بالىلارنىڭ بەدەن ئىقتىدارى قانچە ياخشى بولسا، ئۆگىنىش نەتىجىسى شۇنچە ئەلا بولىدىكەن

日期:2020年10月28日
来源:天山网
【字体:

ياپونىيەنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بەدەن ئىقتىدارى سەۋىيەسى بىلەن ئۆگىنىش نەتىجىسى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن.

ياپونىيە ئوكاياما تەبىئىي پەنلەر داشۆسى بەدەن پىداگوگىكا پروفېسسورى تىشەن جيەنزونىڭ تەتقىقات ئۆمىكى 10 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى ئىككى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 1-يىللىقتىن 3-يىللىققىچە بولغان 2237 ئوقۇغۇچىسىنى ئوبيېكت قىلىپ ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلغان. تەتقىقاتچىلار ھەر يىلى ياپونىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئىلىم-پەن ۋازارىتى بەلگىلىگەن سەككىز جىسمانىي كۈچ تۈرى (تۇتۇش كۈچى، قورساق قاتلاش، ئورۇن گەۋدىسىنى ئالدىغا ئېگىش، قايتا-قايتا يانغا سەكرەش، 20 مېتىر ئارىلىققا بېرىپ-كېلىپ يۈگۈرۈش، 50 مېتىرغا يۈگۈرۈش، يىراققا سەكرەش ۋە قول توپى ئېتىش)نى بەش قېتىم باھالىغان، سىناققا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار رەت تەرتىپى بويىچە ئالدىدىكى B ،A گۇرۇپپا، كەينىدىكى D گۇرۇپپا، E گۇرۇپپا ۋە ئوتتۇرىدىكى C گۇرۇپپىغا ئايرىلغان. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، بەدەن ئىقتىدارى بىرقەدەر يۇقىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، چىدامچانلىقنى گەۋدىلەندۈرىدىغان «20 مېتىر ئارىلىققا بېرىپ-كېلىش» تۈرىدە، يۇقىرى بەدەن ئىقتىدارى ھالىتىدىكى سىناققا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى تۆۋەن بەدەن ئىقتىدارى ھالىتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە نەتىجىسىدىن بىر ھەسسىدىن ئارتۇق بولغان.

تىشەن جيەنزو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاتا-ئانىلار ۋە مەكتەپلەر بالىلارنىڭ ئاساسىي پەن ئىمتىھان نەتىجىسىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، بەدەن ئىقتىدارى سەۋىيەسىنىڭ مۇھىملىقىغا سەل قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت چوڭ مېڭىنىڭ جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نەتىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە ئىنتايىن پايدىلىق؛ ھەرىكەت ئىشەنچىسىدىن پەيدا بولغان ئاكتىپ كەيپىيات ۋە ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇشتەك ھەرىكەت روھىمۇ ئاكتىپ ئۆگىنىشنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى شەكىللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى