بالىلارنىڭ «يان تېلېفون خۇمارى»نىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئائىلە باشلىقلىرى ئاۋۋال قائىدە تۇرغۇزۇشى كېرەك

日期:2020年10月30日
来源:天山网
【字体:

خەلق تورى خەۋىرى: بالام بۇ يىل 6-يىللىقتا ئوقۇيدۇ، يېقىندا بالام بىر يان تېلېفون ئالماقچى بولغانلىقىنى، يان تېلېفون بولسا بىز بىلەن خالىغان ۋاقىتتا ئالاقىلىشالايدىغانلىقىنى، ئۆگىنىش قىلغاندىمۇ خالىغان ۋاقىتتا ماتېرىيال تەكشۈرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ھازىر ئىككىلىنىپ قالدىم، بىر تەرەپتىن بالامنىڭ دېگىنى توغرا بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بالىنىڭ يان تېلېفۇن ئويناشقا خۇمار بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدىم، مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قارىشى

بېيجىڭ 11-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى سۈي چۇمىن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، بالىلارنىڭ يان تېلېفون ئويناش سەۋەبلىك ئۆگنىشكە دەخلى قىلىش ئەھۋالى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بولۇپ، بۇنى بىر قىيىن مەسىلە دېيىشكە بولىدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ يان تېلېفونىنى باشقۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم. بالىلارغا يان تېلېفون بەرگەندە، ئاتا-ئانىلارنىڭ پۇل خەجلەپ سېتىۋالغانلىقىنى، ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ ئاتا-ئانىلاردا ئىكەنلىكىنى، بالىلارنىڭ پەقەت ئىشلىتىش ھوقۇقىلا بارلىقىنى ئېيتىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاتا-ئانىلار يەنە بالىلارغا يان تېلېفون لازىم بولغاندا ئارىيەت ئېلىشقا بولىدىغانلىقىنى، ئەمما ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك.

بۇنىڭدىن سىرت، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا يان تېلېفون بەرگەندە، يەنە بەزى ئاساسىي قائىدىلەرنى تۈزۈپ بېرىشى كېرەك، مەسىلەن: بىر قېتىمدا قانچىلىك ۋاقىت يان تېلېفون ئوينىغىلى بولىدۇ، تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە يان تېلېفوننى تاپشۇرۇش، كەچتە ئۇخلىغاندا يان تېلېفوننى تاپشۇرۇش، يان تېلېفوننى مېھمانخانىغا قويۇپ توك قاچىلاش، ياتاق ئۆيگە ئەكىرىشكە بولمايدۇ دېگەندەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئائىلە باشلىقلىرى يەنە بالىلار بىلەن ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئاۋۋال تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولۇش ياكى ئاۋۋال يان تېلېفون ئىشلىتىش توغرىسىدا كېلىشىشى كېرەك. قائىدە تۈزۈش ئارقىلىق، بالىلاردا مۇنداق بىر ئاڭ شەكىللىنىدۇ، يەنى يان تېلېفوننى قانداق ئىشلىتىشنى ئويلاشسا شۇنداق ئىشلەتكىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ، مۇشۇنداق بولغاندا، بالىلار كەچتە ئۆيگە بېكىنىۋېلىپ، قىلچە تەپ تارتماستىن يان تېلېفون ئويناشتەك ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

ئەلۋەتتە، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا قائىدە تۇرغۇزۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالدى بىلەن بالىلارغا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى مۇناسىپ جازالاش توغرىسىدا كېلىشىشى كېرەك، مەسىلەن: بىر قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، ئەتىسى بىر كۈن يان تېلېفون ئىشلىتىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بالىلارغا قائىدىگە خىلاپلىق قىلسا بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك.

بۇنىڭدىن باشقا، مەكتەپمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى مەزگىلىدە يان تېلېفون ئىشلىتىشىنى تەشەببۇس قىلمايدۇ. بىزنىڭ مەكتەپنى مىسالغا ئالساق، بالىلار يان تېلېفوننى مەكتەپكە ئېلىپ كەلسە بولىدۇ، لېكىن مەكتەپتىكى ۋاقىتتا يان تېلېفون ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. بالا يان تېلېفوننى مەكتەپكە ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن سىنىپتىكى ئالدىن تەييارلاپ قويغان تېلېفون ساندۇقىغا سېلىپ، كەچتە مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن ئاندىن مۇئەللىم ئۇنى بالىلارنىڭ قولىغا تارقىتىپ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئائىلە باشلىقلىرىمۇ جىددىي ئىشلارغا يولۇقۇپ بالىنى تاپالماي قېلىشتىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى مەكتەپنىڭ بارلىق ئىشخانىلىرىدىكى تېلېفونلارنىڭ ھەممىسى بالىلارغا ئېچىۋېتىلگەن، بالىلار ھەر ۋاقىت ئارىيەت ئېلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ. سىنىپ مەسئۇلى دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تېلېفون نومۇرىمۇ ئاتا-ئانىلارغا ئاشكارا بولىدۇ، ئاتا-ئانىلار ھەر ۋاقىت ئوقۇتقۇچى ئارقىلىق بالىلارنى دەل ۋاقتىدا تاپالايدۇ.