خولېستېرىن ئۆلچەمگە يەتسە، يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

日期:2021年08月16日
来源:天山网
【字体:

يۈرەك تىقىلمىسى تاجسىمان ئارتېرىيەنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك، سىجىل قان يېتىشمەسلىك، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ نىكروزلىنىشىدۇر، يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ خەۋپ-خەتىرى ئىنتايىن يۇقىرى. يۈرەك تىقىلمىسى ئاغرىقلىرىدا يۈرەك تىقىملىسىنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 9-ئاينىڭ 22-كۈنى دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى كېسەلنى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسى، جۇڭگو ساغلاملىق تەربىيەسى مەركىزى ۋە مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى ئىشخانىسى بىرلىكتە تەشەببۇس قىلغان ھەمدە يېتەكچىلىك قىلغان «جۇڭگو ساغلاملىق بىلىملىرىنى تارقىتىش-رىغبەتلەندۈرۈش پىلانى» تۈرىدە، ھەر ساھە مۇتەخەسسىسلىرىنى كۆپ قېتىم ئورتاق مۇزاكىرە قىلىشقا تەشكىللەپ، «خولېستېرىننى ئۆلچەمگە يەتكۈزسە، يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، دېگەن يادرولۇق ئەسكەرتمە»نى ئېلان قىلدى، بۇ يادرولۇق ئەسكەرتمە يۈرەك تىقىلمىسى ئاغرىقلىرىنىڭ خولېستېرىننى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ، يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان.

يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ خەۋپ-خەتىرى ئىنتايىن يۇقىرى، خولېستېرىننى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش ھەممىدىن مۇھىم.

يۈرەك تىقىلمىسى ئاغرىقلىرىنىڭ تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى نىشان قىممىتى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇشى كېرەك.

يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىنىڭ تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى سەۋىيەسىنىڭ نىشان قىممىتى ئوخشاش بولمايدۇ. يۈرەك تىقىلمىسى ئاغرىقلىرىنىڭ تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى نىشان قىممىتى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇشى كېرەك.

مۇتلەق كۆپ ساندىكى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ئاغرىقلىرى ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش خاراكتېرلىك يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپىغا تەۋە. ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى خەتەرلىك كىشىلەر توپى خولېستېرىن سەۋىيەسىنى تېخىمۇ قاتتىق باشقۇرۇشى كېرەك، تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلىنىڭ نىشان قىممىتى 1.4 m m o l / L دىن تۆۋەن بولۇشى ھەمدە ياغنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرىكى سەۋىيەسى ئاز دېگەندە %50تىن تۆۋەن بولۇشى، ھەر ئىككىسى ئۆلچەمگە يېتىشى كېرەك. ئىككى يىل ئىچىدە ئىككى قېتىم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئېغىر يۈرەك قان تومۇر كېسىلى يۈز بەرگەن ئاغرىقلار، تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلىنى 1 m m o l / L دىن تۆۋەنلىتىشنى ئويلىشىپ، ماينى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن تۆۋەنلىتىش نىسبىتىنى %50تىن ئارتۇق قىلىشى كېرەك.

قاندىكى ماينى تەكشۈرۈش خىمىيەلىك تەكشۈرۈش قەغىزىدىكى نورمال قىممەتتىن پايدىلىنىش دائىرىسى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، يۈرەك تىقىلمىسى ئاغرىقلىرى لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈش قەغىزىگە تايىنىپلا تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلىنى كونترول قىلىشنى بوشاشتۇرۇپ قويسا بولمايدۇ، چوقۇم دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلىنى قوش ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:

جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى فۇۋەي دوختۇرخانىسىنىڭ پىروفېسسورى چېن ۋېيۋېي مۇنداق دېدى: يۈرەك تىقىلمىسى ئاغرىقلىرى قېلىپلاشقان داۋالاش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلىشى ھەمدە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك:

1. قاندىكى ماينى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش. يۈرەك تىقىلمىسى يۈز بەرگەن ئاغرىقلار ھەر 3-6 ئايدا بىر قېتىم قاندىكى ماينى تەكشۈرتۈشى ھەمدوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە قاندىكى ماي تەركىبى تۆۋەن بولغان ياغ ئاقسىلىنى نىشان سەۋىيەسىدىن تۆۋەن ھالەتتە كونترول قىلىشى كېرەك.

2. ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاش. يۈرەك تىقىلمىسى ئاغرىقلىرى دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە يېمەك- ئىچمەكنى ئىلمىي باشقۇرۇش، تاماكا تاشلاش، ھاراق تاشلاش، بەدەن ئېغىرلىقى ۋە بەل ئايلانمىسىنى كونترول قىلىش، مۇۋاپىق بەدەن ھەرىكىتىنى ساقلاش كېرەك.

3. قېلىپلاشقان داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك. يۈرەك تىقىلمىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن بىر يىل ئىچىدە يەنە قايتا قوزغىلىش خەۋپى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ، يۈرەك تىقىلمىسى ئاغرىقلىرى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش ئاساسىدا كىلىنىكىلىق داۋالاشنى قېلىپلاشتۇرۇشى كېرەك، بولۇپمۇ ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى خەتەرلىك كىشىلەر تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلىنى كونترول قىلىپ، قوش ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش كېرەك.

4.قاندىكى ماي، قان بېسىم، قان قەنتىنى ئورتاق كونترول قىلىش كېرەك. يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت قاتارلىق كېسەللىكلەر يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ قايتا قوزغىلىش خەۋپىنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. شۇڭا يۈرەك تىقىلمىسى ئاغرىقلىرى يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ماي بولۇش، قان قەنتىنى ياخشى كونترول قىلىپ، ئەڭ زور دەرىجىدە يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.