چىلان يېيىشكە تايىنىپ قان تولۇقلاش ئىشەنچىلىك ئەمەس

日期:2020年11月03日
来源:天山网
【字体:

چىرايى تاتىرىش، كالپۇكىدا قان بولماسلىق، ئاسانلا بېشى قېيىش، ماغدۇرسىزلىنىش... بۇلار قان ئازلىقتىن بولۇشى مۇمكىن. ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەر بەلكىم سىزگە چىلان، قارا شېكەرنى كۆپرەك يەپ قان تولۇقلاڭ، دەپ نەسىھەت قىلىشى مۇمكىن. ئاڭلىماققا بارلىق قىزىل رەڭلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى قان تولۇقلايدىغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ھەقىقەتەن پايدىسى بولۇشى ناتايىن.

قان ئازلىق بوۋاقلار، ئۆسمۈرلەر، ھامىلىدار ئاياللار، ياشانغانلار، ياداڭغۇ كىشىلەر، گۆشسىز تاماق يېگۈچىلەر ۋە ھەزىم قىلىش سىسىتېمىسى كېسەللىكلىرى بىمارلىرىدا دائىم كۆرۈلىدىغان ساغلاملىق مەسىلىسىدۇر. قان ئازلىقتا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغىنى تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق، ئۇنىڭدىن قالسا، قان كۆپ چىقىپ كېتىشتىن كېلىپ چىقىدۇ، مەسىلەن: سوزۇلما خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈش، ئۇزاق مۇددەتلىك گېمروي قوزغىلىش، ۋە ھەيىز مىقدارى ئېشىپ كېتىش قاتارلىقلار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، چوڭ-كىچىك ھۈجەيرە مەنبەلىك قان ئازلىق، بۇ ئاساسلىقى يوپۇرماق كىسلاتاسى ياكى ۋىتامىن B12 كەملىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئىرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قان ئازلىق كېسىلى كۆپ كۆرۈلىدۇ.

قان ئازلىقنى دەسلەپكى مەزگىلدە پەرقلەندۈرۈشتە تۆت خىل ئالامەتكە دىققەت قىلىش كېرەك: چىراي، لەۋ رەڭگى، تۆۋەنكى قاپاق شىللىق پەردىسى تاتىراڭغۇ بولۇش، تىرناق ياكى بارماقنىڭ ئۇچى ئاقىرىپ قىلىش، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا قان تومۇرلارنىڭ ئاخىرقى ئۇچلىرىغا قاننىڭ تەمىنلىنىشى بىر قەدەر ناچار بولىدۇ. باش قېيىش، بەدەن قىياپىتىڭىزنى ئۆزگەرتكەندە، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا، باشنى ئۇزۇن ۋاقىت تۆۋەن قىلىپ تۇرغاندا، ئەمدىلا ئورنىدىن تۇرغاندا، تۇيۇقسىز كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشسا، بېشى قايغاندەك ھېس قىلىپ تۇرالمىسا، ھارغىنلىق ھېس قىلسا، روھىي ۋە جىسمانىي قۇۋۋىتى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تۆۋەنلەۋاتقاندەك ھېس قىلسا، مەسىلەن: پىيادە مېڭىشى تېزرەك بولۇپ كەتسە، نەچچە قەۋەت پەلەمپەيگە چىققۇچە ھاسىراپ كەتسە، ئادەتتە چارچاشلا ھېس قىلسا، روھىي ھالىتى ناچار بولسا، دىققىتىنى يىغالمىسا، ئۆگىنشى ۋە خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەن بولسا بۇلار قان ئازلىق پەيدا قىلغان چوڭ مېڭە ۋە پۈتۈن بەدەن توقۇلمىلىرىغا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئاسانلا زۇكام بولۇپ قېلىش، تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان تۆۋەن ياشلىق بالىلار توپى ۋە ياشانغانلار قان ئازلىقتىن ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كەتسە، ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە قىزىل قان ئاقسىلى مىقدارى نورمال قىممەتتىن تۆۋەن بولۇپ قالغانلىقى بايقالسا، بۇمۇ بىر مۇھىم قان ئازلىق ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ھېسابلىنىدۇ.

تۆمۈرنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى كۈندىلىك يېمەكلىكلەر بولۇپ، ھايۋانلارنىڭ قېنى، جىگىرى ۋە قىزىل گۆش قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدىكى تۆمۈر ماددىسى بىر قەدەر كۆپ، سۈمۈرۈلىشىمۇ نىسبەتەن يۇقىرى، ئۇنىڭدىن قالسا تۇخۇم، بېلىق، قۇش تۈرىدىكىلەر، سۇ مەھسۇلاتلىرىدىن سەدەپ قۇلۇلىسى گۆشى، ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردىن قارا كۈنجۈت، ئۈجمە قېقى ۋە چىلان قاتارلىقلار بار. لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئۆسۈملۈكلەر تەركىبىدىكى تۆمۈرنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەرنىڭكىدىن خېلىلا تۆۋەن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۆمۈر تەركىبى مول بولغان يېمەكلىلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، تەركىبىدە ۋىتامىن c مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا، تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر قان تولۇقلاش ھەققىدە توختالغاندا، چوقۇم چىلاننى ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە چىلان تەركىبىدىكى تۆمۈر مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، سۈمۈرۈلۈش نىسبىتىمۇ تۆۋەن. جۇڭگو تېبابىتى دورا قامۇسىدا، چىلاننىڭ مىجەزنى تەڭشەپ، قان تولۇقلاپ، نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇش رولى بار، دېيىلگەن. شۇڭا ئادەتتە مۇۋاپىق يېيىش تەكلىپى بېرىلىدۇ، لېكىن چىلانغا تايىنىپ تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنى تۈزەتكىلى بولمايدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى