جىگەر قېتىشىشنى ئوزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى

日期:2020年09月27日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا تورى خەۋىرى: جىگەر قېتىشىش بىر خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك خوراشچان كېسەللىك، نۆۋەتتە ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق جىگەر قېتىشىش ئاغرىقلىرىنىڭ كېسەل بولۇش، مېيىپ بولۇش ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. ئۇنداقتا جىگەر قېتىشىش ئاغرىقلىرى كۈندىلىك تۇرمۇشتا قانداق غىزالىنىشى كېرەك؟ گۇاڭجوۋ تېببىي داشۆسى قارمىقىدىكى ئىككىنچى دوختۇرخانا ھەزىم قىلىش ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور ياڭ خۇي تۆۋەندىكى سەككىز چوڭ پىرىنسىپنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى ئەسكەرتتى:

1. تاماق تۈرلىرى كۆپ بولۇش، يۇمشاق، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى تاللاش

جىگەر قېتىشىش ئاغرىقلىرىنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئادەتتە تۆۋەن بولغاچقا، ئىشتىھاسى ياخشى بولمايدۇ. شۇڭا يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرىنى ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئاساسەن تاللىسا بولىدۇ، ئەگەر شارائىتى يار بەرسە، يېمەكلىكلەرنىڭ رەڭگى ۋە تەمىگە ئەھمىيەت بەرگىنى ياخشى، لېكىن تاماق ئېتىش ئۇسۇلى ئادەتتە دۈملەش قاينىتىشنى ئاساس قىلىش كېرەك، مايدا قورۇغان، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى كېرەك.

2. كۈندە يېتەرلىك ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

كۈندە يېتەرلىك ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلغاندا، ئاقسىلنىڭ خورىشىنى ئازايتىپ، جىگەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، بۇ ئاقسىلنىڭ بىرىكىشىگە پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قەنت تۈرىدىكىلەرنى يېتەرلىك تولۇقلاپ بەرگەندە، جىگەرنىڭ جىگەر گلىكوگېنى بىلەن بىرىكىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، توكسىننىڭ جىگەر ھۈجەيرىلىرىگە زىيان يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. شۇڭا ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم غىزالىنىشنى، كۈندۈزى ئۈچ سائەتتىن تۆت سائەتكىچە تاماق يېمەسلىكتىن ساقلىنىپ، ئېنېرگىيەنىڭ داۋاملىق قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، جىگەرنىڭ يۈكىنى ۋە زەخىمىلىنىشىنى يېنىكلىتىش تەكلىپى بېرىلىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن 50 گىرامدىن ئارتۇق كاربون بىرىكمىسى تەركىبلىك يېمەكلىكلەرنى يېيىش، مەسىلەن: ئىككى پارچە بولكا، مۇشتۇمچىلىك چوڭلۇقتا موما، يېرىم قاچا چۆپ يېيىش تەكلىپى بېرىلىدۇ.

3. مول ۋىتامىن قوبۇل قىلىش

ۋىتامىن B نىڭ ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، جىگەرنى ئاسراش ۋە جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم فىزىئولوگىيەلىك رولى بار، ۋىتامىن C مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە زەھەر قايتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە، ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن A ،D ،E لارنىڭ جىگەرنى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قوغداش رولى بار . . . ھەر كۈنى يېتەرلىك يېڭى يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋە ، مەسىلەن: پالەك، شوخلا، ھەر خىل پۇرچاق، موگۇ، مىخوۋتاۋ، شەنجا قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىپ، ئورگانىزمنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك.

4. مۇۋاپىق مىقداردا ئاقسىل قوبۇل قىلىش

يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەك-ئىچمەكلەر جىگەر ھۈجەيرىلىرىنى قوغداش، بۇزۇلغان جىگەر ھۈجەيرىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. لېكىن ئىلگىرى جىگەر مەنبەلىك مېڭە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار بەدەن ئېغىرلىقىغا قاراپ، كۈندىلىك ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى 1-1.5 گىرام / كىلوگرام ئەتراپىدا كونترول قىلىشى ھەمدە ئۆسۈملۈك ئاقسىلى ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى ئاقسىلىنى ئالدىن تاللىشى كېرەك، مەسىلەن: ھەر خىل پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى، قېتىق، ئېرىمچىك، تۇخۇم ئۇيۇتمىسى قاتارلىقلار .

5. مۇۋاپىق مىقداردا مېنېرال ماددا، سىنىك، ماگنىي تولۇقلاش كېرەك

جىگەر قېتىشىش ئاغرىقلىرىنىڭ بەدىنىدە سىنىك ۋە ماگنىي كەمچىل بولىدۇ، شۇڭا كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك جەريانىدا مۇۋاپىق مىقداردا سىنىك ۋە ماگنىي تولۇقلاپ بېرىشى كېرەك.

6. جىگەر قېتىشىش ئاغرىقلىرى ھايۋانات مېيى يېيىشتىن ساقلىنىشى، ئازمىقداردا ئۆسۈملۈك مېيى يېيىشى كېرەك

جىگەر قېتىشىش ئاغرىقلىرىنىڭ جىگەر-ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ بىرىكىشى ۋە ئاجرىلىشى ئاز بولىدۇ، ياغ ئاسان ھەزىم بولمايدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاز مىقداردا ئۆسۈملۈك مېيى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. جىگەرنى ماي قاپلاشتىن ساقلىنىش، جىگەر گلىكوگېنىنىڭ بىرىكىشىنى توسۇپ، جىگەر ئىقتىدارىنى يەنىمۇ زەخىملەندۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

7. تۇزنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش

تۆۋەن ناترىيلىق قان كېسىلى جىگەر مەنبەلىك مېڭە كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئامىل، جىگەر قېتىشىش ئاغرىقلىرىنىڭ كۈندىلىك ناترىي قوبۇل قىلىش مىقدارى 60 مىللىمول / لىتىردىن تۆۋەن بولماسلىقى، تەخمىنەن 3.5 گىراملىق تۇزغا تەڭ بولۇشى كېرەك. ناترىينىڭ كۈندىلىك قوبۇل قىلىنىش مىقدارى ھەر كۈنى 60 مىللىمول / لىتىردىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك، بولمىسا ئىشتىھاسى ياخشى بولمايدۇ ياكى ئومۇمىي ئېنېرگىيە ۋە ئاقسىل ئازىيىپ كېتىدۇ.

8. ھاراق ئىچمەسلىك

كۆپ قىسىم ئىسپىرتلار جىگەردە ماددا ئالماشتۇرىدۇ، ئىسپىرت جىگەر ھۈجەيرىلىرىنى غىدىقلاپ زەخىملەندۈرىدۇ، شۇڭا، جىگەر قېتىشىش ئاغرىقلىرى مەيلى قايسى ۋاقىت، قايسى جايدا بولسۇن، ھاراق ئىچىشنى رەت قىلىشى كېرەك.