ياڭيۇ قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ

日期:2021年08月13日
来源:天山网
【字体:

ياڭيۇ كالا گۆشى قورۇمىسى، ياڭيۇ قوردىقى، داپەنجى... تەمى مەززىلىك، يۇمشاق ياڭيۇ بۇ قورۇمىلارغا رەڭ قوشۇش بىلەن تەڭ، بەلكىم سىزنىڭ قان شېكىرىڭىزنى تېز سۈرئەتتە ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن. چۈنكى، تەمى ياخشى بولغان ياڭيۇ تەركىبىدە كىراخمال كۆپ بولىدۇ، كىراخمال ئۇماچلاشقاندا قان شېكىرىنى تېخىمۇ ئۆرلىتىۋېتىدۇ. ياڭيۇ تەمىنىڭ ياخشى بولۇش-بولماسلىقى قايسى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟

بىرىنچى، ياڭيۇنىڭ سورتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھازىر بازاردا سېرىق ۋە ئاق ياڭيۇ بار، ئادەتتە، سېرىق ياڭيۇنىڭ تەركىبىدىكى كىراخمال ئاق ياڭيۇنىڭكىدىن كۆپرەك بولىدۇ، تەمىمۇ ئاق ياڭيۇنىڭكىگە قارىغاندا يۇمشاق بولغاچقا، قان شېكىرىنى ئۆرلىتىش كۆرسەتكۈچىمۇ ئاق ياڭيۇنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ.

ئىككىنچى، ياڭيۇنىڭ تۇرۇپ قالغان، يېڭىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يېڭى ياڭيۇنىڭ تەمى تېخىمۇ يېيىشلىك بولىدۇ، تۇرۇپ قالغان ياڭيۇنىڭ تەمى ئادەتتىكىچە بولىدۇ.

ئۈچىنچىدىن، قورۇما قورۇش ۋە تەمىنى تەڭشەش ئۇسۇلى ۋە ۋاقتى ئوخشىمايدۇ. ياڭيۇغا ئاچچىقسۇ قوشۇپ پىشۇرسا بىر قەدەر چۈرۈك بولىدۇ، دۈملەپ ۋە ئېزىپ پىشۇرسا بىر قەدەر يۇمشاق بولىدۇ. قورۇش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، تەمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ.

تۆتىنچى، تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولسا قان شېكىرىنى تېخىمۇ ئۆرلىتىۋېتىدۇ. ياڭيۇنى سوۋۇتۇپ يېگەنگە قارىغاندا ئىسسىق پېتى يېگەندە تەمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، لېكىن قان شېكىرىگە پايدىسىز، ياڭيۇنى سوۋۇتقاندا تاقابىلچان كىراخمال شەكىللىنىدۇ، بۇ خىل كىراخمال قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

شۇڭا، قان شېكىرى يۇقىرى كىشىلەر تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك:

بىرىنچى، نىسبەتەن چۈرۈك، قورۇغاندا ئاسانلا ئېزىلىپ كېتىدىغان ياڭيۇ سورتىنى تاللاش.

ئىككىنچى، قورۇغان چاغدا ئامال بار ئاچچىقسۇ قويۇش، قورۇش ۋاقتى قىسقا بولۇشى كېرەك.

ئۈچىنچى، پىشۇرغان ياڭيۇنى سوۋۇغاندا يېيىش كېرەك. ئاخىرىدا ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى، ياڭيۇ ئاساسىي يېمەكلىككە تەۋە، شۇڭا ياڭيۇ قەلەمچىسى قورۇمىسىنى كۆكتاتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى