يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدىن كېيىن نېمە ئۈچۈن يۈرەك زەئىپلىشىش يۈز بېرىدۇ

日期:2020年12月29日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا تورى خەۋىرى: يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدىن كېيىن نېمە ئۈچۈن يۈرەك زەئىپلىشىش كېلىپ چىقىدۇ؟ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھەربىي تېببىي داشۆسى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئالاھىدە تېببىي مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدىن كېيىن G ئاقسىلى جۈپلەشمە قوبۇل قىلغۇچى تەنچە 4(GRK4)نىڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئىپادىلىنىشىنىڭ بەلكىم يۈرەك زەئىپلىشىشنىڭ باش جىنايەتچىسى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، (GRK4) نى تىزگىنلىسە يۈرەك تىقىلمىسىدىن كېيىنكى يۈرەك ئىقتىدارىنى قوغداپ، يۈرەك مۇسكۇل ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆلۈشىنى ئازايتىدىغانلىقىنى بايقىغان ۋە ئىسپاتلىغان. ئالاقىدار تەتقىقات نەتىجىلىرى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى توردا «ياۋروپا يۈرەك كېسىلى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.

يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدىن كېيىن كۆپ مىقداردىكى يۈرەك مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىدىن يوقاپ كېتىشى ئۇنىڭ يۈرەك زەئىپلىشىش ۋە كىلىنىكىلىق ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پاتولوگىيەلىك ئاساسى. يۈرەك تىقىلمىسىدىن كېيىن داۋالاپ قۇتقۇزۇپ كېلىنگەن ئاغرىقلارنىڭ %70 تىن كۆپرەكىدە بەش يىل ئىچىدە يۈرەك زەئىپلىشىش يۈز بېرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى يۈرەك مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرى زەربىگە ئۇچراپ، بەزى ھۈجەيرىلەر ئاستا-ئاستا ئۆلۈپ، يۈرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھەربىي داشۆسى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئالاھىدە تېببىي مەركىزى يۈرەك قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى زېڭ چۈنيۈ: «بىز تەجرىبە ئارقىلىق يۈرەك تىقىلمىسىدىن كېيىن يۈرەك مۇسكۇلىدا (GRK4) يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ئىپادىلەش مىقدارىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقىنى بايقىدۇق، بۇنىڭ بىلەن بىز (GRK4) نىڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا بولغان تەسىرى ۋە ئۇنىڭ مېخانىزىمىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلدۇق، دېدى.

نۆۋەتتە تەتقىقات كوللېكتىپى (GRK4) گە بولغان تورمۇزلىغۇچى دورىلارنى تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى.