«شېكەرسىز يۆبىڭ»مۇ قان شېكىرى ۋە قان بېسىمنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ

日期:2021年08月11日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭشا 9-ئاينىڭ 27-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر شۈەي سەي): جۇڭچيۇ بايرىمى كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، خۇنەن ئۆلكىسى جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى تەتقىقات يۇرتى قارىمىقىدىكىدوختۇرخانا ياشانغانلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور يۈەن چۇنيۈن ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: يۆبىڭ گەرچە مەززىلىك، يېيىشلىك بولسىمۇ، ئەمما دىيابېت، يۈرەك قان تومۇر كېسىلى بار ئاغرىقلارنىڭ كۆپ يېيىشىگە ماس كەلمەيدۇ.

يۈەن چۇنيۈن مۇنداق دېدى: ئەنئەنىۋى مېغىز قىياملىق يۆبىڭ يۇقىرى ياغ تۈرىدىكى يېمەكلىككە تەۋە، مېۋە قىياملىق يۆبىڭ يۇقىرى قەنت تۈرىدىكى يېمەكلىككە تەۋە، تۇخۇم سېرىقى قىياملىق يۆبىڭ يۇقىرى خولېستېرىن تۈرىدىكى يېمەكلىك، شۇڭا دىيابېت، يۈرەك قان تومۇر ئاغرىقلىرى ۋە ياشانغانلار يۆبىڭنى كۆپ يېسە بولمايدۇ، ئاساسىي يېمەكلىك ئورنىدا يېيىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ.

ئۇنىڭدىن سىرت، بازاردا سېتىلىۋاتقان ئاتالمىش «شېكەرسىز يۆبىڭ» بولسا، قىيامىدا ساخاروزا بولمىغان يۆبىڭنى كۆرسىتىدۇ، ئەمما يۆبىڭنىڭ تەركىبىدە ئەسلىدىنلا كىراخمال كۆپ بولغاچقا، گىلوكوزىغا پارچىلىنىدۇ. كىلىنىكىدا كۆپلىگەن ياشانغان ئاغرىقلار ئاچكۆزلۈك قىلىپ «شېكەرسىز يۆبىڭ»نى جىق يەۋالىدىغان بولغاچقا، قان شېكىرى ۋە قان بېسىمى ئۆرلەپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۋالىدۇ.

يۇەن چۇنيۈن مۇنداق تەكلىپ بەردى: ياشانغانلار يۆبىڭ تاللىغاندا تۆۋەن قەنتلىك، تۆۋەن ياغلىقلىرىنى تاللىسا بولىدۇ، يۆبىڭ يېگەندىن كېيىن، قەنت ۋە ياغ تۈرىدىكى باشقا يېمەكلىكلەرنى ئازراق يېيىش، يېمەكلىك تالاسى، ۋىتامىن مول يېمەكلىك، مېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە،ھەرىكەت قىلىشنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش كېرەك.