ئاشخانا ۋە قاچا-قۇچىنى قانداق دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك

日期:2020年11月27日
来源:天山网
【字体:

«كېسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ.» بۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىش ئۈچۈن، ئاشخانا ۋە ئاشخانا بۇيۇملىرىنى دېزىنفېكسىيەلەش ناھايىتى مۇھىم.

11-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسى يۇقۇملىنىشنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ياڭ شياۋيەن مۇنداق ئەسكەرتتى: ئاشخانىدا ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرۇش، تازىلاپ، دېزىنفېكسىيەلەپ، ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرماسلىق كېرەك.

ياڭ شياۋيەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاشخانىدا ھەر كۈنى ئىككى-ئۈچ قېتىم ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ھەر قېتىملىق ھاۋا ئالماشتۇرۇشنىڭ ۋاقتى 30 مىنۇتتىن كەم بولماسلىقىكېرەك ئىكەن. يەر يۈزى ۋە بۇلغىنىش ئېھتىماللىقى بار بولغان تام قاتارلىقلارنىڭ سىرتقى يۈزىنى 500mg/Lلىق خلورلۇق دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقىبىلەن سۈرتۈش ياكى دېزىفېكسىيەلەش، دېزىنفېكسىيەلەشۋاقتى 30 مىنۇتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك ئىكەن.

جۈمەك قاتارلىق كۆپ تېگىشىدىغان نەرسىلەرنىڭ سىرتقى يۈزىنى500mg/Lلىق خلورلۇق دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى، 75%لىك ئىسپىرت ياكى سىرتقى يۈزىنى دېزىنفېكسىيە قىلىدىغان باشقا دېزىنفېكسىيە دورىسى بىلەن سۈرتۈش، 30 مىنۇتتىن كېيىن پاكىز سۇ بىلەن سۈرتۈش كېرەك.

پىچاق، قاچا-قۇچا قاتارلىق ئاشخانا بۇيۇملىرىنى ئاۋۋال قاينىتىش ئۇسۇلىدا دېزىنفېكسىيەلەش، قايناق سۇدا 15 مىنۇت قاينىتىش كېرەك.

«پول سۈرتكۈچ، دەسمال، ئەخلەت ساندۇقىنىمۇ دېزىنفېكسىيەلەش، شۇنداقلا مەخسۇس رايونغا مەخسۇس قويۇش كېرەك» دېدى ياڭ شياۋيەن، ئۇنىڭ دېيىشىچە، دەسمال، پول سۈرتكۈچنى 1000mg/Lلىق خلورلۇق دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقىغا تولۇق چىلاپ دېزىنفېكسىيەلەش، 30 مىنۇت تەسىر قىلغاندىن كېيىن پاكىز يۇيۇپ، قۇرۇتۇپ قويۇش كېرەك. ئاشخانا ئەخلەت ساندۇقىنى 1000mg/Lلىق خلورلۇق دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى بىلەن تولۇق پۈركۈپ دېزىنفېكسىيەلەپ، 30 مىنۇتتىن كېيىن، پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇپ قۇرۇتۇش كېرەك ئىكەن.

ياڭ شياۋيەن مۇنداق دېدى: دېزىنفېكسىيەلەش جەريانىدا دېزىنفېكسىيە دورىسى قالدۇقىدىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. دېزىنفېكسىيە دورىسى بەلگىلىك غىدىقلاش ۋە چىرىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، تەڭشەش ۋە ئىشلىتىشتە شەخسىي قوغدىنىشقا دىققەت قىلىش، پەلەي كىيىش كېرەك. دېزىنفېكسىيەلەپ بولغاندىن كېيىنپەلەينى ئېلىۋېتىپ، ۋاقتىدا قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكىسوپۇن ئارقىلىق ئاقما سۇدا قولنىيۇيۇش، گىرەلەشمە بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن تەرجىمە قىلىندى