ئالتە ئايلىق بوۋاقلارنى بالىلار ھارۋىسىغا ئاز ئولتۇرغۇزۇش كېرەك

日期:2021年08月19日
来源:天山网
【字体:

خەلق تورى خەۋىرى: بوۋاقلارنى ھارۋىسىغا سېلىپ سىرتقا چىققاندا، ئۇلار قارىماققا ناھايىتى راھەت ھېس قىلىدۇ، ئانىلارمۇ ئازادە بولۇپ قالىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئالتە ئايلىق بوۋاقلار ھارۋىدا ئۇزاق ئولتۇرسا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق بولغاندا بوۋاقنىڭ ئومۇرتقا تۈۋرۈكى زەخىملىنىشى مۇمكىن.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ئاساسەن تۈز بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى يۇمشاق، ھارۋىدا ئوزاق ئولتۇرسا ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بوۋاقلار دۈمبىسىنىڭ مۇسكۇل كۈچى يېتىشمەيدۇ، ئولتۇرغاندا ئاسانلا ئۈستۈنكى بەدەن ئىگىلىپ، نەپەس ئېلىشى راۋان بولماي قالىدۇ. شۇڭا، ئەگەر بالىنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ، ئۇزاق ۋاقىت ھارۋىدا ئولتۇرۇشقا توغرا كەلگەندە، ئەڭ ياخشىسى بۆشۈك شەكىللىك ھەم سىلكىنىشنى ئازايتىش ئۈنۈمى ياخشى بولغان ھارۋىنى تاللاپ، ئامال بار بوۋاقنى تۈز ياتقۇزۇش كېرەك.

ئالتە ئايلىق بولغاندىن كېيىن، ئوخشىمىغان ياشتىكى بوۋاقلارنىڭ ھارۋىسىنىمۇ ۋاقتىدا تەڭشەپ، بالىنىڭ يېتىلىش ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇش كېرەك. ئالتە ئايدىن بىر ياشقىچە: بالا گەرچە ئولتۇرالايدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئومۇرتقىسى يەنىلا يۇمشاق، نەپەسلىنىش سىستېمىسىمۇ تېخى تولۇق يېتىلىپ بولالمايدۇ، بۇ چاغدا ھەم ئولتۇرۇشقا ھەم يېتىشقا بولىدىغان، يەر يۈزىدىن ئېگىز ھارۋىنى تاللاش كېرەك. 1 ~ 2 يېرىم ياشقىچە: بۇ چاغدا بوۋاق تېتىك، جانلىق بولىدۇ، سىرتقى دۇنياغا نىسبەتەن قىزىقىشى كۈچلۈك، شۇڭا ھارۋا بەك ئېگىز بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئىككى يېرىم ياشتىن تۆت ياشقىچە: بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى تېز بولغاچقا، يېنىك تىپتىكى ھارۋىدا ئولتۇرۇسا مۇۋاپىق بولىدۇ، بۇ چاغدا نۇقتىلىق قىلىپ ھارۋىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلىشىش كېرەك.