چېنىقىشنىڭ ئالدى-كەينىدە سۇنى قانداق ئىچىشنى بىلەمسىز

日期:2020年12月15日
来源:天山网
【字体:

ھاۋا بارغانسېرى سوۋۇماقتا، نۇرغۇن چېنىققۇچىلار داۋاملىق ئۆي ئىچىدە چېنىقىپ تەرلەپ، كالورىيە كۆيدۈرىدۇ. ھاۋا قۇرغاق مۇھىتتا چېنىققاندا، سۇ تولۇقلاشقا،چېنىقىشنىڭ ئالدى-كەينىدە سۇ ئىچىشكە دىققەت قىلىش كېرەك. بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ساغلاملىق تەربىيەسى ئورنىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئەگەر سىز چېنىققانداسۇ تولۇقلاشنىھەرىكەت قىلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە كۆپرەك سۇ ئىچىش دەپ چۈشەنسىڭىز، ھەرگىز كۇپايە قىلمايدۇ. چېنىققاندىكى سۇ تولۇقلاش نېمىنى ئىچىش، قانچىلىك ئىچىش، قاچان ئىچىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھەرىكەتتىن كېيىن نېمە ئۈچۈن ئاسان ئۇسسايمىز؟ ھەرىكەت قىلىش جەريانىدا مۇسكۇللار يىغىلىدۇ، ئاقسىلنىڭ بىرىكىشى ئېشىپ، تەرلەش ۋە نەپەسلىنىش ئارقىلىق، بەدەندىكى مېتابولىزىم ھاسىلاتلىرى چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. تەر چىققاندا سۇ بىلەن تۇز تەركىبى يوقىلىدۇ، سۇنى كۆپ، تۇزنى ئاز چىقىرىش كۆپ تەپچىرەش خاراكتېرلىك سۇسىزلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنداق چاغدا بەدەندە ھەم تۇز ھەم سۇ كەمچىل بولغاچقا، كىشىلەر ئۇسسايدۇ.

بۇنىڭ ئەكسىچە، بەدەندە تۇز ئاز، سۇ كۆپ بولغاندا، ئاز تەپچىرەش خاراكتېرلىك سۇسىزلىنىش كېلىپ چىقىدۇ.بۇنىڭ ئالامىتى: كۆپ مىقداردا تەر چىقىدۇيۇ، سۇ ئىچكەنچە ئۇسسايدۇ. بۇنداق چاغدا ئاددىي ھالدا سۇ تولۇقلىماسلىق، بەلكى مۇۋاپىق مىقداردا تۇز تولۇقلاش كېرەك. ئاددىي ھالدىكى سۇ تولۇقلاش ئاڭ سېزىمىنىيوقىتىش، ھەتتا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشتەك ئېغىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا ئىلمىي ئۇسۇلدا سۇ تولۇقلىغىلى بولىدۇ؟

1.ھەرىكەت قىلىشتىن ئىككى سائەت بۇرۇن 500 مىللىلىتىر سۇ تولۇقلاش، ئالدىنقى 15 مىنۇتتا يەنە ئىككى-ئۈچ قېتىمغا بۆلۈپ تەخمىنەن 300 مىللىلىتىر سۇ تولۇقلاش؛

2.ھەرىكەت قىلغاندا 15 مىنۇتتىن 20 مىنۇتقىچە بىر قېتىم تولۇقلاش، بىر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن 100 مىللىلىتىرغىچە سۇ تولۇقلاش، بەش قېتىمدىن ئالتە قېتىمغىچە بۆلۈپ ئىچىپ بولۇش؛

3.ھەرىكەتتىن كېيىن 800 مىللىلىتىردىن 1000 مىللىلىتىرغىچە سۇ تولۇقلاش، شۇنداقلا «ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم ئىچىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئىچىپ تۈگىتىش كېرەك.