دائىم كۆممىقوناق ئىستېمال قىلغاندا، قان شېكىرىنى تەڭشەشكە پايدىلىق

日期:2021年08月17日
来源:天山网
【字体:

خەن خانىمنىڭ دىيابېت بولغىنىغا تۆت يىل بولدى، ئۇ تاقابىلچان كراخمالنىڭ قان شېكىرىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بۇ خىلدىكى يېمەكلىكلەرنى ئاساسىي يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلماقچى بولدى، خەن خانىمنىڭ بۇنداق قىلىشى توغرىمۇ؟

كراخمال بىر خىل كاربونلۇق سۇ بىرىكمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاساسىي يېمەكلىكلەرنىڭ مۇھىم تەركىبى ھېسابلىنىدۇ، دىيابېتلارنىڭ كۈندە قوبۇل قىلىدىغان كاربون سۇ بىرىكمىسى ئومۇمىي ئېنېرگىيەنىڭ %55-%50ىنى ئىگىلەيدۇ. ئازادلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسى 8-تېببىي ئىلىم مەركىزى ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى زو شياۋشيا مۇنداق دېدى: كراخمال تۈز زەنجىرلىك كراخمال، تارماق زەنجىرلىك كراخمال ۋە تاقابىلچان كراخمال دەپ ئۈچ خىلغا بۆلىنىدۇ، ئالدىنقى ئىككى خىلى ئاسانلا ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن پارچىلىنىپ سۈمۈرۈلىدۇ، ئەمما تاقابىلچان كراخمال ئاسان ھەزىم بولمايدۇ، ئۇنىڭ بىر قەدەر تۆۋەن بولغان ئىنسۇلىن رېئاكسىيەسى بار بولغاچقا، قان شېكىرىنى كونترول قىلىپ، ئاچلىق سېزىمىنى ئازايتالايدۇ، بۇ خىلدىكى غىزا تالاسىنىڭ ئۈنۈمى دىيابېت، يۇقىرى قان بېسىم ۋە سېمىز كىشىلەر توپىنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ.

نۇرغۇنلىغان يېمەكلىكلەردە تەبىئىي تاقابىلچان كراخمال مەۋجۇت: 1. مىفەن. پىشقان مىفەننى تېز سۈرئەتتە سوۋۇتقاندىن كېيىن ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئادەتتىكى كراخمال تاقابىلچان كراخمالغا ئۆزگىرىدۇ، يېگەن چاغدا ئىككىنچى قېتىم ئىسىتمىسىمۇ بولىدۇ، ئاشقازان، ئۈچەي ئىقتىدارى ياخشى بولمىغان ئاغرىقلار مىفەنگە قايناقسۇ ئارىلاشتۇرۇپ يېسە بولىدۇ. 2. كۆممىقوناق. زو شياۋشيا دىيابېتلارغا دائىم كۆممىقوناق يېيىش تەكلىپىنى بەردى، چۈنكى كۆممىقوناق تەركىبىدىكى تاقابىلچان كراخمال %60 ئەتراپىدا ئىكەن. 3. ياڭيۇ. ياڭيۇنى ئاساسىي يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، ئادەتتە ئىككى سەر ياڭيۇ يېرىم سەر گۈرۈچ، ئاق ئۇنغا باراۋەر، ئەگەر ياڭيۇنى قوشۇمچە يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلغاندا بەدەنگە قوبۇل قىلىدىغان ئىسىىقلىق ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىدۇ. 4. يەنمەي، يىرېن قاتارلىق قارا ئاشلىق. دىيابېت ئاغرىقلىرىغا ئۇماچ ئىچىش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇماچ بەدەنگە تېخىمۇ تېز سۈمۈرۈلىدۇ. ئەمما يەنمەي، سۈت ئۇمىچىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە بولىدۇ، ھەر كۈنى 100-50 گىرامغىچە قارا ئاشلىق ئىستېمال قىلىش كېرەك. 5. شياۋبيەندوۋ، بەييۈندوۋ، يىڭزۈيدوۋ قاتارلىق پۇرچاق تۈرىدىكىلەر. دىيابېت ئاغرىقلىرى كۈندە 50 گىرام پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنى يەپ بېرىشى كېرەك. 6. شېڭسەي، جۈخارسەي قاتارلىق كۆكتاتلار. بۇ كۆكتاتلارنى پاكىزە يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن خام يېيىش تەكلىپى بېرىلىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى