يېڭى چىلان تەركىبىدە ۋىتامىن C، قۇرۇق چىلان تەركىبىدە كالىي كۆپ

日期:2021年08月06日
来源:天山网
【字体:

خەلق تورى خەۋىرى: بەزى چىلانلارنى ھەم قۇرۇتۇشقا ھەم يېڭى پېتى يېيىشكە بولىدۇ، مەسىلەن: قىزىل چىلان، سېرىق چىلان قاتارلىقلار، بەزى سورتلىرىنىڭ ئېتى بوش، چۈرۈك، شىرنىسى كۆپ بولۇپ، پەقەت يېڭى پېتى يېيىشكە باب كېلىدۇ، قۇرۇتۇشقا بولمايدۇ، مەسىلەن: چوڭ ئاق غوزا چىلان، كۈزلۈك چىلان قاتارلىقلار، يەنە بەزى سورتلارنىڭ مېۋىسىدە قۇرۇق ماددا كۆپ بولۇپ، قۇرۇتۇشنى ئاساس قىلىدۇ، مەسىلەن: سوقىچاق چىلان، يۇمىلاق غوزا چىلان، كۈل رەڭ چىلان قاتارلىقلار.

ئوزۇقشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، يېڭى چىلان بىلەن قۇرۇق چىلاننىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئارتۇقچىلىقى بار، يېڭى چىلاندىكى ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ھەر يۈز گىرام چىلان تەركىبىدىكى ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى 243 مىللىگىرامغا يېتىدۇ، بۇ لىموننىڭ 11 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا «تىرىك ۋىتامىن C كۇمىلىچى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. قۇرۇق چىلان تەركىبىدىكى كالىي، كالتسىي، تۆمۈر، مىس، ماگنىي، دېلېن، مانگان قاتارلىق مېنېرال ماددىلارنىڭ مىقدارى يېڭى چىلاننىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كالىي مىقدارى 524 مىللىگىرام / 100 گىرام بولۇپ، باناننىڭ 2 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. مەيلى يېڭى چىلان ياكى قۇرۇق چىلان بولسۇن، ھەممىسىدە بىر خىل ھالقىلىق فوسفور ئادېنوزىن دەپ ئاتىلىدىغان بىيولوگىيەلىك ئاكتىپ ماددا بار بولۇپ، ئىممۇنىتېت كۈچى ۋە يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ تارىيىش كۈچىنى كۈچەيتىش، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئوزۇقلىنىشىنى ياخشىلاش رولىغا ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا، چىلاننىڭ تەركىبىدە يەنە ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق بولغان كۆپ خىل ئۆسۈملۈك خىمىيەلىك ماددىلىرى بار، مەسىلەن: فلاۋون خىلىدىكى بىرىكمىلەر، ساپونىن قاتارلىقلار، بۇ ماددىلارنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، ئۆسمىگە قارشى تۇرۇش، ئىممۇنىتېت كۈچىنى تەڭشەش، يۈرەك قان تومۇرىنى قوغداش قاتارلىق رولى بار.

بىراق، مەيلى يېڭى چىلان بولسۇن ياكى قۇرۇق چىلان بولسۇن، ئېنېرگىيە ۋە قەنت مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، ئىككى سەر يېڭى چىلان بىلەن ئىككى سەر گۈرۈچ تامىقىنىڭ ئېنېرگىيەسى ئوخشاش بولىدۇ، قۇرۇق چىلاننىڭ ئېنېرگىيەسى يېڭى چىلاننىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا دىيابېت بىمارلىرى ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، قۇرۇق چىلان تەركىبىدە ئېرىمەيدىغان تاماق تالاسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، كۆپ مىقداردا قوبۇل قىلىنسا، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قورساق كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.