ئاپتاپتىن ئۈنۈملۈك ساقلانغاندا...

日期:2020年09月13日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

ئامېرىكا تېرە كېسەللىكلىرى جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر تېرىنىڭ قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باش جىنايەتچى بولۇپ، ئۇنىڭ تېرىگە بولغان زىيىنى ئاساسلىقى ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداش، قېرىش، ئاپتاپتا كۆيۈپ زەخمىلىنىشتىنئىبارەت ئىكەن. ئاپتاپتىن ساقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئاياللاردا قورۇق ۋە قېرىلىق دېغى تېخىمۇ ئاز بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەڭزى قىزىل تۇرىدىكەن، قارىماققا ئەمەلىي يېشىدىن 10~20 ياش كىچىككۆرۈنىدىكەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان «قۇياش ئۇلترا بىنەپشە نۇر رادىياتسىيەسى» دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يەر شارىدا ھەر يىلى 60 مىڭ ئادەم قۇياش نۇرى سەۋەبىدىنئۆلۈپ كېتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 48 مىڭ ئادەم يامان سۈپەتلىك تېرە قارا پىگمېنت ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈپ كېتىدىكەن، يەنە 12 مىڭ ئادەم باشقا تىپتىكى تېرە راكى بىلەن ئۆلىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر ئاياللارنىڭ ياز پەسلىدىلا ئاپتاپتىن ساقلانماي، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئاپتاپتىن ياخشى ساقلىنىشنى ئەسكەرتتى، بۇنداق قىلغاندا ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ تېرىگە بولغان زىيىنىنى ئازايتىپ، تېرىنىڭ قېرىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك تېرە كېسەللىكلىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

ئىككى ياش ئىچىدىكى بوۋاقلارغا نىسبەتەن كىيىم-كېچەك ئارقىلىق ئاپتاپتىن ساقلىنىش ئاساس قىلىنىدۇ، ھامىلىدار ئاياللار ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيىنى نورمال ئىشلەتسە بولىدۇ

بوۋاقلار ۋە بالىلار: بوۋاقلارئاپتاپتىن زىيادە ساقلانغاندا، ۋىتامىن D نىڭ كەم بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ھەر 1 ~3 كۈندە، ھەر قېتىمدا 10 مىنۇت ئەتراپىدا ئاپتاپقا قاقلىغاندا، بوۋاقنىڭ بىر كۈنلۈك ۋىتامىن D بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ.

ھامىلىدار ئاياللار: ئانا بولغۇچىلار ھامىلىدارلىق جەريانىدا ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيىئىشلەتسە، ئادەتتىكى تېرىنى ئاسراش رولىدىن باشقا، يەنە سارغۇچ قوڭۇر داغ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى ئازايتىدۇ ياكى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى تېرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنى توسىدۇ.

ئاپتاپتىن ساقلىنىش بۇيۇملىرى، يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش، ئاسراش بۇيۇملىرىنىڭ بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ

دوختۇرلار فىزىكىلىق ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەھسۇلاتلىرىنى بەكرەك تەۋسىيە قىلىدىكەن، چۈنكى فىزىكىلىق ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەھسۇلاتلىرى رېئاكسىيە پەيدا قىلمايدىكەن؛ خىمىيەلىك ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەھسۇلاتلىرىغا خىمىيەلىك ماددىلار كۆپرەك قوشۇلىدىغان بولغاچقا، ئاسانلا زىيادە سەزگۈرلۈك ۋە ئۇچرىشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئۇ، ئاياللارنىڭ ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەھسۇلاتلىرىنى تاللىغاندا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتتى:

1. ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيىنى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇنتېرىگە سىناق قىلىش كېرەك.

2. ئالدى بىلەن مەھسۇلاتنى قۇلاقنىڭ كەينىگە ياكى بېغىشنىڭ يان تەرىپىگە سۈرۈپ، 10 مىنۇت ئىچىدە قىزىرىش، ئىششىپ ئاغرىش، قىچىشىش قاتارلىق ناچار تەسىرلەرنىڭ كۆرۈلگەن-كۆرۈلمىگەنلىكىنى كۆزىتىش كېرەك.

3. ھازىر بازاردىكى ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىقى ئوتتۇرا دولقۇنلۇق ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. يەنى تېرە ئاپتاپتا كۆيۈپ يارىلىنىش، ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كېتىش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئەمما ئۇزۇن دولقۇنلۇق ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى ياخشى ئەمەس.

4. ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيى سېتىۋالغاندائالدى بىلەن ماتېرىيال تەركىبىجەدۋىلىگە قاراش، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆزىگە رېياكسىيە قىلىدىغان تەركىبنىڭ بار-يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

5. ياز ۋە كۈز پەسلىدە، ئىمكانقەدەر سائەت 10:00دىن 14:00كىچە بولغان بولغان ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋاقىتتاسىرتقا چىقىشتىن ساقلىنىش كېرەك، چوقۇم سىرتقا چىققاندا ئىككى خىل ئاپتاپتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى تەڭ ئېلىپ بېرىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ: ئاپتاپتىن ساقلىنىش كۈنلۈكى، ئاپتاپتىن ساقلىنىش كىيىمى، شەپكە قاتارلىقلار ئارقىلىقكۈن نۇرىنى توسۇش كېرەك، شۇنداقلا كۈن نۇرىدىن ساقلىنىش مېيىنى ئۇدا ئىككى قېتىم سۈرۈش، ھەر ئىككى-ئۈچ سائەتتە بىر قېتىم تولۇقلاپ سۈرۈش كېرەك؛

6. ئاپتاپتىن ساقلايدىغان قوغدىنىش سايمانلىرىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

ئاپتاپتىن ساقلىنىش قەۋىتى بار ئاپتاپتىن ساقلىنىش كۈنلۈكى، چوڭ قالپاقلىق(شەپكە قالپىقىنىڭ كەڭلىكى ئاز دېگەندە 7.5 سانتىمېتىر) شەپكە، قېنىق رەڭلىك كۈن نۇرىنى توسۇش كۆزئەينىكىنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ياخشى ئاپتاپتىن ساقلىنىش ئەسۋابىھېسابلىنىدۇ، يېنىدا ئېلىپ يۈرۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

دوختۇرلار يەنەئادەتتە ئاپتاپتىن ساقلىنىش رولىغا ئىگە يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشنى تەۋسىيە قىلدى. مەسىلەن، شوخلا تېرىدىكى كوللاگېننىڭبۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىشىنى توسۇپ، بەلگىلىك ئاپتاپتىن ساقلىنىش رولىنى ئوينايدۇ؛

لىمون تەركىبىدىكى مول ۋىتامىن C ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ، داغنى سۇسلاشتۇرۇپ، تەر تۆشۈكچىلىرىنى تارايتىپ، مۈڭگۈز ماددا قەۋىتىنى يۇمشىتىدۇ، تېرىنى ئاسراش ۋە ئاپتاپقا قارشى تۇرۇش رولى بار.