تاسما بېلىق تەبىئىي كالتسىي ئامبىرى

日期:2021年08月16日
来源:天山网
【字体:

خەلق تورى خەۋىرى: تاسما بېلىقنىڭ تەمى مەززىلىك، گۆشى يۇمشاق بولۇپ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ تاماق ئۈستىلىدىكى ياخشى يېمەكلىك، شۇنداقلا يەنە ئۇنىڭغا كۆپ مىقداردا كالتسىي يوشۇرۇنغان.

«جۇڭگو يېمەكلىك تەركىبى جەدۋىلى»دىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر 100 گىرام تاسما بېلىق تەركىبىدە 431 مىللىگىرام كالتسىي بار بولۇپ، ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى كالا سۈتىنىڭ تۆت ھەسسىسىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئىسمى جىسمىغا لايىق تەبىئىي «كالتسىي» ئامبىرى ھېسابلىنىدىكەن. تاسما بېلىق تەركىبىدە كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە ياردەم بېرىدىغان ۋىتامىن D، ماگنىي قاتارلىق ماددىلار ئىنتايىن مول بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بار، شۇڭا دائىم يېيىشقا بولىدۇ.

تاسما بېلىق تاللىغاندا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك: بىرىنچى، بېلىق تېنىگە قاراش كېرەك. بېلىق تېنى تولۇق، تەكشى، مۇكەممەل، قاتتىق، ئېگىلمەيدىغان، ئېتى قېلىن بولغىنى ياخشى، مەسىلەن: ئېتى يۇمشاق بولسا بۇ بېلىقنىڭ توڭلىتىلغان ۋاقتىنىڭ ئۇزاق بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئىككىنچى، بېلىقنىڭ رەڭگىگە قاراش كېرەك. بېلىقنىڭ تېنى كۈلرەڭ ياكى كۈمۈش رەڭ بولسا ئەڭ ياخشى. ئۈچىنچى، بېلىق كۆزىگە قاراش كېرەك. پۇلتىيىپ چىققان، ئاق-قارىسى ئېنىق ئايرىلغان، پاكىز، بۇلغانمىغان بولسا ياخشى بولىدۇ. ئەگەر كۆزى ئولتۇرۇشۇپ، دۇغ پەيدا بولغان بولسا بۇنداق بېلىقنى سېتىۋالمىغان ياخشى.