ئانىدا خامۇشلۇق ياكى تەشۋىشلىنىش كەيپىياتى كۆرۈلسە، بوۋاقنىڭ يۈرەك رىتىمى كۆرۈنەرلىك تېزلىشىپ كېتىدىكەن

日期:2021年08月16日
来源:天山网
【字体:

ياۋروپا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ئەگەر ئانىدا خامۇشلۇق ياكى تەشۋىشلىنىشتەك نورمالسىز كەيپىيات كۆرۈلسە، كىچىك ئۈچ ئايلىق بوۋاقلارنىڭ يۈرەك رىتىمى باشقا ساغلام ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك تېز بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار بۇ نەتىجىنىڭ بالىلارنىڭ پىسخىكىلىق ساغلاملىقىغا ئۇزاققىچە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرىگەن، شۇڭا ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىنكى پىسخىكىلىق ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلغان.

گېرمانىيە ھېيدېلبېرگ داشۆسى، ميۇنخېن داشۆسى، ئورم داشۆسى ۋە ئاۋسترىيە ۋېينا داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ھەمكارلىشىپ، 50 نەپەر ئانا ۋە ئۇلارنىڭ بىر ياشقا توشمىغان بالىلىرىنى يىغىپ تەتقىقات ئوبېيكتى قىلغان. تەتقىقاتچىلار ھەر بىر ئانا-بالىنى «چىراي ئىپادىسى يوق سىناق»قا قاتناشتۇرغان، يەنى ئانا ئاۋۋال بالىسى بىلەن ئىككى مىنۇت ئوينايدۇ، ئاندىن بالا بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىنى ئۈزىدۇ، چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە بولمىغان ھالدا بالىغا قارايدۇ. يەنە ئىككى مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن بالا بىلەن ئويناشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئانىسىنىڭ چىرايىدا ئىپادە بىلدۈرمەسلىك باسقۇچىدا بالىنىڭ پاسسىپ كەيپىياتى كۈچەيگەن، ئالاقىسى ئازايغان، ئۆزىنى قاچۇرۇش قىلمىشى كۆرۈلگەن، مەسىلەن: قورقۇش، قاتتىق يىغلاش قاتارلىقلار.

تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: ئاياللاردا ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى ۋە تۇغۇتتىن كېيىن كەيپىياتىدا ئاسان ئاچچىقلىنىش، يېنىك دەرىجىدىكى خامۇشلۇق، كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇشتەك بىنورماللىقلار كۆرۈلسە، بەلكىم بالىلاردا چوڭ بولغاندىن كېيىن بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تۆۋەن بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. (خۇ جېن)

شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى