ئانىلار بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە يۇقىرى قەنتلىك يېمەك-ئىچمەك ئىستېمال قىلغاندا بالىنىڭ بىلىش ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدۇ

日期:2021年08月09日
来源:天山网
【字体:

ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئانىلار بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە يۇقىرى قەنتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلسا، بالىنىڭ بالىلىق مەزگىلىدىكى بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتىغا زىيان يەتكۈزىدىكەن.

لوس ئانژېلېس بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ دىيابىت كېسىلى ۋە سېمىزلىك تۈرى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ئاياللار تۇغۇتتىن كېيىنكى بىر نەچچە ئايدا يۇقىرى قەنتلىك ئىچىملىكلەرنى ئىستېمال قىلسا ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىش خەۋپىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە تېخى ئەمدىلا تۇغۇلغان بالا ئانا سۈتى ئارقىلىق زىيادە كۆپ قەنت مىقدارىنى قوبۇل قىلىۋالىدىكەن. تەتقىقاتچىلار يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىپ، 88 بالا ئېمىتىۋاتقان ئايالنىڭ تۇنجى ئايدا ھەر كۈنى قوبۇل قىلغان مېۋە شەربىتى قاتارلىق قەنت تەركىبلىك ئىچىملىكلەرنىڭ سانىنى دوكلات قىلغان، ئىككى يىلدىن كېيىن بېيلى بوۋاقلارنىڭ يېتىلىش مىقدارى جەدۋىلىنى ئىشلىتىپ، بالىلارنىڭ يېتىلىش سەۋىيەسىنى باھالاپ چىققان. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئانىلار بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە قەنت تەركىبلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى قانچە كۆپ قوبۇل قىلسا، بالىنىڭ ئىككى ياشقا كىرگەندىكى بىلىش ئىقتىدارى شۇنچە تۆۋەن بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار بۇنى بەلكىم ئانىلار بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە زىيادە قوبۇل قىلغان قەنتنىڭ ئانا سۈتى ئارقىلىق بالىنىڭ تېنىگە كىرىپ، زىيادە كۆپ قەنتنىڭ بالىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلغان.

مەنبە: جۇڭگو ئاياللار گېزىتى