كۈز پەسلىدە يوۋزىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىڭ

日期:2020年09月29日
来源:天山网
【字体:

ئاق شەبنەم مەزگىلىدە، كۈندۈزى ئىسسىق، كېچىسى سالقىن، ھاۋا قۇرغاق بولىدۇ، كىشىلەردە ئېغىز قۇرۇش، كالپۇك قۇرۇش، بۇرۇن قۇرۇش، يۇتقۇنچاق قۇرۇش، چوڭ تەرەت قۇرغاق بولۇش، تېرە قۇرغاقلىشىپ يېرىلىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. كۈز پەسلىدە ھاۋا قۇرغاق بولغاچقا، ئادەمنى زەخىملەندۈرىدۇ، ئاسانلا ئادەمنىڭ كۈچىنى خورىتىدۇ، بۇ چاغدا دەل بىر خىل تاتلىق، سىيلىق پەسىللىك مېۋە بازارغا چىقىدۇ، ئۇ دەل يوۋزى.

جۇڭيى تېبابىتىدە قارىلىشىچە، يوۋزى ئېتىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى تاتلىق، چۈچۈمەل بولۇپ، ئۆپكىنى تازىلاپ ئۈچەينى سىلىقلاش، يۆتەلنى توختىتىپ بەلغەمنى بوشىتىش، تاماق سىڭدۈرۈپ، مەستلىكنى يېشىش رولىغا ئىگە؛ يوۋزى پوستىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى ئاچچىق بولۇپ، ئۆپكە، تال تومۇرلىرىغا كىرەلەيدۇ؛ يەلنى تەڭشەش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇپ بەلغەمنى بوشىتىش رولىغا ئىگە؛ يوۋزى ئۇرۇقى چۇقۇقنى داۋالايدۇ؛ يوۋزى يوپۇرمىقىنىڭ تەركىبىدە ئۇچۇچان ماي بولۇپ، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش، ھۆللۈكنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق رولى بار.

يوۋزىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۈنۈمى بار:

بىرىنچى، مەستلىكنى يېشىپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، بەلغەمنى بوشىتىپ، يۆتەلنى توختىتىدۇ.

ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر ئازراق يوۋزى يەپ، ھاراقنىڭ زەھىرىنى قايتۇرسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يوۋزى پوستىنىڭمۇ ئىشتىھانى ئېچىپ يەلنى راۋانلاشتۇرۇشرولى بار. يوۋزى پوستىنى قەلەمچە قىلىپ قېنىق چاي دەملەپ ئىچىپ بەرسە، سوغۇقنى ھەيدەيدۇ. كېكىرىكمۇ تېزلا يوقايدۇ.

ئىككىنچى، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ.

يوۋزى پوستى تەركىبىدە ئۇچۇچان ساپ ماي بولۇپ، پەمىل چاي بىلەن قاينىتىپ ئىچسە سوغۇقنى ھەيدەپ، تەرلىتىدۇ. يوۋزى ئېتىنى ئېلىپ، چاي بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، شامال ئۆتۈشىدىغان جايغا ئېسىپ قويساق، شامالدا ئاستا-ئاستا قۇرۇيدۇ، يوۋزىنىڭ ھەجىمى كىچىكلەپ «يوۋزى چېيى» تەييار بولىدۇ، بۇ چاي مەخسۇس زۇكامدىن بولغان قىزىشنى داۋالايدۇ. قەۋزىيەت بولۇپ قالغانلار پوستى نېپىز، شىرنىلىك چوڭ يوۋزىلارنى تاللىسا بولىدۇ، يوۋزىنىڭ سىرتىدىكى ئاق رەڭلىك قىسمىنى يەپ بەرسە قەۋزىيەت ياخشىلىنىدۇ. ئومۇمەن ئاشقازان-ئۈچىيىدە ئىسسىقى بارلار، دائىم ئاغزى بەتتام تۇرىدىغانلار، ئىشتىھاسى تۇتۇلغانلار، قەۋزىيەت بولۇپ قالغانلار يوۋزىنىڭ ئاق رەڭلىك قىسمىدىنبەش-ئالتە پارچە يېسە قەۋزىيىتى ئوڭشىلىپ كېتىدۇ. چۈنكى، يوۋزىنىڭ ئاق رەڭلىك قىسمىدا مول تالا ماددىسى بولۇپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئاشۇرىدۇ.

ئۈچىنچى، تېرىنى ئاقارتىپ، داغنى يوقىتىدۇ.

يوۋزى تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولۇپ، بۇ خىل ماددا تېرىدىكى داغلارنى ئۈنۈملۈك يوقىتىدۇ. يوۋزىنى يېرىپ ئازراق ھەسەل قۇيۇپ، ئاندىن تېرىگە سۈركەپ، ئۇۋۇلاپ بەرسە، تېرىنى ئاقارتىدۇ، لېكىن سەزگۈر تېرىگە بۇ ئۇسۇلنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

تۆتىنچى، ئورۇقلىتىپ ماينى سېرىيدۇ، قان تومۇرلارنى ئاسرايدۇ.

ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، يوۋزى تەركىبىدىكى بىرىكمە ماينىڭ خورىشىنى ئۈنۈملۈك تېزلىتىدىكەن، تاماقتىن يېرىم سائەت بۇرۇن يوۋزى يېيىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، ئۇدا 12 ھەپتىدە ئورۇقلاشقا ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى بىر دانە يوۋزى يېسە، ئادەم بەدىنىدىكى ناچار خولېستېرىن ۋە ترىگلىتسېرىننى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

بەشىنچى، يوپۇرماق كىسلاتاسى مول بولۇپ، بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

يوۋزى تەركىبىدە يوپۇرماق كىسلاتاسى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھامىلىنىڭ يېتىلىشىدىمۇ ناھايىتى ياخشى تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. يوۋزى يەنە بەدەننىڭ كالتسىي ۋە تۆمۈرنى سۈمۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ، بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

ئالتىنچى، قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىپ، سەكتىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ھازىرقى زامان تېببىي دورىگەرلىك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، يوۋزى تەركىبىدە يوۋزى ماددىسى بار بولۇپ، دىيابېت كېسىلىنى داۋالاشقا ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىنسۇلىنغا بولغان سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يوۋزى تەركىبىدىكى فلاۋون تۈرىدىكى ماددىلار كىشىلەرنىڭ سەكتىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدىكەن.

ئۇنداقتا، قىزىل يوۋزى ياخشىمۇ ياكى ئاق يوۋزى ياخشىمۇ؟ قىزىل يوۋزى تەركىبىدە بەلگىلىك لىكوپېن ۋە كاروتىن بار. كاروتىن ئادەم بەدىنىدە ۋىتامىن Aغا ئايلىنىپ، ھەزىم قىلىنىپ ۋە قوبۇل قىلىنىپ، نەپەس يولى سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق، لىكوپېننىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بولۇپ، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئاق يوۋزى تەركىبىدىكى ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى قىزىل يوۋزىغا قارىغاندا كۆپ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قىزىل يوۋزىنىڭ قەنت تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، يېگەندە تېخىمۇ تاتلىقراق بولىدۇ. شۇڭا، يوۋزى سېتىۋالغاندا ئوزۇقلۇق قىممىتىنى قوغلاشقاندا، قىزىل يوۋزى بىلەن ئاق يوۋزىنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ؛ ئەگەر تەم قوغلاشسا، قىزىل يوۋزى ئاق يوۋزىدىن ياخشىراق بولىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى