قىش پەسلىدە بوۋاقلارنىڭ چاقسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ قىلىشىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك

日期:2020年10月09日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: كۈز ۋە قىش پەسلىدە، كىلىنىكىدا بوۋاقلارنىڭ ئىچ سۈرۈشى كۆپ كۆرۈلىدۇ، چاقسىمان ۋىرۇس دەل بالىلاردىكى ئېغىر دەرىجىدىكى ئىچ سۈرۈشنى پەيدا قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم سەۋەب، ئەمما نۇرغۇن ئاتا-ئانىلاردا چاقسىمان ۋىرۇسلۇق ئىچ سۈرۈشكە قارىتا خاتا قاراش مەۋجۇت بولۇپ، بۇنى ئادەتتىكى ئىچ سۈرۈش دەپ قارىۋېلىپ داۋالاش ۋاقتىغا دەخلى قىلىپ قويىدۇ. يېقىندا، پايتەخت تېببىي داشۆسى قارمىقىدىكى بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسى يۇقۇملىنىش ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ سۈييىڭ كۈز ۋە قىش پەسلىدىكى ئىممۇنىتېت بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش — چاقسىمان ۋىرۇس كېسەللىكى تەربىيەسى مەسىلىسى توغرىسىدا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا يۇقىرىقىدەك سۆزلىدى.

جۇڭخۇا ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ساقلىقنى ساقلاش ۋاقىت گېزىتخانىسىنىڭ باشلىقى جاڭ لىڭلى مۇنداق دېدى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2013-يىلى، يەر شارىدىكى بەش ياشتىن تۆۋەن تەخمىنەن 220 مىڭ بالا چاقسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان، نۆۋەتتە بۇ خىل ۋىرۇسنى داۋالاشتا ئۈنۈملۈك دورا يوق، ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ ئاددىي، ئەڭ تېجەشلىك ۋاسىتە.

چاقسىمان ۋىرۇس نېمە ئۈچۈن بوۋاقلاردا جىق كۆرۈلىدۇ؟ ئاتا-ئانىلار بالىلارنى پەرۋىش قىلىش جەريانىدا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟ قانداق قىلغاندا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى.

كۈز ۋە قىش پەسلىدە چاقسىمان ۋىرۇس كۆپ يۈز بېرىدۇ، بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلار ئاسانلا يۇقۇملىنىپ قالىدۇ

جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزى ۋىرۇس كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى دەندى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: چاقسىمان ۋىرۇس بالىلاردىكى ئېغىر دەرىجىدىكى ئىچ سۈرۈشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ، كۈچلۈك يۇقۇشچانلىققا ئىگە. بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چاقسىمان ۋىرۇسنىڭ يۇقۇملىنىشىغا ئۇچراپ باققان. مەيلى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە بولسۇن ياكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە بولسۇن، چاقسىمان ۋىرۇسنى تەكشۈرۈپ چىقىش نىسبىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، مۇكەممەل سىستېما ئەسلىھەلىرى ۋە ياخشى تازىلىق شارائىتىمۇ چاقسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ.

لى دەندى يەنە مۇنداق دېدى: ئالتە ئايلىقتىن 24 ئايلىققىچە بولغان ۋاقىت چاقسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى، ئالتە ئايلىق بولۇشتىن ئىلگىرى بىرقەدەر تۆۋەن بولىدۇ، چۈنكى ئانا سۈتىدىكى ئانىلىق ئانتتىتېلا بوۋاقلارنى قوغدايدۇ، لېكىن، ئالتە ئايلىق بولغاندىن كېيىن، ئانىلىق ئانتىتېلا تەدرىجىي ئازىيىدۇ ياكى يوقايدۇ. ئەگەر ئالتە ئايلىق بولغاندا، چاقسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى تولۇق ئەملىگەندە، بالىنىڭ سالامەتلىكىنى ياخشى ئاسرىغىلى بولىدۇ. ھەر يىلى 10-ئايدىن كېيىنكى يىلى 3-ئايغىچە بولغان ۋاقىت چاقسىمان ۋىرۇس پەيدا بولىدىغان يۇقىرى پەللە مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ.

لى دەندى مۇنداق دېدى: چاقسىمان ۋىرۇسنىڭ كىلىنىكىدىكى ئىپادىلىرى ئاساسلىقى ئىچى سۈرۈش، قۇسۇش، ئېغىرراق بولغانلىرىدا قىزىش، سۇسىزلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، ئەگەر سۇسىزلىنىش ۋاقتىدا تۈزىتىلمىسە، ئاسانلا شوك بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. چاقسىمان ۋىرۇس بىلەن تۇنجى قېتىم يۇقۇملانغاندىكى كېسەللىك ئالامىتى ئەڭ ئېغىر بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن بالىلار چاقسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ئىچى سۈرگەندە، ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى ئوخشاش ياشتىكى بالىلارنىڭكىدىن تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.

لى دەندى مۇنداق دېدى: چاقسىمان ۋىرۇس ئاشقازاندا كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىپلا قالماي، يەنە ئەزالارنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كىلىنىكىدا چاقسىمان ۋىرۇس نەپەس يولى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يۈرەك مۇسكۇل ئېنزىمىنى ئۆرلىتىدۇ، ترانسئامىنازانى ئۆرلىتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى چاقسىمان ۋىرۇسنىڭ ئۆپكە، يۈرەك، جىگەر، بۆرەك قاتارلىقلارغا دەخلى قىلىشىدۇر؛ ICUدا يەنە چاقسىمان ۋىرۇس سەۋەبلىك تارتىشىپ قالغان ئاغرىقلارنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

چاقسىمان ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ۋاكسىنا ئەملەش

لى دەندى مۇنداق دېدى: چاقسىمان ۋىرۇسقا گىرىپتار بولغان بالىلار ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ۋىرۇسنى ئېلىپ يۈرگۈچى چاقسىمان ۋىرۇسنىڭ يۇقۇش مەنبەسىدۇر. فۇدەن داشۆسى قارمىقىدىكى بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى زېڭ مېي مۇنداق دېدى: تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، قولنى پات-پات يۇيۇش ھەر بىر ئائىلە باشلىقىنىڭ بالىلارنى ئاسراپ ئىچ سۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ۋاسىتىسى.