خامۇشلۇقنى «قارشىلىشىش» دەپ قالماڭ، بالىلاردىكى خامۇشلۇق كىچىك ئىش ئەمەس

日期:2020年12月22日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى:يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزدە ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يىلدىن-يىلغا ئېشىپ، خامۇشلۇق كېسىلى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەھدىت سالىدىغان ئاساسلىق كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. 2017-يىللىق «جۇڭگو ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدىكى 17 ياشتىن تۆۋەن ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئىچىدە، تەخمىنەن 30 مىليون ئادەم ھەر خىل كەيپىيات ۋە ھەرىكەتنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالغان، خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىدە ياش كىچىكلىشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن، خامۇشلۇق كېسىلى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىدىكى ئاساسلىق خەتەرلىك ئامىل بولۇپ قالغان. مەخسۇس روھىي پىسخىكا كېسەللىكلىرىنى داۋالايدىغان بېيجىڭ داشۆ 6-دوختۇرخانىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى 12-ئايدا، بۇ دوختۇرخانىنىڭ بالىلار كېسەلخانىسىدىكى خامۇشلۇق كېسىلى نىسبىتى %45.7 بولۇپ،ئوتتۇرىچە يېشى 13.8 ياش بولغان؛ 2019-يىلى 12-ئايدا، بۇ ئىككى سان ئايرىم-ئايرىم ھالدا %66.7 ۋە 13.6 ياش بولغان.

قايسى خىل ئامىللار ياشلار، ئۆسمۈرلەردىكى خامۇشلۇق كېسىلىنى ئاسان كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ بالاغەتكە يەتكەن مەزگىلدىكى «قارشىلىشىش» بىلەن خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ قانداق پەرقى بار؟ ئاتا-ئانىلار خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى قانداق چۈشىنىشى ۋە ئۇلارغا قانداق ياردەم بېرىشى كېرەك؟ بۇ ھەقتە، جۇڭگو ئاياللار گېزىتى . جۇڭگو ئاياللار تورىنىڭ مۇخبىرى بېيجىڭ داشۆ 6-دوختۇرخانىسى بالىلار كېسەلخانىسىنىڭ مۇدىرى، بالىلار پىسخىك ساغلاملىق مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ساۋ چىڭجيۇنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.

مۇخبىر: ياشلار،ئۆسمۈرلەردىكى خامۇشلۇق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىللار قايسىلار؟

ساۋ چىڭجيۇ: خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ سەۋەبى بىئولوگىيە، جەمئىيەت-پىسخىكا ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىئولوگىيە ئىرسىيەت ئامىلىنى كۆرسىتىدۇ، ئاتا-ئانىدا خامۇشلۇق كېسىلى ياكى ھېسسىيات توسالغۇسى بولسا، بالىلاردىكى خامۇشلۇق خەۋپى چوڭىيىدۇ. جەمئىيەت-پىسخىكا ئامىلى ئۆگىنىش بېسىمى ئېشىپ كېتىش، ئائىلە ئىناق بولماسلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كەمچىل بولۇش، مەكتەپتە بوزەك بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلاردىكى ئىچ مىجەز، ئىپادىلەشكە ئاجىز بولۇش، ياردەم سورىيالماسلىق، ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقىش ئىقتىدارى ئاجىز، پىسخىكىلىق ئېلاستىكىلىق ئىقتىدارى ناچار بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خامۇشلۇق خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ ئېشىش سەۋەبىنى تەھلىل قىلغاندا، كۆپىنچىسى ئۆگىنىش بېسىمى ئېغىر بولۇش، ئائىلە ئىناق بولماسلىق قاتارلىق ھادىسىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ چىققان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئائىلە ئامىلى بالىلاردىكى خامۇشلۇقنىڭ مۇھىم بىر ئامىلى ھېسابلىنىدىكەن. ئائىلە بەختلىك بولماسلىق، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى يېتەرلىك بولماسلىق، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا قويغان تەلىپى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بالىلاردا خامۇشلۇق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

مۇخبىر: ياشلار، ئۆسمۈرلەردىكى خامۇشلۇق كېسىلىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟

ساۋ چىڭجيۇ: بىرى پىسخىكىلىق داۋالاش، يەنە بىرى دورا بىلەن داۋالاش. يېنىك ۋە ئوتتۇرا دەرىجىدىكى خامۇشلۇق كېسىلى، بىخەتەرلىككە خەۋپى بولمىغان ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىگە قارىتائالدى بىلەن پىسخىكىلىق ئارىلىشىش ئېلىپ بېرىش كېرەك. پىسخىكىلىق داۋالاش ھەرگىزمۇ نوقۇل ھالدا بالىلارنىڭ تونۇشىنى توغرىلاش ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئائىلىگە پىسخىكىلىق ئارىلىشىشتۇر. ئېغىر دەرىجىدىكى خامۇشلۇق ياكى ئۆزىنى يارىلاندۇرۇپ ئۆلۈۋېلىش خاھىشى بار بالىلارغا قارىتا، يۇقىرىقى بىلەن بىللەدورا ئىشلىتىپ ياخشىلاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

 مۇخبىر: خامۇشلۇق كېسىلىنى داۋالاشتا، نۆۋەتتە ئاساسلىقى قانداق قىيىنچىلىقلار مەۋجۇت؟

ساۋ چىڭجيۇ: ھازىر ياشلار، ئۆسمۈرلەر خامۇشلۇق كېسىلى ئاغرىقلىرىبارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، پىسخىكىلىق داۋالاشقا بولغان ئېھتىياج بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ، لېكىن داۋالاش مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئېھتىياجغا يېتىشەلمەيۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، مەملىكىتىمىزدىكى بالىلار روھىي كېسەللىكلەردوختۇرى500گىمۇ يەتمەيدۇ، مەيلى دوختۇرخانىدىن ياكى جەمئىيەتتىن ئالاقىدار داۋالاش بايلىقىغا ئېرىشىش بىر قەدەر تەس، شۇڭا خامۇشلۇق كېسىلىنى داۋالاش پۈتۈن ئائىلىنىڭ تىرىشچانلىقىغا بەكرەك تايىنىدۇ.

مۇخبىر: ئاتا-ئانىلار دوختۇرغا قانداق ماسلىشىشى، خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە قانداق ياردەم بېرىشى كېرەك؟

ساۋ چىڭجيۇ: ئالدى بىلەن، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەيدۇ، خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، بالىلارنىڭ كېسىلى قوزغالغاندا ھەمىشە نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالىدۇ، ھەتتا بالىلارنى «ياسالمىلىق قىلىۋاتىدۇ» دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىسىنى بىلىشىكېرەك.

ئىككىنچىدىن، بالىلارنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بەزى ئاتا-ئانىلاردا كېسەللىكتىن نومۇس قىلىش تۇيغۇسى بولغاچقا، باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن، كېسەل كۆرسىتىش خاتىرىسى قالدۇرۇپ قويۇشنىڭ بالىنىڭ ئىستىقبالىغا تەسىر يەتكۈزۈشىدىن قورقۇپ، كۆپ ھاللاردا بالىنى دوختۇرخانىغا ئاپارماي، بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا دەخلى يەتكۈزىدۇ. بۇنداق بولسا قەتئىي بولمايدۇ.

ئۈچىنچى، داۋالاشقا ماسلىشىش جەھەتتە، ئەڭ مۇھىمى ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش كېرەك، ئاتا-ئانىلار كۆپرەك كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپرەك چۈشىنىپ، ئازراق ئەيىبلىشى ۋە تەنقىد قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى كۆپرەك قوللىشى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك. كەيپىياتى تۆۋەن بولۇش، ھېچ ئىش قىلغۇسى كەلمەسلىك خامۇشلۇقنىڭ ئالامىتى، بۇ چاغدا ئاتا-ئانىلار بالىلارنى چامى يېتىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك؛ خامۇشلۇق سەۋەبىدىن مەكتەپتە ئوقۇيالمىغان بالىلارنى مەكتەپكە بېرىشكە مەجبۇرلىماسلىق كېرەك؛ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاھىشى بار بالىلارغا قارىتا، چوقۇم قاراشنى كۈچەيتىشكە دىققەت قىلىپ، كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئاخىرىدا، ئەگەر بالىلارغا تېخىمۇ ياخشى ياردەم قىلماقچى بولسا، ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتىنى ياخشى تەڭشىشى كېرەك. نۇرغۇن بالىلار ئاغرىپ قالغاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىلار بۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ، ئۆزىدىكى تەشۋىشلىنىشنى ئالاھىدە بىلىندۈرۈپ، دائىم ئاغرىنىدۇ،بۇنىڭ بالىغا بولغان تەسىرى ياخشى بولمايدۇ. ئاتا-ئانىلار رېئاللىققا توغرا يۈزلىنىپ، بالىلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن داۋالىتىشى كېرەك.

مۇخبىر: ياشلار، ئۆسمۈرلەرخامۇشلۇق كېسىلى بالاغەتكە يەتكەن مەزگىلدە كۆپ يۈز بېرىدۇ، بالاغەتكە يەتكەن مەزگىلدىكى «قارشىلىشىش» بىلەن خامۇشلۇق كېسىلىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟

ساۋ چىڭجيۇ: نۇرغۇن ياشلار، ئۆسمۈرلەرخامۇشلۇق كېسىلى كۆپىنچە ھاللاردا ئاتا-ئانىلار تەرىپىدىن بالاغەتكە يەتكەن مەزگىلدىكى «قارشىلىشىش»نىڭ ئىپادىسى دەپ قارىلىدۇ، لېكىن بالاغەتكە يەتكەن مەزگىلدىكى «قارشىلىشىش» پەقەت بىر مەزگىل داۋاملىشىدۇ، دەرىجىسىمۇ ئۇنچە كۈچلۈك بولمايدۇ، بالىلارنىڭ ئالاقەئىقتىدارى جەھەتتىكى ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، نوقۇل بالاغەتكە يەتكەن مەزگىلدىكى «قارشىلاشقان» بالىلاردا، خامۇشلۇق كېسىلىدەك ئۇنداق داۋاملىق ئازابلىنىپ بىئارام بولىدىغان ھېسسىيات بولمايدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بۇ بىلىملەرنى چۈشىنىشى، بالدۇر پەرقلەندۈرۈشكە ئوڭايلىق يارىتىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر بالا ھەمىشە بەدىنىنىڭ مەلۇم قىسمى بىئارام بولغاندەك ھېس قىلسا، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندىمۇ سەۋەبىئېنىقلانمىسا، خامۇشلۇقنىڭ ئېھتىماللىقىنىمۇ ئويلىشىش كېرەك.

مۇخبىر: ئاتا-ئانىلار ياشلار، ئۆسمۈرلەرخامۇشلۇق كېسىلىنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسىنى قانداق بايقايدۇ؟

ساۋ چىڭجيۇ: كىلىنىكىدا ماڭا دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ، ئاتا ـ ئانىلار بالىلىرىنى كېسەل كۆرسەتكىلى ئېلىپ كەلگەندە، بالىنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا نەچچە يىل بولغان بولىدۇ،مەكتەپكە بارماي تۇرۇۋالساياكى ئۆزىنى يارىلاندۇرۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا ئۇرۇنسا، ئاندىن بالىنى كېسەل كۆرسەتكىلى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار ئادەتتە بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگىلا كۆڭۈل بۆلمەي، بالىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشى، بالىلارنىڭ كەيپىياتىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك، بالىلاربىلەن ئۆگىنىش، تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلار توغرىسىدا كۆپرەك پاراڭلىشىشى ھەمدە بالىلارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشقا پائال يېتەكلەپ،ياردەم بېرىشى كېرەك.