كىلىماكتېرىيە دەۋرىدە چاچ چۈشسە قانداق قىلىش كېرەك

日期:2020年12月22日
来源:天山网
【字体:

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كىلىماكتېرىيە دەۋرى بىر ئايال كىشىنىڭ ئالاھىدە مەزگىلى بولۇپ، چېچىلىش، تېرىككەك بولۇپ قېلىش، ھۆل ئىسسىق تەرلەش، ئوغرى تەر چىقىش، چىرايى قىزىرىش، كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش، ئىشتىھاسىزلىنىش، تىت-تىت بولۇش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ھەرخىل كىشىنى پەرىشان قىلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بولۇپمۇ نۇرغۇن ئاياللاردا چاچ چۈشۈش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، چاچ تۇتام-تۇتام چۈشىدۇ. ئېغىرلاشقاندا بۇنىڭدىن تەشۋىشلىنىش، ئۆزىنى كەمسىتىش ۋە ئالاقە توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ.

نېمە ئۈچۈن كىلىماكتېرىيە دەۋرىدە چاچ چۈشىدۇ؟ ئاياللار كىلىماكتېرىيە مەزگىلىگە كىرگەندە، تۇخۇمداننىڭ فۇنكىسىيىسىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ، ئانىلىق ھورمون سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ، ئاتىلىق ھورمون سەۋىيەسى نىسبەتەن يۇقىرىلايدۇ، بەدەندىكى ھورمونلارنىڭ تەكشىلىكى قالايمىقانلىشىدۇ. بۇ خىل ئاتىلىق ھورموننىڭ يۇقىرى بولۇش ھالىتى، چاچنىڭ چۈشۈشىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، نۇرغۇن كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئاياللاردا چاچ شالاڭلاش، ئىنچىكلەش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ باشنىڭ چوققىسىدا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئاياللاردا ئاسانلا كەيپىياتى تىت-تىت بولۇش، ئاسانلا ھاياجانلىنىش، ئۇيقۇسىزلىق، تەشۋىشلىنىش، كەيپىياتى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، ھەتتا كىلىماكتېرىيە دەۋرىدە مەيۈسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى نېرۋا خاراكتېرلىك چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىپ، كېسەللىك ئەھۋالى يەنىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. شۇڭا، كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئاياللاردا چاچ چۈشۈش كۆپرەك ئاتىلىق ھورمون خاراكتېرلىك چاچ چۈشۈش ۋە نېرۋا خاراكتېرلىك چاچ چۈشۈشدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ.

كىلىماكتېرىيە دەۋرىدە چاچ چۈشسە قانداق قىلىش كېرەك؟

كىلىماكتېرىيە دەۋرىدە چېچى چۈشكەن ئاياللارغا، تۆۋەندىكى بىر قانچە تەكلىپ بېرىلىدۇ:

ئالدى بىلەن، ئاياللارغا ئۆزىنى بېسىۋالغان ھالەتتە، كىلىماكتېرىيە دەۋرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى قوبۇل قىلىش تەكلىپى بېرىلىدۇ، بۇ كىشىلىك ھاياتتا بېسىپ ئۆتۈش زۆرۈر بولغان فىزىئولوگىيەلىك باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ؛

كىلىماكتېرىيە مەزگىلىدە ئانىكلىق ھوورموننىڭ تۆۋەنلىشىگە قارىتا، زۆرۈر بولغاندا دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاز مىقداردا ئانىلىق ھورمون قوبۇل قىلىپ، فىزىئولوگىيەلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىغان تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشنىڭ ئەكىس تەسىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ؛ ھورمون ئىچىشكە ماس كەلمەيدىغان ياكى خالىمايدىغان ئاياللار، جۇڭيى دورىسى ئىچىپ تەڭشىسىمۇ بولىدۇ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، قان تولۇقلاپ، چاچ ئۆستۈرىدىغان جۇڭيى دورىلىرىنى مۇۋاپىق ئىچىپ بەرسە، چاچ چۈشۈشنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. لېكىن چوقۇم مۇنتىزىم جۇڭيى دوختۇرخانىلىرىنى تاللاپ كۆرۈنۈش كېرەك؛

خۇشال كەيپىياتنى ساقلاش، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولۇش، كۈندە مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش، مەسىلەن ئاستا مېڭىش قاتارلىقلار؛

ئەتىگەندە-كەچتە باش تېرىسىنى بىر قېتىم ئۇۋۇلاپ بېرىش: ئۇۋۇلىغاندا 10 بارماقنى ئېچىپ، بارماق بىلەن باش تېرىسىنى ئاستا-ئاستا 5 مىنۇتتىن 10 مىنۇتقىچە ئۇۋۇلاش كېرەك.

يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە، تەكشىلىككە دىققەت قىلىش، ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بولۇش، تەركىبىدە تۆمۈر، ئۆسۈملۈك ئاقسىلى، ۋىتامىن E مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك.