قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئىسسىقنى ياندۇرۇش كېرەك

日期:2020年10月10日
来源:天山网
【字体:

دىيابېت كېسىلى تىلغا ئېلىنسا، كۆپىنچە كىشىلەر يېيىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ئويلىشى مۇمكىن، بىراق جۇڭگو تېبابىتىدە بۇ كېسەللىك «ئىسسىق» بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ، مەسىلەن: چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تېبابەتچىلىك ئەسىرى «تېبابەتچىلىك تەزكىرىسى . كېسەللىك سەۋەبى»دە «ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرغۇچىلار» تىلغا ئېلىنغان، ئىسسىقلىق بولمىسا ئۇسسۇزلۇق بولمايدۇ. بۇ يەردىكى «ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش» غەرب تېبابىتىدە ئېيتىلغان دىيابېت كېسەللىكىدۇر.

جۇڭگو تېبابىتىنىڭ دىيابېت كېسىلىگە بولغان چۈشەنچىسىدە يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئۈچ خىل ئىسسىقلىقنى يوقىتىش كېرەك دەپ قارىلىدۇ. يۇقىرى ئىسسىقلىقنى يوقىتىش ئاساسلىقى قاتتىق ئۇسسۇزلۇقتا ئىپادىلىنىدۇ، بۇنىڭدا تاماقنى ئانچە كۆپ يېمەيدۇ، بۇ ئۆپكە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ؛ ئوتتۇرا ئىسسىقلىقنى يوقىتىش ئاساسلىقى قورساق ئاسانلا ئېچىپ كېتىشتە ئىپادىلىنىدۇ، بۇ ئاشقازان بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ؛ تۆۋەنكى ئىسسىقلىقنى يوقىتىش ئاساسلىقى كىچىك تەرەت كۆپ بولۇشتا ئىپادىلىنىدۇ، بۇ بۆرەك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. قىسقىسى، دىيابېت كېسىلى ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا ئاۋۋال ئىسسىقنى ياندۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك.

يۇقىرى ئىسسىقنى ياندۇرۇش ئۈچۈن، ئۆپكىنى سىلىقلاش كېرەك، بۇنىڭغا ئاق مور گۈرۈچ ئۇمىچى ماس كېلىدۇ، تەييارلاش ئۇسۇلى، ئاق مور 10 گىرام، گۈرۈچ 100 گىرام، ئىككىسىنى تەڭ قاينىتىپ، پىشقاندا مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

ئوتتۇرا ئىسسىقنى ياندۇرۇش ئۈچۈن، ئاشقازاننى تازىلاش كېرەك. بۇنىڭغا بەش خىل مېۋە شەربىتى ماس كېلىدۇ، نەشپۈتتىن 100 گىرام، مېغىزىنى ئېلىۋېتىپ توغرايمىز، بىجىق 100 گىرام، پوستىنى ئېلىۋېتىمىز، نېلۇپەر 100 گىرام، پوستىنى ئېلىۋېتىپ توغرايمىز، يېڭى شېڭدى، يېڭى مەيدۇڭدىن ئازراقتىن قوشۇپ، شەربىتىنى چىقىرىپ ئىچسەك بولىدۇ.

تۆۋەن ئىسسىقنى ياندۇرۇش ئۈچۈن، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش كېرەك، بۇنىڭغا ئالىقات ئۇمىچى ماس كېلىدۇ، تەييارلاش ئۇسۇلى، ئالىقات 30 گىرام، چىلان 10 گىرام، قورۇلغان سېرىق نومى گۈرۈچى 30 گىرام، گەنگېيىلتىزى 30 گىرام، پىچەكگۈل 30 گىرام، بۇلارنى ئۇماچ قىلىپ، كۈندە ئىككى ۋاخ، ئۇدا ئىككى ھەپتە ئىچسەك بولىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى