ئاۋسترالىيەنىڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى قان چىرىش كېسىلىنى داۋالاشقا پايدىلىق

日期:2020年10月09日
来源:天山网
【字体:

ئاۋسترالىيە تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا ئەنگلىيە «تەبىئەت. ئىممۇنولوگىيە» قەرەللىك ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بىز بىر خىل ئاقسىل قوبۇل قىلغۇچى تەنچىنىڭ سېپتىتسېمىيە (قان چىرىش كېسىلى) ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسىنى قوزغىتىش جەھەتتە ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى بايقىدۇق، بۇ بايقاشنىڭ قان چىرىش كېسىلىنى يېڭىچە داۋالاش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلىشىدىن ئۈمىد بار.

قان چىرىش كېسىلى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ يۇقۇملىنىشقا بولغان ئىنكاسىنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئورگانىزمدا ئېغىر ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسى پەيدا قىلىپ، ئورگانىزم توقۇلمىلىرىنىڭ ئۆلۈشى ۋە كۆپ ئەزالارنىڭ زەئىپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئاۋسترالىيە لېجوبو داشۆسى قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، TREML4 دەپ ئاتىلىدىغان ئاقسىل رېتسېپتورى قان چىرىش كېسىلى ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسى ۋە ئىممۇنىتېتلىق ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆلۈشىنى قوزغايدىغان ھالقىلىق تەڭشەش فاكتورى ئىكەن. كىچىك چاشقاننىڭ تەجرىبىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئاقسىل رېتسېپتورىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قان چىرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىچىك چاشقاننىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان.

ئىلمىي ماقالىنىڭ ئاپتورى، لېجوبو داشۆسىنىڭ دوتسېنتى خامسا پۇتاراكات تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىرقى داۋالاش ئۇسۇلى ئادەتتە ياللۇغ رېئاكسىيەسىنى چەكلەيدۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بۇزۇپ، ئورگانىزمنىڭ يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، TREML4 ئاقسىل قوبۇل قىلغۇچى تەنچىنى چىقىرىۋېتىش ئۇسۇلى تېخىمۇ «مۆتىدىل» بولۇپ، گەرچە بەزى ياللۇغلار قېلىپ قالسىمۇ، لېكىن ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.

تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: بىز ئادەم تىنىدىن TREML4 ئاقسىل قوبۇل قىلغۇچى تەنچىسىگە ماس كېلىدىغان قوبۇل قىلغۇچى تەنچىنى تاپتۇق، كېيىنكى باسقۇچتا TREML4 ئاقسىل قوبۇل قىلغۇچى تەنچىگە قارىتىلغان داۋالاش خاراكتېرلىك ئانتىتېلا ھەققىدە نۇقتىلىق تەتقىقات ئېلىپ بارىمىز.

شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى