كۈز ۋە قىش پەسلىدە، تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى قانداق ئەملەش كېرەك؟

日期:2020年09月25日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، جۇڭگو كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى «جۇڭگو تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئالدىنى ئېلىش-ئەملەش تېخنىكىسى قوللانمىسى (2021-2020) (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «كۆرسەتمە» دېيىلدى)نى ئېلان قىلىپ، 2021-2020-يىللىق تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكلىپ بېرىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ رەسمىي بازارغا سېلىنىشتىن بۇرۇن، ئامما تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ۋاقتىدا ئەملەتسە بولىدىكەن.

تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملىتىش ئىنتايىن زۆرۈر

ئېلىمىزدە، بولۇپمۇ شىمالدىكى رايونلاردا، ھەر يىلى 10-ئايدىن كېيىنكى يىلى 3-ئايغىچە تارقىلىشچان زۇكام تارقىلىدىغان پەسىل. جۇڭگو كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى مۇتەخەسسىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەش تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتە بولۇپ، ۋاكسىنا ئەملەتكۈچىنىڭ تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولۇش ۋە ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ يۈزبېرىش خەۋپىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىدۇ، ئامما تارقىلىشچان زۇكام پەسلى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ۋاكسىنا ئەملەتسە بولىدۇ.

تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئىنتايىن تېز بولۇپ، ھەر يىلى ئاساسەن ئۆزگىرىش يۈزبېرىپ تۇرىدۇ. ھالبۇكى، ئادەم بەدىنىنىڭ تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەتكەندىن كېيىن ئېرىشىدىغان ئىممۇنىتېت كۈچى يېشى، سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە ۋاكسىنا ئانتىگېنى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئاجىزلايدۇ. كىلىنىكىلىق تەجرىبىلەر دەلىل-ئىسپاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنىڭ ئانتىگېنغا ئوخشايدىغان زەھەر تۈپىنى قوغداش رولى ئالتە ئايدىن سەككىز ئايغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئەملىتىپ بىر يىلدىن كېيىن قان زەردابىنىڭ قارشى تۇرۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن.

جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى فېڭ زىجيەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېلىمىزنىڭ تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئىشلەپچىقىرىشى ئىنتايىن پىشىپ يېتىلگەن بولۇپ، بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئىگە، تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملىتىش تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ تېجەشلىك ۋاسىتە ھېسابلىنىدۇ.

تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى بىلەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى توقۇنۇشمايدۇ

«كۆرسەتمە»دە كۆرسىتىلىشىچە، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان يوشۇرۇن مەزگىلى بىر كۈندىن تۆت كۈنگىچە بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى كۈن بولىدىكەن، ھەر يىلى پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن؛ دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى تارقاتقان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش لايىھەسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان 8-نۇسخىسى)دە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى بىر كۈندىن 14 كۈنگىچە بولۇپ، كۆپ ھاللاردا ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە بولىدۇ، قىزىش، قۇرۇق يۆتىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش ئاساسلىق كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى يۇقۇشچانلىققا ئىگە بولۇپ، كىلىنىكىلىق ئىپادىسىنى پەرقلەندۈرۈش بىر قەدەر تەس.

«كۆرسەتمە»دە كۆرسىتىلىشىچە، تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەش تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە بولۇپ، تارقىلىشچان زۇكامغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللەرنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپ-خەتىرى ۋە داۋالاش بايلىقىنى ئىگىلەشنى ئازايتقىلى بولىدىكەن.

جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ بىيوبىخەتەرلىك باش مۇتەخەسسىسى ۋۇ گۈيجېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى بىلەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى توقۇنۇشمايدۇ، ئىككىسىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ۋۇ گۈيجېننىڭ قارىشىچە، تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكەندىن كېيىن تارقىلىشچان زۇكامدىن ساقلانغىلى بولسا، ئۇنداقتا، ساقلىقنى تېخىمۇ ياخشى ساقلىغىلى بولىدىكەن، شۇنداقلا، تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولغانلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان قىزىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن ساقلانغىلى بولىدىكەن. نۆۋەتتىكى پۈتۈن يەر شارى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدە كېسەل كۆرسىتىش پۇرسىتىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن، بۇ، شەخسلەرگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بولغان زەربىنىمۇ ئازايتىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل كۈز، قىش پەسلىدە، دۆلىتىمىزدىكى بېيجىڭ كېشىڭ بىيولوگىيەلىك بۇيۇملار چەكلىك شىركىتى، شېنجېن سەينوفېي باسىدې بىيولوگىيەلىك بۇيۇملار چەكلىك شىركىتى قاتارلىق توققۇز زاۋۇت تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى بىلەن تەمىنلەيدىكەن، ئامما ھەرقايسى جايلاردىكى كەسپىي ئاپپاراتلارغا بېرىپ ۋاكسىنا ئەملەتسە بولىدىكەن.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى