زاكا ئالماشتۇرغاندا ...

日期:2021年08月09日
来源:天山网
【字体:

زاكا ئالماشتۇرۇش قارىماققا ئاددىي ئىشتەك بىلىنگىنى بىلەن، ئەمما نۇرغۇن ئاتا-ئانىلاردا ئازدۇر-كۆپتۇر خاتا ئۇسۇللار مەۋجۇت، زاكا ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى خاتا بولسا بالىنى بىئارام قىلىپلا قالماي، بەلكى زەخمىلەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن، مەسىلەن: بالىنىڭ ئومۇرتقا سۆڭىكى يارىلىنىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا زاكا ئالماشتۇرغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

زاكا ئالماشتۇرۇشتا دائىم كۆرۈلىدىغان خاتا ئۇسۇلنى تۈزىتىش:

بىرىنچى، زاكا ئالماشتۇرغاندا بالىنىڭ ئىككى پۇتىنى زىيادە ئېگىز كۆتۈرۈش. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار زاكا ئالماشتۇرغاندا بالىنىڭ ئىككى پۇتىنى زىيادە ئېگىز كۆتۈرىدۇ، بۇنداق بولغاندا ناھايىتى ئاسانلا بالىنىڭ ئومۇرتقا تۈۋرۈكى سوزۇلۇپ زەخمىلىنىدۇ. شۇڭا بالىنىڭ پۇتىنى بەك ئېگىز كۆتۈرمەسلىك، يەنە بىر قول بىلەن بالىنىڭ ساغرىسىنى كۆتۈرۈپ، ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ بېسىمغا ئۇچرىشىنى يېنىكلىتىش كېرەك.

ئىككىنچى، زاكا ئالماشتۇرغاندا بالىنىڭ پۇتىنى تارتىش. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ پۇت قىسمى تولۇق يېتىلمىگەچكە، ناۋادا كۈچەپ تارتىلسا زەخمىلەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئاتا-ئانىلار قول ئارقىلىق بالىنىڭ يوتىسى ۋە ساغرىسىنى تولۇق تۇتۇۋېلىشى كېرەك.

ئۈچىنچى، زاكا ئالماشتۇرغاندا بالىنىڭ تەرەت قىلىپ بولۇشىنى ساقلىماسلىق. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلار چوڭ تەرەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن دەرھال زاكىنى ئالماشتۇرۇۋېتىدۇ، ئەمما كۆپىنچە ھاللاردا ئەمدىلا زاكىنى ئالماشتۇرۇپ بولغاندا بالا يەنە تەرەت قىلىپ قويىدۇ، بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى زاكا ئالماشتۇرغاندا بالىنىڭ سەزگۈر ئورۇنلىرىغا تەسىر قىلغانلىقىدىندۇر. شۇڭا ئاتا-ئانىلار زاكا ئالماشتۇرۇشتىن بۇرۇن بالىنىڭ كاسسىغا ئاستا ئۇرۇپ، پۈتۈنلەي تەرەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئالماشتۇرۇشى كېرەك.

تۆتىنچى، زاكا ئالماشتۇرغاندا بەك چىڭ ياكى بەك بوش تاقاش. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار زاكىنىڭ بوش-چىڭلىق دەرىجىسىنى ياخشى مۆلچەرلىيەلمەي بەك چىڭ تاقاپ قويىدۇ، بۇنداق بولغاندا بالا بىئارام بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تېرە مەسىلىسى پەيدا قىلىشى مۇمكىن، بەك بوش تاقىغاندا كىچىك تەرىتى ئېقىپ كېتىدۇ، بەلكىم تېخى ھەرىكەت سەۋەبىدىن زاكا بىراقلا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ ئېغىرلىقىغا ئاساسەن زاكا تاللاش كېرەك.

 خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى