قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدىغان 10 خىل يېمەكلىك

日期:2020年12月09日
来源:天山网
【字体:

خەلق تورى خەۋىرى: يۇقىرى قان بېسىم بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان ۋە كۆپ قوزغىلىدىغان كېسەللىك. بۇ كېسەللىك ئادەتتە ئاستا قوزغىلىدۇ، بىماردا دەسلەپكى مەزگىلدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ ياكى باش قېيىش، باش ئاغرىش، يۈرەك سېلىش، قۇلاق غوڭۇلداش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىكۆرۈلىدۇ، يۈزەكى جەھەتتىن قارىغاندا بۇ بىر خىل مۇستەقىل كېسەللىك بولۇپ، ئەمەلىيەتتە يۈرەك، مېڭە قان تومۇرى ۋە بۆرەكتە كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا قىلىدىغان بىر مۇھىم خەتەرلىك ئامىل، ئەگەر داۋالاش مۇۋاپىق بولمىسا، مېڭە سەكتىسى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ۋە بۆرەك ئىقتىدارى زەئىپلىشىش قاتارلىق كۆپ كۆرۈلىدىغان يۇقىرى قان بېسىم ئەگەشمە كېسەللىكلىرىگە ئايلىنىدۇ. سىزنىڭ قان بېسىمىڭىز ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتتىمۇ؟ بىرلىكتە يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۇسۇللارنى كۆرۈپ باقايلى.

1. شىرنىلىك مېۋە. لەنمېي بىلەن ساۋمېينىڭ تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا سىئانىدىن بار. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، سىئانىدىن ماددىسىنى كۆپ قوبۇل قىلغانلارنىڭ يۇقىرى قان بېسىم خەۋپى %8 تۆۋەنلەيدىكەن. شىرنىلىك مېۋىنى ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك ياكى تاماقتىن كېيىنكى تاتلىق تۈرۈم ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ ياكى يەنمەي ئارىسىغا قوشۇپ يېيىشكىمۇ بولىدۇ.

2. شياڭجياۋ. شىياڭجياۋنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كالىي ئېلېمېنتى بولۇپ، قان بېسىمىنى كونتىرول قىلىشقا پايدىلىق. ئامېرىكا يۈرەك جەمئىيىتى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ھەر كۈنى 4700 مىللىگىرام كالىي قوبۇل قىلىشنىتەۋسىيە قىلدى. تەركىبىدە كالىي مول بولغان يېمەكلىكلەردىن يەنە نيۇيوۋگو، قوغۇن، كامبالا بېلىقى، موگۇ، ياڭيۇ، شوخلا، تۇنا بېلىقى، چىلان، قېنىق يېشىل رەڭلىك كۆكتات قاتارلىقلار بار، لېكىن بۆرەك كېسىلى بىمارلىرى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

3. پىستە. پىستە، ئۆرۈك مېغىزى يۇقىرى قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق، تۇزسىز قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر تېخىمۇ ساغلام.

4. قارا شاكىلات. بىر تۈرلۈك ئەسلىمە تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شاكىلات ئادەتتىكى كىشىلەر توپى ۋە يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدىكى بىمارلارنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىكەن، شۇڭا %70تىن ئارتۇق كاكائو تەركىبى يۇقىرى سۈپەتلىك شاكىلاتنى تاللاش تەۋسىيە قىلىنىدىكەن.

5. مىخۇتاۋ. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى ئۈچ تال مىخۇتاۋ يەپ بەرسە، سەككىز ھەپتىدىن كېيىن قان بېسىمى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن. مىخۇتاۋنىڭ قان بېسىمنى چۈشۈرۈشىنىڭ سەۋەبى بەلكىم ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مول بولغان ۋىتامىننىڭ تۆھپىسى بولۇشى مۇمكىن.

6. تاۋۇز. تاۋۇزدىكى گۋاتامىن كىسلاتاسى قان بېسىمنى كونتىرول قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، ئۇ بەدەندە قان تومۇرلارنى بوشىتىپ، ئارتېرىيەنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدىغان ئازوت (II) ئوكسىدنى ھاسىل قىلىپ، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىدۇ.

7. يەنمەي. بىر تۈرلۈك 28 تەجرىبىنى قايتىدىن تەتقىق قىلىپ خۇلاسىلىگەن نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، يەنمەي، ئارپا تەركىبىدىكى گلۇكوزان قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدىكەن، يەنمەي ئۇمىچى بىلەن بىر كۈنلۈك تۇرمۇشنى باشلاش، يەنە دائىم ئارپا چېيى ئىچىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

8. سامساق. سامساق ئازوت (II) ئوكسىدنىڭ سىنتېزلىنىشىنى كۈچەيتىپ، قان تومۇرلارنى كېڭەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئاكتىپ تەركىبى سامساق ماددىسى سالامەتلىككە پايدىلىق. قورۇما قورۇغاندا، شورپا قايناتقاندا، تۇخۇم تۈرمىلى پىشۇرغاندا سامساق قوشسا، تەمى ئۆزگىچە بولىدۇ.

9. سۈت. سۈت ۋە قېتىق تەركىبىدە كالتسىي مول بولغان يېمەكلىكلەر ھېسابلىنىدۇ. كۆپ تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تەخمىنەن 1000 مىللىگىرام كالتسىي تولۇقلىغاندىن كېيىن، بارلىق نەتىجىلەردە سىناقنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ قان بېسىمىنىڭ يېنىك دەرىجىدە تۆۋەنلىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

10. كىچىك يېسى پۇرچاق. ئۇ گۆشسىز ئاقسىل ۋە تالالارنىڭ ئەڭ ياخشى كېلىش مەنبەسى بولۇپ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشكە ياردىمى بار، يېسى پۇرچاقنى سالات، دۈملەپ پىشۇرۇلغان قورۇما، شورپىلارغا قوشۇپ ئىستېمال قىلسا تېخىمۇ مەززىلىك بولىدۇ.

قان بېسىمنى ئاستا-ئاستا ئۆرلىتىۋېتىدىغان سەۋەبلەر:

قولايلىق پىششىقلانغان يېمەكلىكلەرگە بەك تايىنىۋېلىش. ھەر كۈنى ھەددىدىن زىيادە ھاراق ئىچىش. چېنىقىش كەمچىل بولۇش. ئۇزاق مۇددەت بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش. يالغۇزلۇق ھېس قىلىش ياكى جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ قالغاندەك ھېس قىلىش. ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاش. باشقا ساغلاملىق يوشۇرۇن خەۋپى بار ياكى بەزى دورىلارنى ئىشلىتىش. جەمەت كېسەللىك تارىخى بارلار.