ئاساسىي يېمەكلىكنى ئاز يېسە، ئادەم چارچايدۇ

日期:2020年12月08日
来源:天山网
【字体:

خەلق تورى خەۋىرى: تۇرمۇش رېتىمى بارغانسېرى تېزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، «چارچاش»مۇ بىر خىل تارقىلىشچان كېسەلگە ئايلىنىپ قالدى. كېسەللىك ئامىلىدىن باشقا، دەم ئېلىش ۋاقتى يېتەرلىك بولماسلىق، تاماقنى توغرا يېمەسلىكمۇ ئادەمنى چارچىتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىك تۆۋەندىكى «يېمەك-ئىچمەكتىكى ئۈچ چوڭ باش جىنايەتچى»دىن ساقلىنىشى كېرەك.

«بىرىنچى جىنايەتچى»: ئاساسىي يېمەكلىك يېتەرلىك بولماسلىق.

ئاساسىي يېمەكلىك دانلىق زىرائەت، تاتلىق ياڭيۇ تۈرىدىكىلەر ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى كۆرسىتىدۇ، ئۇلارنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، تەركىبىدە كىراخمال مول. كىراخمال ھەزىم قىلىش يولىغا كىرگەندىن كېيىن، گىلۇكوزىغا پارچىلىنىپ، ئورگانىزم تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ پايدىلىنىلىدۇ. گىلۇكوزا ئادەم بەدىنىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئېنېىرگىيە مەنبەسى بولۇپ، چوڭ مېڭىگە نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. ئەگەر ئاساسىي يېمەكلىكنى يېتەرلىك يېمىگەندە، ئاسانلا ئورگانىزمدا گىلۇكوزا كەمچىل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، قارا ئاشلىق Bتۈردىكى ۋىتامىنلارنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى بولۇپ، ئۇلار بەدەننىڭ مېتابولىزىمى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ئاساسىي يېمەكلىكنى ئاز يېگەندە، ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرە ۋە ھەر قايسى توقۇلمىلاردا «يېقىلغۇ» كەمچىل بولۇپ، ئېنېرگىيە مېتابولىزمىنىڭ بىنورماللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن چارچاش، ئۇيقۇسىزلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

«ئىككىنچى جىنايەتچى»: قىزىل گۆشنى ئاز يېيىش.

قىزىل گۆش، ھايۋانات جىگىرى، ھايۋانات قېنى تۆمۈرنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى، تۆمۈر قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئاساسلىق ماتېرىياللىرىنىڭ بىرى. ئۇزۇن مۇددەت تۆمۈرنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولمىسا، «تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق»قا تەرەققىي قىلىپ كېتىشى مۇمكىن، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ئورگانىزمدىكى توقۇلمىلارغا يېتەرلىك ئوكسىگېن يەتكۈزۈپ بېرەلمەيدۇ، بۇ چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش شەكلىدە ئىپادىلىنىشى مۇمكىن.

«ئۈچىنچى جىنايەتچى»: تاتلىق ئىچىملىك ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش.

تاتلىق ئىچىملىك ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەرگە شېكەر كۆپ قوشۇلىدۇ، شېكەر كۆپ مىقداردا قوشۇلسا قان شېكىرى ۋە ئىنسۇلىننىڭ كۈچلۈك تەۋرىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئادەم قىسقا ۋاقىتلىق ھاياجانلىنىشنى ھېس قىلىدۇ، ئەمما بۇنىڭغا ئەگىشىپلا چارچاش ۋە ئىچى تىتىلداشمۇ كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن سىرت، تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تاتلىق ئىچىملىك، تاتلىق يېمەكلىك قاتارلىقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقىدارى تاماق سۈپىتى بىلەن مەنپىي مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. يەنى تاتلىق ئىچىملىك، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەيدىغانلارنىڭ قارا ئاشلىق، يېڭى مېۋە -چىۋە، قاتتىق پوستلىق مېۋىلەرنى قوبۇل قىلىش مىقدارى شۇنچە ئاز بولىدىكەن. ساغلام يېمەكلىكلەرنىڭ ئېنېرگىيەسى تۆۋەن بولىدۇ ھەمدە تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى، ۋىتامىن ۋە مېنېرال ماددىلار مول بولىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلاردۇر. قەنت تەركىبى مول بولغان ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەر ئىسسىقلىق مىقدارى ۋە قەنت بىلەن تەمىنلەشتىن سىرت، يەنە باشقا ئوزۇقلۇق قىممىتى بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ. ئادەم مىكرو مىقداردىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار كەمچىل بولغان ھالەتتە تۇرغاندا، روھىي ھالىتى ناچار بولۇش، ئاسان چارچاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.