ھامىلىدارلار ۋىتامىن B6نى كۆپ يېسە بولمايدۇ

日期:2021年08月09日
来源:天山网
【字体:

ۋىتامىن B6 ئادەم بەدىنىنىڭ مېتابولىزمىغا قاتنىشىدىغان مۇھىم ماددا بولۇپ، ھامىلىنىڭ يېتىلىشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ «ھامىلىدارلىقتىن قۇسۇش»نى پەسەيتىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئەمما ۋىتامىن B6 قانداقلا بولمىسۇن دورا بولغاچقا، مىقدارى ئېشىپ كەتسە «ئەكس تەسىر» ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ سۇدا ئېرىشچان ۋىتامىنلارنى قوبۇل قىلىش مىقدارىغا ئاساسەن، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ كۈندىلىك ۋىتامىن B6غا بولغان ئوتتۇرىچە ئېھتىياجى 1.9 مىللىگىرام بولىدۇ، قۇسۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، دوختۇرخانىغا بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، دوختۇر كېسەللىك ئەھۋالىغا قارىتا دورا مىقدارىنى كۆپەيتىدۇ، لېكىن كۈندىلىك قوبۇل قىلىش مىقدارى ئادەتتە 100 مىللىگىرامدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، باشقا داۋالاشلارنىمۇ ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىش كېرەك. ۋىتامىن B6 بۆرەك ئىقتىدارى نورمال بولغاندا زەھەر پەيدا قىلمايدۇ، لېكىن ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە ئېغىر دەرىجىدىكى ئەتراپ نېرۋا ياللۇغى، نېرۋا سېزىمى نورمالسىزلىشىش، مېڭىش ھالىتى تۇراقسىز بولۇش، قول-پۇت ئۇيۇشۇپ قېلىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلىدار ئاياللار ۋىتامىن B6نى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلسا، ھامىلىمۇ ئاسانلا تەسىرگە ئۇچرايدۇ، تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاسان ھاياجانلىنىش، يىغلاش، بىئارام بولۇش، ئاسان چۆچۈپ كېتىش، كۆز ئالمىسى تىترەش، قايتا-قايتا تارتىشىپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇ ۋىتامىن B6غا بېقىنىش كېسىلى بولۇپ، ۋاقتىدا داۋالاتمىسا، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش خەتىرى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، تۇغۇت بۆلۈمىدىكى دوختۇرلار پەقەت ھامىلىدارلىقتىن ئېغىر قۇسۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھامىلىدار ئاياللارغىلا كۆپ مىقداردا ۋىتامىن B6نى ئىستېمال قىلىش تەكلىپىنى بېرىدۇ، لېكىن ھامىلىدارلىقتىن قۇسۇش بولسىلا ۋىتامىن B6 تولۇقلاشنى تەۋسىيە قىلمايدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ھامىلىدارلىقتىن قۇسۇش بولسا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى نورمال ئىنكاس بولۇپ، ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىلىدە تەدرىجىي پەسىيىدۇ ياكى ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ. ئەگەر كېسەللىك ئالامىتى ئېغىر بولمىسا، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئازراق تەڭشەش تەكلىپىنى بېرىلىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، يېمەك-ئىچمەك مايسىزراق بولۇش، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك. قۇسقۇسى كەلگەندە، ئازراق زەنجىۋىل پارچىسى ياكى ئاپېلسىن پوستىنى شورىسا قۇسۇشنى پەسەيتىش رولىنى ئوينايدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى