىتامىن كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. ئامېرىكا «تەرمىلەر» ژۇرنىلى يېقىندا ئاياللارنىڭ ئوزۇقلۇق تولۇقلىشىغا ماس كېلىدىغان تۆۋەندىكى بەش خىل ئەڭ ياخشى يېمەكلىكنى تەۋسىيە قىلدى.

كالا گۆشى. ھەيز تەسىرىدىن ئاياللاردا ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان قان ئازلىق كۆرۈلىدۇ. قاندىكى تۆمۈر مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن بولسا ئېغىر چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، كالا گۆشى تۆمۈر تولۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش.

دۇفۇ. دادۇر تەركىبىدىكى ئۆسۈملۈك بىرىكمىسى بولغان ئىزوفلاۋون ئانىلىق ھورمۇنغا ئوخشاش تۈزۈلۈشكە ئىگە بولۇپ، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ، يەنە ئاياللارنىڭ كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى بىئاراملىقنى ئازايتىدۇۋە سۆڭەكنى چىڭىتىدۇ.

گەنلەن. گەنلەن يەنە كاللەكبەسەي، گۈل كاپۇستا دەپ ئاتىلىدۇ، تەبىئىي «ئاشقازان كۆكتىتى» دەپ تەرىپلىنىدۇ، تەركىبىدە ۋىتامىن K1، ۋىتامىن U بار بولۇپ، ئاشقازان ياللۇغىغا قارشى تۇرۇپلا قالماي، ئاشقازان شىللىق پەردە توقۇلمىلىرىنى قوغدايدۇ ھەم ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، يەنە ئاشقازان ھۈجەيرىلىرىنىڭ جانلىقلىقىنى ساقلاپ، كېسەللىك ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ. گەنلەن تەركىبىدە يەنە مول ۋىتامىن A، كالىتسىي ۋە فوسفور قاتارلىقلار بار.

زىغىر ئۇرۇقى. بولكىچىلار ئادەتتە بۇ خىل قاتتىق پوستلۇق مېۋىنىڭ ئۇرۇقىنى ئىشلىتىپ بولكىنىڭ تەمىنى تېخىمۇ ياخشىلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىگە زىغىر ئۇرۇقى قوشۇلسا ئۆسمىنىڭ ئۆسۈشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى بولىدىكەن.

مۇگۇا. مۇگۇا تەركىبىدە ۋىتامىن A ۋە ۋىتامىن C مول بولۇپ، ئۆت كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ئەرلەرنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ. بىر ئوتتۇراھال چوڭلۇقتىكى مۇگۇا تەكىبىدە 188 مىللىگىرام ۋىتامىن C بار، ئەمما ئىسسىقلىق مىقدارىپەقەت 119 كالورىيە.