چىش سارغىيىىپ كېتىشتىن بۇرۇن تازىلاش كېرەك

日期:2021年08月17日
来源:天山网
【字体:

خەلق تورى خەۋىرى: تەبەسسۇم بىر ئادەمنىڭ گۈزەل «ئىسىم كارتىسى»، چىش ياخشى بولسا تەبەسسۇممۇ چىرايلىق بولىدۇ. ئەگەر كۈلگەن چاغدا رەتسىز سېرىق چىش كۆرۈنۈپ قالسا بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ چىشى «سارغىيىپ قالىدۇ»، باكتېرىيە دېغى ۋە چىش دېغى پەيدا بولغاندا ئاندىن چىشىنى تازىلىتىشنى ئويلايدۇ.

گۇاڭجوۋ تېببىي داشۆسى قارمىقىدىكى ئېغىز بوشلۇقى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچى يۈ لىنا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: چىش يۇيۇش چىش تازىلاش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، كەسپىي ئاتالغۇ بويىچە ئېيتقاندا، بۇ چىش تازىلاش ئەسۋابى ئارقىلىق چىش مىلىكى ئۈستىدىكى چىش تېشى، باكتېرىيە دېغى ۋە رەڭ دېغى قاتارلىقلارنى تازىلاشنى ھەمدە چىش يۈزىنى پارقىرىتىپ، باكتېرىيە دېغى ۋە چىش تېشىنىڭ چۆكمە بولۇۋېلىشىنى كېچىكتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. چىش باكتېرىيە دېغى ۋە چىش تېشى چىش ئەتراپى كېسەللىكىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق غىدىقلىغۇچى ئامىلى، تازىلاش تېخنىكىسى چىش مىلىكىدىكى باكتېرىيە دېغى ۋە چىش تېشىنى يوقىتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى.

چىش ئاسراشقا موھتاج، يۈ لىنا ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: چۈنكى ئادەمنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا نۇرغۇن باكتېرىيە بار، بۇ باكتېرىيەلەر يېمەكلىك قالدۇق ماددىلىرى ئارقىلىق چىشنىڭ سىرتقى يۈزىگە يېپىشىپ، كۈنسېرى كۆپىيىپ، قېلىنلاپ چىش باكتېرىيە دېغى، چىش كىرى ۋە چىش تېشى پەيدا بولىدۇ، ئەگەر بۇ باكتېرىيە داغلىرى ۋاقتىدا تازىلانمىسا، چىش مىلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، چىش مىلىكى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

چىش باكتېرىيە دېغى ئۇزاق ۋاقىت چىشقا يىپىشىپ تۇرسا كالتسىيلىشىش يۈز بېرىپ، چىش تېشىنى شەكىللەندۈرىدۇ. چىش تېشى ئوخشاشلا چىش مىلىكىنى ياللۇغلاندۇرىدۇ، چىش مىلىكى نورمال ھالرەڭ قىزىل ياكى تۇتۇق قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىپ، ئىششىپ ئاسانلا قانايدۇ. ئەگەر چىش مىلىكى ياللۇغىنى ۋاقتىدا داۋالاتمىسا، يەنە چىش ئەتراپى توقۇلمىلىرى ئەتراپىغا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، چىش ئەتراپى ياللۇغىغا ئايلىنىدۇ.

چىش ئەتراپى ياللۇغى چىش ئەتراپى توقۇلمىسىدىكى بىر خىل سوزۇلما بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك كېسەللىك، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا، كېسەللىك ئەھۋالى كونترول قىلىنماي، چىش مىلىكى، چىشنىڭ بوشاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا چايناش، تەلەپپۇزغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. چىشنى قەرەللىك يۇيۇپ تۇرۇش، يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا قارىتا چىش مىلىكى ياللۇغى ۋە چىش ئەتراپى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا ئىنتايىن زۆرۈر.